خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاشىنگتوندىكى تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق خەلقئارا ئاخباراتلارغا «رىقابەت» ئېلان قىلماقچى

كېلەر ئايدىن باشلاپ، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىCCTV نىڭ تارماق قانىلى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىن تارقىتىش بېرىشكە تەييارلانماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قانالنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مىليونلارچە دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئۇلار بۇ قانالنىڭ چەتئەللەردىكى داڭلىق خەۋەر قاناللىرى بىلەن رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ غەربتىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قۇرغان بۇ قانىلىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن قانداق رىقابەتلىشىدىغانلىقىغا قىزىقماقتا. مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ئىگە بولمىغان بىر دۆلەت قانىلىنىڭ مەزمۇن ۋە تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەشۋىقاتنى ئىشقا سېلىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك باشقا ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ يايتەختى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا «CCTV-DC» قانىلىنى تەسىس قىلغان. قانال ئالدىمىزدىكى ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە قانالنىڭ قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. قانالنىڭ بىر قانچە قەۋەتتىن تەركىب تاپقان بىناسى ۋاشىنگتوننىڭ مەركىزى كوچىلىرىدىن بىرى بولغان نيۇ-يورك كوچىسىغا سېلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشقا بىر قانچە مىليون دوللار مەبلەغ سالغان. گەرچە بۇ قانالنىڭ دىكتورلىرىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئامېرىكىدىكى ن ب س قانىلى، فوكس خەۋەرلەر قانىلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلغان 60 ژۇرنالىستنىڭ ئىشقا قوبۇل قىلىنغانلىقى مەلۇم. دائىرىلەر بۇ قانالنىڭ CCTV نىڭ خەلقئارا خەۋەرلەرنى يىغىش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى بولغان CNN، BBC ۋە ئەلجەزىرە قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى بىلەن رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ مەبلەغ سېلىپ، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا تېلېۋىزىيە قانىلى قۇرماقچى بولۇپ قالغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۇ ھەقتە چوڭ مۇلاھىزە ئېلان قىلغان بولۇپ، مۇلاھىزىگە «خىتاي خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ۋاشىنگتوندا خەۋەر مەركىزى قۇرماقچى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاشىنگتونغا مىليونلارچە دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئامېرىكا ئارقىلىق غەربىي يېرىم شاردىكى كۆرگۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش، ئەڭ مۇھىمى كۆرگۈچىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشنى نىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

-كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى، خەۋەر پروگراممىلىرى ۋە مەدەنىيەت پروگراممىلىرىغا ئوخشاش «يۇمشاق كۈچ» لەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ مەدەنىي تەسىرىنى ئىقتىسادىي تەسىرى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىمۇ بۇ خىل كۆز قاراشقا ئورتاقلاشقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى پەدازلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، بۇ ساھەگە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتقان ئىدى. تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى CCTV ئافرىقا ئەللىرىگە تارقىتىش قىلىدىغان «CCTV ئافرىقا» قانىلىنى كېنىيىنىڭ پايتەختى نايروبىدا قۇرۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىپ كەلگەن بىر ھۆكۈمەتنىڭ قانىلى بولغان «CCTV-DC» قانىلىنىڭ غەربلىك كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىشەنچى ۋە ھۆرمىتىنى قازىنالايدىغانلىقىغا، س ن ن ۋە ئەلجەزىرە قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن قانداق رىقابەتلەشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا قىزىقماقتا. چۈنكى، نۆۋەتتە بۇ قانال قوبۇل قىلغان مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى چوڭ قاناللاردا ئىشلىگەن، تەجرىبىلىك ژۇرنالىستلار بولۇپ، ئۇلار ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن خەۋەرنى پەرق قىلالايدىغان تەجرىبىگە ئىگە. ئەگەر بۇنداق بولغان تەقدىردە بۇ كىشىلەرنىڭ خىزمەت قىلىش پرىنسىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتى بىلەن زىتلىشىپ قالمامدۇ؟ ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشى مۇمكىن؟

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە بىر قىىسم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىغا يەر بەرگەن بولۇپ، ئۇلار خىتايدىكى رەھبەرلىك قاتلىمى ئىچىدە خىتاينىڭ چەتئەلگە قاراتقان ئاخباراتچىلىقىغا كۆپرەك ئەركىنلىك بېرىش ھەققىدە تالاش-تارتىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ سىرتقا قاراتقان پروگراممىلىرىدىمۇ خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈمىگە ئوخشاش «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» قوللىنىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر يەنە، CCTV نىڭ 2004-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىنگلىزچە قانىلىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك كوممۇنىست پارتىيىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تارقىتىش قىلىپ كەلگەنلىكىنى، «ئەگەر بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتى بويىچە ئىش كۆرگەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

لوندوندىكى ۋېستمىنىستىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «خىتاي ئاخباراتچىلىقى» مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى شىن شىن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاشىنگتوندا قۇرغان قانىلىنىڭ باشقا تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا ئوخشاش نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرگە ئېرىشەلمەسلىك ئېھتىمالىنىڭ توغرىلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىدىلا بۇنداق جىق كۆرۈرمەنگە ئېرىشىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننى تاللىشى، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەشۋىقاتقا بۇنداق جىق مەبلەغ سالغاننىڭ ئورنىغا، ئەمەلىي ئىش قىلغان بولسا بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى مۇلاھىزىسىدە،CCTV قانىلىنىڭ مەيلى مەزمۇن، مەيلى ئوبىكتىپلىق ۋە مەيلى تېخنىكا جەھەتتىن بولسۇن، خەلقئارا ئاخباراتچىلىق سەۋىيىسىدىن تېخى ناھايىتى كەينىدىلىكىنى، شۇڭا ۋاشىنگتوندىكى قانىلىنىڭ ھەر جەھەتتىن باشقا قاناللار بىلەن رىقابەتلىشىشىدىن، ئۇنىڭ ئەركىن ئاخباراتچىلىق پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلىشىگە يول قويۇشىنىڭ ھازىرچە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.