بۇش، ئامېرىكا خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. بۇش خىتايغا يېتىپ كېلىشتىن سەلبۇرۇن تايلاند پايتەختى بانكوك شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ئاشكارە تەنقىدلىگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇشنىڭ بانكوكتىكى سۆزى بۇش ھاكىمىيەت سورىغان 8 يىلدىن بېرى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلغان نۇتۇقلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.

پرېزىدېنت بۇش پەيشەنبە كۈنى تايلاندنىڭ بانكوك شەھىرىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلىگەن، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز خەلقىنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزگىلى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 4 ‏ - ئاۋغۇست قەشقەر "سەمەن يولى ۋەقەسى" مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ - كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كەلدى.

بۇش پەيشەنبە كۈنى يەنى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىشنىڭ ھارپىسىدا سۆزلىگەن بانكوكتىكى نۇتۇقىدا خىتاي - ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ماختىدى، لېكىن خىتاينىڭ سىياسىي، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرغانلىقىغا " قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى"نى بىلدۈردى. ۋەزىپە مۇددىتى كېلەر يىلى 1 ‏ - ئايدا توشىدىغان پرېزىدېنت بۇشنىڭ بانكوكتىكى نۇتىقى ئاسىيا ئەللىرىگە سۆزلىگەن ئاخىرقى ئەڭ جىددىي نۇتۇقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

" ئامېرىكىنىڭ مەتبۇئات، يىغىلىش ۋە ئەمگەك ھوقۇقىنى تەكىتلىگەنلىكى خىتاي رەھبەرلىرىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقى بولماي، بەلكى بۇ خىتاينىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى توغرا يۆلۈنۈشكە يېتەكلەشنىڭ بىردىن ‏ - بىر يولى ئىكەنلىكىدۇر " دەپ تەكىتلىگەن بۇش، خىتاينى ئۆز خەلقىغە ئىشىنىشكە ئۇلارغا ئەركىنلىك بېرىشكە ئۈندەيدۇ. بۇش مۇنداق دەيدۇ:" ئامېرىكا خىتاي خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەبئىي ھوقۇقى بولغان ئاساسى ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا خىتاينىڭ سىياسى ئۆكتىچىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئېچىۋېتىش، ۋە ئادالەتنى تەكىتلىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىنى تېڭىش ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشى ئۈچۈندۇر."

بۇشنىڭ بانكوكتىكى خانىش سىرىكىت مىللىي يىغىن زالىدا سۆزلىگەن نۇتىقى بېيجىڭ دائىرىلىرىگە بېرىلگەن ناھايىتى ئاشكارە بىشارەت، دەپ قارالماقتا. لېكىن بۇش يەنە خىتاينىڭ كېيىنكى 20 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادى لىبىرالىزىمىنى ماختاش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ" خىتاينىڭ ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دەۋر ئېقىمى، تارىخىي ۋە ئەنئەنىسى بىلەن يېتىپ كېلىشى كېرەك ئىدى. ئۆزگىرىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى. شۇنىسى مەلۇمكى، ئۆز ۋىجدانىنى ئىپادىلەش، ئۆزىنىڭ خۇداسىغا ئىبادەت قىلىش خىتاينىڭ كېلەچىكىگە تەھدىت سالمايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم كۆرىدۇ. بۇ كىشىلەر خىتاينى 21 ‏ - ئەسىردىكى ئۇلۇغ بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرغۇچىلاردۇر " دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت بۇش يەنە، خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادى كۈچ بولۇش سۈپىتىدە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرىنى خاتىرىلەتتى. بۇش "بىز شۇنى تەكىتلىمەكچى، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئېنېرگىيىدىن ئېكىئولوگىيىگىچە شۇنداقلا ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىدا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى شەرت قىلىدۇ،" دەيدۇ.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ شەرقىي ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر نۇقتىسى ئۇنىڭ بېيجىڭ سەپىرىدۇر. بۇش ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى بېسىملارغا تېز پۈكمەي، ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋغا دىنىي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىلەرنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كرىشتايىن يوڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ياردەمچى ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل پرېزىدېنت بۇشنىڭ تايلانددىكى نۇتىقىنى ئۇنىڭ خىتايغا قاراتقان ئەڭ كۈچلۈك نۇتۇقلىرىنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى.

بۇش بېيجىڭغا سەپەر قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن يېقىندا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلارنى ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىپ، ئۇلار بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. رابىيە قادىر، ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالغانلىقى، بۇشنىڭ باستۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدا خۇ جىنتاۋغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەكىتلىگەن، بۇش بولسا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن دۈشەنبە كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن 16 نەپەر خىتاي ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بۇ ۋەقە بۇشنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇشىغا توسالغۇ بولامدۇ ؟ كرىشتايىن يوڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىدىكى نۇرى تۈركەل قەشقەردىكى ۋەقە بۇشنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇش تايلاندتىكى نۇتۇقىدا يەنە، ئاسىيا ئەللىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش، بېرمادىكى ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە خاتىمە بېرىش ئۈستىدە توختىلىپ، بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنى بېرما ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئاڭسەن سۇچى ۋە تۈرمىدىكى سىياسى ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە بۇش مۇنداق دەيدۇ: "ئامېرىكا پيوڭياڭ ھاكىمىيىتىگە قاتتىق قول ھۆكۈمرانلىققا خاتىمە بېرىپ، شىمالىي كورىيە خەلقىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىدۇ."