بۇيلۇقلۇقلار: بىز ھەرگىز كۆچمەيمىز!

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى تۇرپاندىكى 5 ئا دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بويلۇق مەنزىرىلىك رايونىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزگەنلىكىنى، پىلانغا ئاساسەن بەش يىل ئىچىدە بۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق 1500 ئائىلىنى تۇرپاندا يېڭى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان رايونغا كۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇيلۇقتىكى ئاھالىلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيادىن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كېلىۋاتقان يالقۇنتاغ باغرىدىكى جەننەت دەپ ئاتالغان بۇيلۇقمۇ بىر مەبلەغ سالغۇچى كۆچمەن خىتاي تەرىپىدىن كۆتۈرۈۋېلىنغان بولۇپ، يەرلىك ئامما بولسا «ئاتا-بوۋىمىز ياشاپ كەلگەن، بىزگە نان بېرىۋاتقان بۇ ماكاندىن ھەرگىز كۆچمەيمىز !» دەيدۇ. نۆۋەتتە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان مەلۇمات دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

بۇيلۇق-تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئۈزۈمچىلىك يېزىسىدا، شەرق تەرىپىنى بولسا يالقۇنتاغ تىزمىسى ئوراپ تۇرىدىغان ساياھەت رايونى. ياز كۈنلىرى تۇرپاندىكى ئەڭ سالقىن جاي، تۇرپاننىڭ تازا تومۇزدىكى تېمپېراتۇرىسى 45 سېلسىيە گرادۇسقا كۆتۈرۈلگەندىمۇ، بۇيلۇقنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۇنىڭدىن ئون-ئونبەش گرادۇسقىچە تۆۋەن تۇرىدۇ، يالقۇنتاغ قۇچاقلاپ تۇرغان بۇ يېشىل چىمەنلىك، ھاۋاسىنىڭ ساپ، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى، ئادەملىرىنىڭ مېھماندوست، ئۈزۈملىرىنىڭ شېرىن شەربەتلىكى بىلەن ساياھەتچىلەرنى مەپتۇن قىلىپ كەلمەكتە. بۇيلۇقتىكى چىم-چىم بۇلاقلار، ئالتۇن بېلىقلار ئۈزۈپ ئويناۋاتقان كۆل، ئوت يۈرەك مېھماندوست خەلق، جىلۋىدار بۇ مۆجىزىلىك سەيلىگاھ ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىمۇ بىر كۆرۈپلا قەلەم تەۋرىتىشكە ئىلھاملاندۇرغان بولۇپ شائىر بۇيلۇقنىڭ گۈزەللىكنى مۇنداق دەپ مىسرالارغا پۈتكەن:

بىر كۆرۈپ ھۆسنىنى ئەي دىلبەر ماكان،
بار ۋۇجۇدۇم بولدى مەپتۇن ئۇشبۇئان.

قاينىغاچ دىلدا ئىلھام بۇلاقىم جۇش ئۇرۇپ،
ئۇچتى پىكرىم كەڭ سامادا قۇش بولۇپ.

بىر قەدىمى تاغ باشى قاقاس،
باغرىدا چاقنار ئىكەن گۈل ئەتىياز.

شۇ قاقاس تاغدىن تامار چىم-چىم بۇلاق،
مەرۋايىتتەك تامچىسى زەپ پارقىراق.

ئەي گۈزەل بويلۇق دېگەن جەننەت ماكان،
كىم ساڭا بەرمەس كۆڭۈل كۆرگەن ھامان.
....

يېشىل مەرۋايىت، ئوت يۇرتىدىكى جەننەت دېگەندەك ئاجايىپ سېھىرلىك ناملارغا ئىگە بۇ مۆجىزىلىك ماكان يەنە 210 خىلدىن ئارتۇق ئۈزۈم تۈرلىرىگە ئىگە ھوسۇللۇق ئۈزۈملۈك ۋە شېرىن شەربەت مېۋە-چېۋە ماكانىدۇر. تۇرپاننىڭ ساياھەت ئۇچۇرلىرىدا، بويلۇق 2004-يىلى بېلەتلىك، رەسمىي ساياھەت رايونى قىلىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان يىلىغا 8 مىليون ئەتراپىدا ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە دەپ كۆرسىتىلگەن.

20 نەچچە يىل ئىلگىرى تۇرپاننىڭ ساياھەتچىلىكى بويلۇق سەيلىگاھىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن باشلىنىپ، بويلۇق نۆۋەتتە 5 ئا دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسىدۇر.

دائىرىلەر ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى بۇيلۇقنىڭ ساياھەتچىلىكىنى يەنىمۇ يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۇ ساياھەت ئورنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. بۇ پىلاننىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن بۇيلۇقتا ياشاپ كەلگەن ئاھالىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈشى شەرت ئىكەن.

يەنى تۇرپان بويلۇق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش مۇدىرى يۈ چىڭمىڭ خىتاي خەلق تورى مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن:
-بۇ يىل 9-ئايدا بويلۇق مەنزىرە رايونىدىكى 210 ئائىلە باشلامچىلىق قىلىپ كۆكەرتىشكە يەر بوشىتىش ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ. بەش يىل ئىچىدە بۇيلۇقتىكى 2600 ئائىلىلىكنىڭ 1500ئى بويلۇق باغلىرىدىن كۆچۈپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇلار كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن مەبلەغ سېلىپ خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 50 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بويلۇق مەنزىرە رايونىنى قايتا قۇرۇپ چىقىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە 20 مىليارد يۈەن ئائىلىلىكلەرنى كۆچۈرۈشكە سەرپ قىلىنىدۇ.
يۈ چىڭمىڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇيلۇقنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانى بويىچە ئۆيىدىن ۋاز كەچكەن ئاھالىلەر 20 مىڭ يۈەندىن ئۆي سېتىۋېلىش تولۇقلىما ياردەم سوممىسىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر بۇيلۇقلۇق دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ بۇيلۇقتىكى 180 دىن ئارتۇق ئائىلە ساياھەت نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى ئۈزۈمچىلىكتىن 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغاندىن باشقا 5-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان تۇرپان ساياھەت پەسلىدە ئۆز ئۆيىدە ساياھەتچىلەرنى مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەردىن ھۇزۇرلاندۇرۇش، ئائىلە تائاملىرىرىدىن غىزالاندۇرۇشقا ئوخشاش مۇلازىمەتلەر بىلەنلا يەنە قوشۇمچە 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدىكەن. ئەمما، نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىر ئوغلىنى بويلۇق ساياھەت نۇقتىسىدا خىزمەتكە قوبۇل قىلىشنى ھۆددە قىلىپ، ساياھەت رايونى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى پىلانىغا ماسلىشىپ ئۆز ئۆيى ۋە يېرىدىن ۋاز كېچىشكە رىغبەتلەندۈرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما، دائىرىلەرنىڭ بۇيلۇقنى ئۆزگەرتىش پىلانى كۆپ ساندىكى يەرلىك ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ماس كەلمىگەن. يەنى بويلۇق ساياھەت رايونىدىكى بىر ئۇيغۇر موماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇيلۇقلۇقلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پىلانىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى، ھېچكىم بىزنى بۇ جەننەت ماكاندىن كۆچۈرۈۋېتەلمەيدۇ دەپ ئۈمىدىنى يەرلىك كادىرلارغا باغلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بويلۇق ساياھەت رايونىدىكى بىر يەرلىك كادىر بولسا، ھەتتا بۇيلۇقنىڭ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇش پىلانى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.