تۈركىيە «بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى» نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا د ئۇ ق ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيىلەر 4 يىلدا بىر قۇرۇلتاي چاقىرىپ پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارىنى سايلاپ چىقىدۇ.

0:00 / 0:00

تۈركىيىدىكى چوڭ پارتىيىلەردىن بىرى بولغان «بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى» 1-ئاينىڭ 29-كۈنى چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىپ پارتىيە باشلىقىنى سايلاپ چىقتى.

قۇرۇلتايغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قاتناشتى. بۇ پارتىيىنىڭ قۇرۇلتىيىغا تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن پارتىيە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. قۇرۇلتايدا، ھازىرغىچە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ھۆرمەتلىك مۇستافا دەستىچى ئەپەندى يەنە نامزات بولدى.

buyuk-birlik-partiyisi-yighin-zali-385.jpg
تۈركىيە «بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى» نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى يىغىن زالىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 29-يانۋار. (RFA/Erkin Tarim)

قۇرۇلتايغا تۈركىيىدە ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان ئاق پارتىيە مۇئاۋىن باشلىقى سالىھ قاپۇسۇز باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى رەشات دوغرۇ، سادەت پارتىيىسى ۋە خاس پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسلىرى قاتناشتى.

بۇ قۇرۇلتايغا ھەرقايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەت ۋە تۈركىي مىللەتلەردىن ۋەكىللەرمۇ قاتناشتى. بۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئەزەربەيجاننىڭ ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن مۇساۋات پارتىيىسى رەئىسى ئىسا قەمبەر باشچىلىقىدىكى ھەيئەتمۇ قاتناشتى. بۇلاردىن باشقا ئافغانىستان ئۆزبېكلىرىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت دوستۇمنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئىراق تۈركمەنلىرى، غەربىي تراكيا، كوسوۋودىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى شۇنداقلا سايلانغاندىن كېيىن تەشەككۈر نۇتقى سۆزلىگەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھەر ئىككىلا نۇتقىدا تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

سايلامدىن كېيىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قايتا پارتىيە رەئىسلىكىگە سايلانغان مۇستافا دەستىچى ئەپەندىنى تەبرىكلىدى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى.

«بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى» بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيىلەردىن بىرى. مەزكۇر پارتىيىنىڭ سابىق باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا تېپىشتىن بۇرۇن خىتاي دۆلىتىنىڭ بېسىمىغا پىسەنت قىلماستىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىپ تۇراتتى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ مۇئاۋىن ئەلچىسى كۆپ قېتىم بۇ پارتىيىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقان بولسىمۇ،بىراق بۇ پارتىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە.

قۇرۇلتايدىن كېيىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھاسان ھۈسەيىن ئەپەندى پارتىيىسىنىڭ تۈرك دۇنياسى بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«پارتىيىمىز قاتتىق سوغۇققا قارىماستىن 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى. تۈرك دۇنياسى ھەققىدىكى سىياسىتىمىز بۇرۇن قانداق بولغان بولسا بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ بىزنىڭ مەسىلىمىز. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مەسىلىسىمۇ بىزنىڭ مەسىلىمىز. تۈرك ئىسلام دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز مەسىلىمىز دەپ قارايتتۇق. بۈگۈنمۇ شۇنداق قارايمىز. قۇرۇلتايدىن كېيىن پارتىيىمىز كۈچلەنگەنسېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىمىز.»

ھاسان ھۈسەيىن ئەپەندى پارتىيىسى كۈچلىنىپ تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەن تەقدىردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.