ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇخەلچەم رۇسۇلغا ماددىي ۋە مەنىۋى ياردىمى داۋام قىلماقتا

ئۇيغۇر ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، پەقەت ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ياردىمىگە تايىنىپلا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مىڭلارچە مىساللار بىلەن ئىسپاتلانماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىختىساس ئىگىلىرىنى يۆلەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تېگىشلىك ئىمكانلارنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن شوئار ۋە چاقىرىقلارنى تەكرارلاپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ پەقەتلا رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگىلا قارىتىلغانلىقى، ئۇيغۇر ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بولسا دۆلەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ پەقەت ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ياردىمىگە تايىنىپلا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مىڭلارچە مىساللار بىلەن ئىسپاتلانماقتا. مانا بۇ مىساللاردىن بىرى ئاقسۇ شەھىرىدىكى سابىق كارخانىچى بۇخەلچەم رۇسۇلنىڭ كەچۈرمىشلىرىدۇر.

بۇخەلچەم رۇسۇل 1996-يىلى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئاقسۇ شەھىرىدە بىر كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى ئاچقاندا، ئالدى بىلەن شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. جەمئىيەتتىن ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان مەدھىيە خەتلىرى، ئالقىش تېلېفونلىرى 25 ياشلىق كارخانىچى بۇخەلچەم رۇسۇلنىڭ روھىغا كۈچ قاتقان. ئۇنىڭ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانى تېزلا يۈكسىلىشكە باشلىغاندا، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش تەكلىپىنى سۇنغان. ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا، مەكتەپنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى، كەسىپ تۈرلىرىنى كۆپەيتىشنى تەۋسىيە قىلغان ۋە بۇ تۈر بويىچە بۇخەلچەمگە 500 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ھۆججەتمۇ چۈشۈرگەن. بۇخەلچەم بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپنىڭ نامىنى ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپى بويىچە «مېيىپ ياشلار كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» گە ئۆزگەرتكەن. بۇخەلچەم ھۆكۈمەت بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىگە بىنائەن شەھەر ياقىسىدىن 3 مو يەر سېتىۋالغان. لېكىن، شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ خىتاي باشلىقى ھۆكۈمەت ۋەدە قىلغان 500 مىڭ يۈەن قەرزنى بەرمىگەن. بۇخەلچەمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئاقساپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم قىلىشتىن يېنىۋالغانلىقىنى ئۇققان شەھەردىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر، بۇخەلچەمنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرغان؛ ئۇلار ھەر بىرى بۇخەلچەمگە 10مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگە قەدەر ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ، ئۇنى مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن. بۇخەلچەم جەمئىيەتنىڭ ياردىمى بىلەن 21 ئېغىز ئۆيى بولغان مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان. مەكتەپتىكى ئەسلىدىكى تىككۈچىلىك كەسپىگە، ئاشپەزلىك ۋە ئېلېكتر سايمانلىرى رېمونتچىلىق كەسپىي قېتىلغان. مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار سانى 200 گە يەتكەن.

ئاقسۇ شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ئايال كارخانىچىنىڭ باش كۆتۈرۈشى، بولۇپمۇ ئۇنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى ئاقسۇدىكى خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغان. دائىرىلەر بۇخەلچەمنىڭ ئىشلىرىدىن پۇتاق تېپىشقا، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشقا باشلىغان. 2000-يىلىغا كەلگەندە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئورنىغا ساياھەت رايونى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەكتەپنى تاقاشنى بۇيرۇغان. بۇخەلچەم، بۇ مەكتەپنى سېلىش ئۈچۈن جەمئىيەتتىن قەرز ئالغانلىقىنى، بۇ قەرزنى قايتۇرماي تۇرۇپ مەكتەپنى تاقىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەگەر تاقاش ھۆكۈمەتكە چوقۇم زۆرۈر بولسا، مەكتەپنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى زوراۋانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ تۆلەم تۆلەشنىمۇ رەت قىلغان ۋە ئالدى بىلەن مەكتەپنىڭ قورۇق تاملىرىنى ئارقىدىن مەكتەپنىڭ سىنىپ، ياتاق، تەجرىبىخانا، ئائىلىلىك ئۆيىنىمۇ چېقىپ تاشلىغان.

ئاقىۋەتتە ياش كارخانىچى بۇخەلچەم، ئىش-تىجارىتىدىن ۋە ئۆي-ماكانىدىن مەھرۇم قالغان، بۇنىڭ بىلەن تەڭ زور مىقداردىكى قەرز بۇخەلچەمنىڭ بوينىغا يۈكلەنگەن. بۇخەلچەم يىقىلغاندا، ئۇنى يۆلىگەن ۋە مەدەت بەرگۈچىلەر يەنىلا ئۇيغۇرلار بولغان. بۇرۇن ئۇنىڭغا قەرز بېرىپ تۇرغانلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭدىن قەرزىنى سۈيلىمىگەن؛ ئۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئۇنى يەنە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يۆلەپ تۇرغان. ئۇنىڭ مەكتىپىدە تەلىم ئېلىپ جەمئىيەتتە يول تاپقان ئوقۇغۇچىلارمۇ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشىگە ياردەم بەرگەن.

خىتاينىڭ سوتسىيالىستىك مائارىپ ۋە ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى بويىچە، ئۇيغۇرلار مىللىي مائارىپتىن، دىنىي تەربىيىدىن ئۇزاق تۇتۇلماقتا. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىدىكى مەقسەت پەقەتلا بىر، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنى مىللىي روھتىن، ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق مېھرىدىن، ئۆز-ئارا كۆيۈنۈشتىن ۋە ئۆز -ئارا ھەمكارلىقتىن مەھرۇم قالدۇرۇش، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتۇر. بۇخەلچەم رۇسۇلنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، ئۈز قوۋمىنىڭ مېھرى-شەپقىتىگە ئېرىشكەنلىكى ۋە شۇ مېھرى-مۇھەببەت بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ يۇقىرىقى مەقسەتلىرىگە يىتەلمىگەنلىكىگە ئىسپات ۋە يېتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشارەت دەپ قارالماقتا.