بۇش تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈلگە تېلېفون قىلىپ سەبىر تىلىدى

ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇل كونسولوسلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ 3 ساقچى شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلگە تېلېفون قىلىپ ئابدۇللاھ گۈلدىن ۋە ئابدۇللاھ گۈل ئارقىلىق تۈرك ساقچىلىرىنىڭ ئائىلىلىرىدىن سەۋىرە تىلىدى.

0:00 / 0:00

بۇشنىڭ تەزىيىسى

تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرلىقى سارىيى ئاخبارات مەركىزى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: "رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ ئىزدىگەن بۇش بىلەن سۆزلەشتى. بۇش تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئامېرىكا كونسولوسلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى، كونسولوسلىقنى قوغدايمەن دەپ شېھىت بولغان 3 ساقچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، تۈركىيە خەلقىغە ئامېرىكا خەلقى نامىدىن رەخمەت ئېيتىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۇ تەزىيەنى تۈرك خەلقىغە ۋە شېھىتلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئىلتىماس قىلغان. رەئىس جۇمھۇرىمىز ئابدۇللاھ گۈلمۇ بۇشقا رەخمەت ئېيتقاندىن كېيىن، بۇشنىڭ تەزىيەسىنى شېھىت ئائىلىلىرىگە يەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن ئابدۇللا گۈل بۇشقا، تېررورغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمكارلىقنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن. شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان."

4 گۇماندارنىڭ ھەممىسى قولغا چۈشۈرۈلدى

7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ كونسولوسلىقىغا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا، تېررورىستلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا ھۇجۇم قىلغان كىشىلەردىن ئۈچى نەخ مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىرى كەلگەن ماشىنىسى ھەيدەپ قېچىپ كەتكەن ئىدى. ئۈچ كۈن ئىزدەش نەتىجىسىدە بۈگۈن بۇ گۇماندارمۇ ئىستانبۇلدا قولغا چۈشۈرۈلدى.

جەبرايىل قوشان ئاسلان ئىسىملىق بۇ گۇماندار مەن قىلمىدىم دەپ تېنىۋالغان. ھازىرغىچە يەنە 10 گۇماندار تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ قايسى تېررور تەشكىلاتىغا ئەزا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. تېررور مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بەزىلىرى تۈرك مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇلارنىڭ ئەل قائىدە تېررور تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلىرى تۈركىيىدىكى بەزى تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

3 ساقچى شېھىت ئۆز يۇرتلىرىدا دەپىنە قىلىندى

قۇراللىق ئېتىشىش جەريانىدا شېھىت بولغان مەھمەت ساچمالىئوغلۇ، ئەردال ئۆزتاش ۋە نەدىم چالىقلار ئۈچۈن ئىستانبۇل خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدا دەپىنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مۇراسىمغا مىنىستىرلەر، پارلامېنت ئەزالىرى ئىستانبۇل ۋالىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇل كونسولوسى ۋە كونسولوسلىقتا ئىشلەيدىغان ئامېرىكىلىقلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئامېرىكا ئەلچىسى ۋىلسون مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قەھرىمان تۈرك ساقچىلىرىغا رەخمەت ئېيتتى. كېيىن بۇ شېھىتلەرنىڭ جىنازىلىرى تۇغۇلغان يۇرتلىرىغا ئەۋەتىلىپ ئون مىڭلارچە كىشى قاتناشقان جىنازا مۇراسىملىرى بىلەن دەپنە قىلىندى.

كونسولوسلۇقتىكى ئامېرىكىلىقلار تۈركلەرگە ياردەم قىلدىمۇ؟

4 تېررورىست تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدىكى ئامېرىكا كونسولوسلىقىغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە ساقلاۋاتقان كۆپ ساندا كىشى بار ئىكەن. دەل بۇ مەزگىلدە تېررورىستلەر ئامېرىكا كونسولوسلىقىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ كونسولوسلۇققا كىرىشكە تەمشەلگەندە كونسولوسلىقنى قوغداۋاتقان ساقچىلار بىلەن يولدىكى قاتناش ساقچىلىرى تېررورىستلارغا قارشى ئوق چىقىرىپ ئېتىشىپ ئۆلگەن، بەزىلىرى يارىلانغان. بۇ ۋەقەنى نەخ مەيداندا كۆرگەن بەزى كىشىلەر ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋېلىپ سىرتقا چىقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۇ توغرىلىق تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ ھەقتە ئىستانبۇل ۋالىسى مۇھاممەر گۈلەر بىلەن ئامېرىكا كونسۇلخانىسى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ۋالى گۈلەر ئەپەندى يارىلانغان ساقچىلارغا نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىلىقلار ياردەم قىلمىدى؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:"كونسولوسلىق ئىچىدە ئامېرىكىلىق قوغدىغۇچىلار بار. سىنئالغۇ كاسىتلىرىدىن ۋىزا ئۈچۈن ساقلاۋاتقان تۈركلەرنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ كونسولوسلىق ئىچىگە كىرگۈزىۋالغانلىقىنى كۆردۇق. ئەمما ئامېرىكا كونسولوسلۇقىنىڭ ئىشىكلىرى تېررورلۇق ھۇجۇم كەلگەنلىكى سىگنالى كەلگەن ھامان ئاپتوماتىك ئېتىلىپ قالىدىكەن. كونسولوسلىق بىناسى تېررور ھۇجۇمىغا قارشى ئالاھىدە لاھىيىلەپ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن سېلىنغان بىر بىنا ئىكەن."

ئامېرىكا كونسولوسىنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكىلىقلار تۈرك ساقچىلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغان: " تۈرك ساقچىلىرىنىڭ ناھايىتى چىڭ قائىدىلىرى بار. بىز تۈرك ساقچىلىرىنى قوغداشقا تىرىشتۇق. بىز ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدۇق. تۈرك ساقچىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا كونسولوس خادىملىرىمىزدىن بىر قانچە كىشى سىرتقا چىقىپ يارىلانغان ساقچىلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشتى. تۈرك ساقچىلىرى بىزنى قوغداش ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلدى. بىز ئۇلارغا رەخمەت ئېيتىمىز."

خەلقئارا قانۇن بويىچە، ئامېرىكىلىقلار كونسولوسلىقنىڭ سىرتىغا چىققاندا تۈرك زېمىنىغا ئاياق باسقان بولىدىكەن. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋاللاردا ئامېرىكىلىق قوغدىغۇچىلارنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ تېررورىستلار بىلەن ئېتىشىشى قانۇنغا خىلاپ ئىكەن.

تۈركىيىدىكى پۈتۈن سىياسىي پارتىيىلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.