بۇ، كانادا دائىرىلىرىنىڭ خىتاي خاككېرلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلىشىدۇر. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خىتاي كومپيۇتېر خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت كومپيۇتېر سىستېمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ئۆزلىرى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى.
پەيشەنبە كۈنى، كانادا خەلقئارا سودا مىنىستىرى ستوككۋېلل داي، كانادانىڭ ئىقتىسادى يۈرىكى دەپ قارىلىدىغان مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت خەزىنىسى ئىدارىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتى ئورگىنى قاتارلىق ئۈچ مىنىستىرلىقتىكى كومپيۇتېر سىستېمىلىرىنىڭ خىتاي قۇرۇقلۇقىدىكى خاككېرلارنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قۇلۇپلانغان ماتېرىيال سىستېمىسىنى ئېچىشقا ۋە ئۇنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇ سۆزىدە بۇ ھۇجۇملارنى خىتايدىكى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر سادىر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە بۇلارنىڭ خىتاي خاككېرلىرى ياكى خىتاي كومپيۇتېرلىرىنى ئىشلەتكەن باشقا دۆلەت كىشىلىرى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا يەنىلا بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېرمۇ بىۋاسىتە خىتاينىڭ ئىسمىنى ئاتىمىدى، ئەمما ئۇ ئىنتېرنېتتىكى جاسۇسلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ خىل ھۇجۇملار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بىز ئىنتېرنېت سىستېمىلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇۋاپىق ئىستراتېگىيىلەرنى تۈزىمىز» دېدى.
كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كانادا جاسۇسلۇققا قارشى ئىدارىسى بۇ يىل 1-ئايدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ ئورگاننىڭ ئىنتېرنېت تورلىرىنىڭ خىتاي خاككېرلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە بۇ خاككېرلارنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىيەتلىكى ئىنتايىن يۇقىرى ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، نازۇك ئۇچۇرلارنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ ئورگانلارنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈپ تاشلىغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خىزمەت كومپيۇتېرلىرىغىمۇ خاككېرلار مۇۋەپپەقىيەتلىك سىڭىپ كىرگەن، ئۇلار بەزى نازۇك مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئېچىشقا ئۇرۇنغان ۋە پۈتۈن ھۆكۈمەتنىڭ ماتېرىيال سىستېمىلىرىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئورگانلارنىڭ ئىنتېرنېت سىستېمىلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنتېرنېتنىڭ تېزلىكى ئاستىلاپ،ئەسلىدىكى نورمال ھالىتىنى يوقاتقان. كانادا دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتى ئورگىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئورۇن بولۇپ، بۇ ئورگان كانادا ئارمىيىسىنى يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا كانادادىكى رازۋېدكا مۇتەخەسسىسلىرى كانادانىڭ ھەربىي ئۇچۇرلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
كانادا مەتبۇئاتلىرى بولسا، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇمىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى دەپ ئاتىدى. ئەمما، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى، بۇ ھۇجۇملارنىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بار دېگەن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ: «خاككېر ھۇجۇمى خەلقئارالىق مەسىلە. دۆلىتىمىزمۇ خاككېر ھۇجۇملىرىنىڭ قۇربانىدۇر. ئاتالمىش، خىتاي ھۆكۈمىتى خاككېر ھۇجۇملىرىنى قوللىماقتا دېيىش، سېپى ئۆزىدىن، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.
كانادا جاسۇسلۇققا قارشى ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى، خىتاي جاسۇسلىرى مۇتەخەسسىسى مىچېل كاتسۇيا كومپيۇتېر ئارقىلىق بولىدىغان بۇ ھۇجۇملاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەۋەردار بولماي قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بارلىق بېشارەتلەر خىتاينى كۆرسەتمەكتە. ھۇجۇم خىتايدىن كەلگەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقە بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۆزلىرىنىڭ سېغىزخاندىن ساقلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كومپيۇتېر خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن تولۇق خەۋىرى بارلىقى ياكى ئارقىدا تۇرۇپ، ئۇلارغا قوماندانلىق قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ» دېدى. كانادا جاسۇسلۇققا قارشى ئىدارىسى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ زادى قانچىلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقى، بۇلارنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ۋە بۇ ھۇجۇمنى زادى كىملەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى جىددىي تەكشۈرمەكتە.