يېڭىسار ناھىيىسىدىكى دېھقانلار يىللاردىن بېرى ئىلمىيلىكتىن ئۇزاق، مەجبۇرىي تېرىلغۇ پىلانى بىلەن ئۆز ئېتىزلىرىغا ئۈنۈمسىز ئىشلىگەندىن باشقا، يەنە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۈچۈن ھەر يىل بەلگىلىك ۋاقىت ھەقىسز ئىشلىمەكتە. يەنى ھاشار ئىزچىل داۋام قىلماقتا.
دېھقانلارنىڭ پاش قىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئىدارە - جەمئىيەتلىرى كەنتلەردىكى دېھقانلارغا تەۋە يەرلەرنى بەلگىلىك كۆلەمدە ئىگىلىۋالغان، بۇ ئىگىلىۋالغان يەرلەرگە يەنە دېھقانلارنى ھەقسىز ئىشلەتكەن. بۇ يەردىن چىققان پايدىنى، ئىدارە - جەمئىيەتلىرى دۆلەتتىن ئالغان مائاشلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى 1919 - يىلى قۇرۇلغان، بۇ تەشكىلات دۇنيادا مەجبۇرىي ئەمگەككە، ھەقسىز ئەمگەككە ھەم ئادالەتسىز ئەمگەككە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان. ئۇ 1946 - يىلدىن بېرى ب د ت نىڭ بىر ئورگىنى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا.
خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى قۇرۇلغان 90 يىلدىن بېرى دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەت ياكى خەلقلەرنى ھەقسىز ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن قۇتۇلدۇرغان. بىز بۈگۈن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاشاردىن خەۋىرى بار - يوقلۇقىنى سورىدۇق.
مەسئۇل خادىم، ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتتىن ئاز دەرىجىدە خەۋىرى بارلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە كۆپلىگەن پاكىتلىق ماتېرىياللارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداق بولغاندا، خىتايغا ھاشارنى بىكار قىلىش ھەققىدە تەكلىپ ۋە تەلەپ سۇنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار خەلقئارا تارماقلارنىڭ خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىشىگە يول ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسئۇل خادىمى يەنە، ب د ت دا خىتاينىڭ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويغان 182 دۆلەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھاشارنى يولغا قويۇشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يېڭىساردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى پەقەت بىر كەنتتىنلا 300 مو يەرنى ئىگىلىۋالغان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىمۇ، شىمالىدا بولغىنىدەك، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي مىللىتىدىن، دېھقانلار بولسا ئاساسەن دېگىدەك ئۇيغۇر مىللىتىدىن. شۇڭا نۆۋەتتىكى يېزىلاردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يەر ئىگىلىۋېلىش ۋە بۇ يەرگە دېھقانلارنى ھەقسىز ئىشلىتىش مەسىلىسى كۆرۈنۈشتە دېھقان ۋە كادىر ئارىسىدىكى مەسىلە بولسىمۇ، ماھىيەتتە ئۇيغۇر ۋە خىتاي مىللىتى ئارىسىدىكى مەسىلە بولۇپ ئەكس ئەتمەكتە.