لېكىن بەزى ئانالىزچىلار ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇشنىڭ خۇ جىنتاۋنى قايىل قىلىش كۈچىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش تەشكىلاتلار پرېزىدېنت بۇشنىڭ كېلەر ئاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغاندا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، دىنىي زاتلارنى زىيارەت قىلىش، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىملىقى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا خىتاي رەھبەرلىرىگە " ئاشكارا ۋە قاتتىق ئىپادە بىلدۈرۈش"نى تەلەپ قىلماقتا. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ت. كۇمارنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا " بىز پرېزىدېنت بۇشنىڭ بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە سىياسى مەھبۇسلار، تەن جازاسى ۋە جىسمانىي قىيناش، ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىق كىشىلەر دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەردە ئاشكارا ۋە قاتتىق ئىپادە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز " دەپ تەكىتلىگەن.
پرېزىدېنت بۇش ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىقلار ئاقسارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ، بۇش ھۆكۈمىتىگە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە يەنە پىكىر بېرىشى مۇمكىن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى ت. كۇمار ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشنىڭ 28 - ئىيۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، سۆھبەت پرېزىدېنت بۇشنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى خادلېي بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەگەر 28 - ئىيۇلدىكى سۆھبەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قاتناشسا بۇ مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ يېقىنقى 15 كۈن ئىچىدە ئاقسارايدىكى ئەمەلدارلار بىلەن 2 - قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ قالىدۇ. ۋاشىنگتوندىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، ئالدىنقى كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاقسارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى دائىمىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىش ئېھتىمالى ئۆزلىرىدە قايغۇ يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچى خادىمى ئەمي رىگېر خانىم، ئاقسارايدىكى سۆھبەتنىڭ كونكرىت مەزمۇنى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ كونكرىت تەلەپلىرىگە دائىر مەسىلىلەردە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقى، لېكىن بۇ تەلەپلەرنىڭ"تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ياتىدىغان ۋەقەلەرگە چېتىلىدىغانلىقى" نى بىلدۈردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پرېزىدېنت بۇشنى خىتاي مەسىلىسىدە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىرىشنىڭ سەل ئالدىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى پرېزىدېنت بۇشنىڭ بېيجىڭدىكى مەزگىلدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، دىنىي ساھەدىكى زاتلار بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئاخباراتتا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى فېلىس گىر مۇنداق دېگەن": خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنى جۈملىدىن پىكىر ئەركىنلىكى، ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئاساسەن 2008 - يىلقى ئولىمپىك يىغىنى بىلەن تەقدىرلىگەن ئىدى....... لېكىن كومىتېتىمىز خىتاينىڭ بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى، دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا، دېگەن خۇلاسىگە كەلدى."
مەزكۇر كومىتېت پرېزىدېنت بۇشنىڭ خىتايغا بارغاندا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ، تۆۋەندىكى مەسىلىلەردە بەزى تەكلىپ - پىكىرلەرنى بەرگەن ئىدى. بۇ تەكلىپ - پىكىرلەر ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشى، تەرەپسىز ئورگانلارنىڭ دالاي لاما تاللىغان 14 - بەنچېن يەنى گېدون چوكې نيىمانى زىيارەت قىلىشى، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرىنى قويۇۋېتىش، تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى توختىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى ئانالىزچىلار ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئالدىدىكى بىر رەھبەرنىڭ خىتاي باشلىقلىرىنى قايىل قىلالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت مۇلاھىزىچىسى فاڭ جۆي ئەپەندى بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ ": ئالدى بىلەن پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىشى پۈتۈنلەي شەخسى پائالىيەت. چۈنكى ئولىمپىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك پائالىيەت ئەمەس. بۇ بىر ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى. شۇڭا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشى پۈتۈنلەي شەخسى بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەسىلىنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن....... ئۇ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن جۇڭگونى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇ خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بىلەن بەزى مەسىلىلەرنى سۆزلىشىشى مۇمكىن. سۆھبەت مەزمۇنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن بۇ سۆھبەتتىكى مۇھىم تېما ئەمەس....... لېكىن ئۇ قوشۇمچە تېما سۈپىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە مىللىيلارنىڭ ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن......مېنىڭچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئەمەلىيەتچى، بۇشنىڭ پەقەت بىر قانچە ئايلا ۋاقتى قالغانلىقى ئۇلارغا مەلۇم. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو سىياسىتىدە يېڭى ھەرىكەت بولمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم بۇشنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا قويۇشى مۇمكىن." لېكىن فاڭ جۆي خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك مەسىلە ئۆكتىچىلەر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. "ھازىرقى ئەڭ جىددىي مەسىلە ئۆكتىچى زاتلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى يەڭگىللىتىش،"دەپ تەكىتلىگەن فاڭ جۆي" بۇ يەردىكى يەڭگىللىتىش خەنزۇ ئۆكتىچىلەرگىلا قارىتىلماسلىقى كېرەك. بۇ شىنجاڭ، شىزاڭدىكى ۋە باشقا مىللىي ئۆكتىچى زاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم. ئولىمپىك ھارپىسىدا جۇڭگو مىللىيلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتتى....... ئەمەلىيەتتە جۇڭگودىكى مىللىيلار بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە زاڭزۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆكتىچى زاتلار ناھايىتى كۆپ، ئۇلار دۇچ كەلگەن زۇلۇم ناھايىتى شەپقەتسىز. خەنزۇلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشى يېتەرسىز " دەيدۇ.
پرېزىدېنت ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ ئىچىدە ناھايىتى دىندار شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئاخباراتىدا كومىتېت رەئىسى فېلىس گىر مۇنداق دېگەن": بىز پرېزىدېنت بۇشنىڭ خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە ناھايىتى تۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىز ئۇنىڭ بۇ تۇيغۇنلۇقىنى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن خىتاي رەھبەرلىكىگە يەتكۈزۈپلا قالماي، خىتاي خەلقىغىمۇ ئوخشاش يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز."