تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يالچىن توپچۇ بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت

يېقىندا، يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىن ئىستانبۇلغا كەلگەن تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك يالچىن توپچۇ ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.04.07
Buyuk-Birlik-Partiyisi-yalchin-topchu-Turkiye-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻳﺎﻟﭽﯩﻦ ﺗﻮﭘﭽﯘ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
RFA Photo / Arslan

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۇۋاتقان، شۇنداقلا تۈرك دۇنياسى قۇرۇش، ئادرىياتىكتىن سەددىچىن سېپىلىغىچە تۈركىستان دۇنياسى قۇرۇش' شۇئارى ئاستىدا پائالىيەت قىلىدىغان سىياسىي پارتىيە. نۆۋەتتە، بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك يالچىن توپچۇ ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

سوئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم بۈيۈك بىرلىك پارتىيسى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟

جاۋاب: شەرقىي تۈركىستان مېنىڭ 14 يېشىمدىن بىرى خىيالىمدا ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئادرىئاتىكتىن سەددىچىن سېپىلىغىچە بىرلەشكەن بىر تۈركىستان دۇنياسى قۇرۇش ئارزۇلىرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ياقۇت كۆزى بولغان بىر چېگرا رايون. شەرقىي تۈركىستاننى خىيال قىلىش 15 يېشىمدا يىلدىرىم بەيازىت ئوقۇغۇچىلار يۇرتى باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىدا رەھمەتلىك مۇھسىن يازىجىئوغلۇ بىلەن بىر كىتابتا ئوسمان باتۇرنى خىتاي ئەسكەرلىرى ئۆلتۈرۈش ئالدىدا تارتىلغان رەسىمىنى كۆرۈش بىلەن تەڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئويلاشقا، خىيال قىلىشقا باشلىدىم. بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرى بۇ خىل چۈشەنچە ئىچىدە، ئەلۋەتتە قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار، قەتلىئاملار ۋە ئاتوم بومبىسى سىناق قىلىش، ئىنسانغا زۇلۇم قىلىشنى، قىرغىنچىلىق قىلىشنى پۈتكۈل ھۆر دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، خىتاي 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەلىرىدىن ئىلگىرى ئادەتتە ھۆر دۇنياغا ۋە تۈركىيىگە ئۆزىنى كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سۈپىتى بىلەن ئۇ يەرگە بارغان بىر پارتىيىنىڭ رەئىسى قايتىۋاتقاندا، ئۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى ئىپادىلەيدىغان ئون مىڭلارچە جىددىيلىك ئەسەرلەرنىڭ كۆيدۈرۈلىشى، تىلىنىڭ چەكلىنىشى، مەكتەپلەردىكى بېسىملار، ۋە نەتىجە ئېتىبارى بىلەن جۇمھۇرىيەت رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك ئابدۇللاھگۈلنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشى بىلەن تەڭ ئۇ يەردىكى بىر ئۇيۇنجۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىمىزغا ئالاقىدار ئىشلەنگەن زۇلۇم ۋە بېسىملار نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستانلىق يىگىت ‏- ئەزىمەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىشى ۋە تەڭ كېچىدە خىتاي قۇراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن 200، 300 كىشىنى قوغلاپ ئوۋ ئوۋلىغاندەك قوغلاپ ئۆلتۈرۈشلىرى، ھەق ئىزدەپ ھۆكۈمەت بىناسىغا بارغان كىشىلەرگە پەرۋاسىزلىق بىلەن ئوق ئېتىشى بىلەن باشلانغان 5 ‏- ئىيۇلدىكى ۋەقەلەر يۈرەكلىرىمىزنى تېخىمۇ ئاغرىتتى ۋە ئازابلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئەلۋەتتە ئاناتولىيىدىكى بۈيۈك تۈرك مىللىتى ھەر دائىم كۆڭلى بىلەن ۋىجدانى بىلەن قەلبى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسارەت ئاستىدا قالغان قان ‏- قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا بولدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئاناتولىيىدىكى سىياسىي ھاكىمىيەتلەر، بۈيۈك مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئىرادىسىنى، شەرقىي تۈركىستانغا بولغان بۇ سەزگۈرلۈكنى مىللەتنىڭ ۋىجدانىغا مەلھەم بولغىدەك بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقارمىدى.

سوئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، سىلەرنىڭ پارتىيە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قانداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟

جاۋاب: رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىش ۋىزسىغا ئالاقىدار مەرھۇم مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ھايات ۋاقتىدا، تۈركىيە پارلامېنتىدىن سوئال سوراپ بىر مەكتۇب سۇنغان ئىدۇق. مەن ئۈمىد قىلىمەنكى، ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن مەن بىر قانچە تېلىۋېزىيىلەردە سۆز قىلىپ باش مىنىستىرغا بۇ ھەقتە چاقىرىق قىلغاندىن كېيىن باش مىنىستىرنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ماڭا كېلىپ، ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بۇيرۇق بەردى، دېگەن ئىدى. مەن ئۇلارغا، بۇ يېتەرلىك ئەمەس بۇنى خەلق ئاممىسىغا ئېلان قىلىش كېرەك دېدىم. نەتىجىدە ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر ئاخباراتلار ئارقىلىق، رابىيە قادىر خالىسا بىز ۋىزا بىرىمىز دەپ خەلق ئاممىسىغا ئېلان قىلدى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى تۈركىيە باش مىنىستىرى بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرىدۇ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ ۋىزا مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۈيۈك تۈرك خەلقىنىڭ ئىرادىسىدىكى بۇ مۇھىم قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىدۇ ۋە ئاناتۇلىيە ئىنسانلىرى بىلەن، بۈيۈك تۈرك مىللىتى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئەسلىدە پۈتكۈل دۇنيا تۈركلىرى ئۈچۈن، پۈتكۈل مەزلۇم مىللەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ھەرىكەت قىلىنغان بولىدۇ. چۈنكى پۈتكۈل تۈركىيىنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقانلار شۇنى بىلىش كېرەككى، شەرقىي تۈركىستاندا بىر ئىش بولغان ھامان ئۇلار دىققىتىنى تۈركىيىگە قارىتىدۇ، كەركۈكتە بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان دىققىتىنى تۈركىيىگە قارىتىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، كوسۇۋادا، قاراباغدا، كەشمىردە، پەلەستىندە بىر قەتلىئام بولغان ھامان، بىرەر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەرگەن ھامان، پۈتكۈل بۇ مەزلۇم مىللەتلەر يۈزلىرىنى ئەنقەرە تەرەپكە بۇرايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى، بىزنىڭ شانلىق تارىخىمىز، بىزنىڭ ئەجدادىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر بۇ مىراسقا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان خىزمەتلەرنى قىلىش لازىم، ھۆكۈمەت بۈيۈك تۈرك مىللىتىنىڭ، چۈشەنچە ۋە ئىرادىسىنى ئۆز ئىقلىمىزىدىكى قانداشلىرىمىزغا، قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە دىنداشلىرىمىزغا قارىتا مىللەتنىڭ ۋىجدانىدىكى ئىرادىسىنى ھۆكۈمەت قولى بىلەن كۆتۈرۈشى كېرەك، مەن بۇلارنى دېيىشتىكى مەقسىتىم، بىزنىڭ ھۆكۈمەت دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلسۇن دېمەكچى ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان دېگەن يەرنىڭ بارلىقى ئەسلىدە ياخشى ئاڭلىتىلسا، دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەر تەرەققى قىلىنسا، خەلقئارادا كۈچلۈك بىر شەكىلدە مۇداپىئە قىلىنسا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھازىرقىدىن تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن بولاتتى، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش مۇمكىن، شەرقىي تۈركىستان خىتايلاردىن كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ، خەلقئارالىق كېلىشىملەردىن كېلىپ چىققان ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ يوقىلىشىنى خالايدۇ، تۈركىيە بۇنىڭ قارىتا تېخىمۇ جاسارەتلىك ۋە مىللەتنىڭ ئىرادىسى تەقەززا قىلغاننى ئىشلەشكە تىرىشىۋاتىدۇ، ئەمما مېنىڭچە بىر ئاز ئاستا بولىۋاتىدۇ، ھۆر دۇنيا سۈكۈتتە قېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىمەن ۋە ئۈمىد قىلىمەنكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ بەرگەن ۋەدىسى يەردە قالمايدۇ، رابىيە قادىرخانىمغا ئالاقىدار ۋىزا بېرىش بۇيرۇقى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىيىلىشىدۇ ۋە ئاناتولىيە تۈركلىرى بۇنىڭدىن مەمنۇن بولىدۇ، دۇنيا تۈركلىرى شۇنداقلا مەزلۇم مىللەتلەر مەمنۇن بولىدۇ.

سوئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان سۆزىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز شۇنى بىلسۇنكى، ئۇلارنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدا سۆيگۈ ۋە تىنچلىق گۈلى بولىۋاتىدۇ، نەتىجىدە قان تۆككەن دۈشمەنلەرگە قارشى ئۇ گۈللەردىكى مىڭلارچە تىكەنگە ئوخشاش بولىۋاتىدۇ، قىزىل خىتاي، كوممۇنىست خىتاي بۇ تۆككەن قانلار بىلەن دۇنيا جامائىتى ئالدىدا، مىللەتلەرنىڭ ۋىجدانىدا مەھكۇمدۇر، بۇنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتمىسۇنلار. ئۇلار قىيامەت قايىم بولغىچە خىتايلار قاتىل دەپ ئاتىلىدۇ، پۈتكۈل مىللەتلەرنىڭ ۋىجدانىدا ئەمما شەرقىي تۈركسىتانلىق تۈركلەر دېگەن ھامان پۈتكۈل دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ۋىجدانىدا ئەركىنلىكنىڭ، تىنچىلىقنىڭ، ھۇزۇرنىڭ ھەسرىتىنى چەككەن ئاق كەپتەرگە ئوخشاش خاتىرلەيدۇ. بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ داۋاسىنىڭ يېنىدا، پۈتكۈل دۇنيا يېنىدا، بۇلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، دۇنيادىكى دۆلەتلەر شۇئان كۆزىنى يۇمۇشى مۇمكىن، ئەمما پۈتكۈل دۇنيادىكى ياخشى نىيەتلىك ئىنسانلارنىڭ قەلبى شەرقىي تۈركسىتاندا يول ئوتتۇرىسىدا قەتلى قىلىنغان ياش قىزلىرىمىز، ياش ئەزىمەتلىرىمىز بىلەن بىرگە سوقىدىغانلىقىنى مەن ھىس قىلىۋاتىمەن، بۇ ۋىجدانلار بىر كۈن قوزغىلىدۇ، ۋە شەرقىي تۈركىستان كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىپ مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.