بۇ ئۇچرىشىشتا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى، كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە جۇرج بۇشقا مەلۇمات بەرگەنلىكى ھەمدە پرېزىدېنت بۇشتىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىنى ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى.
پرېزىدېنت بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا 10 كۈن قالغاندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن ئاقسارايدا قوبۇل قىلغانلىقى نېمىنىڭ ئىپادىسى؟ شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرى نېمە؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.