چاقچاقلىرىدىكى قىزىق مەنىلەر، ئۆتكۈر تەنقىدلەر ۋە كۈچلۈك مەسخىرىلەر بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈكسەك ھۆرمەت تاپقان تۇداخۇن چاقچاقچىنىڭ ئۆلۈمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قايغۇغا سالدى. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلىرىدا، ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تۇداخۇننىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە كىشىلىك پەزىلەتلىرى ياد ئېتىلمەكتە ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيىلەر بىلدۈرۈلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇم -زىيانكەشلىكىدىن، تۇداخۇن چاقچاقچىمۇ چەتتە قالمىغان. چەتتە قالمىغانلا ئەمەس، بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇچ كەلگىنىدىن باشقا يەنە جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقى سەۋەبىدىنمۇ بىر نۆۋەت ئۇنتۇلغۇسىز زەربە يېگەن. ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئالدىنقى قاتاردا ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئاتالمىش ساپا مائارىپىنىڭ ئۆلچەملىرى سەۋەبلىك، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمىغان. بۇ ھەقتە تالانتلىق يازغۇچى ئابدۇرۇسۇل سىيىتنىڭ غۇلجىدىكى چاقچاقچىلارنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«... تۈزۈم ئۇنى يەكلىۋېدى، ئادەملەر قوينىغا ئېلىۋالدى. بېشىغا ئېلىپ كۆتۈردى.تۈزۈمنىڭ ئىچى تار بولغىنى بىلەن جەمئىيەتنىڭ، ئادەملەرنىڭ قوينى كەڭ، باغرى ئىللىق، شۇڭا تۇداخۇن شۇندىن بېرى تۈزۈمگە ئەمەس، ئادەملەرگە مۇھەببەت باغلىدى، مۇھەببەتلىك ئىجتىمائىي توپنىڭ كۈلكىسى، خۇشاللىقى، كۆڭۈل ئارامى ئۈچۈن كېچە-كېچىلەپ سايراپ تالمايدىغان بولدى.»
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوئال-سوراقلىرى ۋە ئاۋارىچىلىكلىرىدىن تۇداخۇن چاقچاقچىمۇ نېسىۋىسىنى ئالغان. يۇقىرىقى ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 2003-يىلى شاڭخەيدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر، تۇداخۇننى شاڭخەيگە تەكلىپ قىلغان. ئۇ شاڭخەيدە سورۇن-سورۇندا يۇرتداشلىرىنى كۈلدۈرۈپ يۈرگىنىدە، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋالغان. پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچىلار، بىر تەرەپتىن سورۇندا نېمە گەپلەرنىڭ بولۇنغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن سورۇندىكىلەرنىڭ كىملىكلىرىنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھالال ئەمگىكى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ قولىدىن رىزقىنى يەۋاتقان تۇداخۇن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلغان.
تۇداخۇن بىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ پرېزىدېنتنى تونۇيدىغانلىقى، ئەمما پرېزىدېنتنىڭ ھەممە پۇقرانى تونۇمايدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزى ئولتۇرغان ئولتۇرۇشلاردىكى كىشىلەرنىڭ كىملىكلىرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
تۇداخۇن خەلق تەرىپىدىن نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر كۆپ سۆيۈلدى ۋە ھۆرمەتلەندى؟ ئۇ كىشىلەرنى كۈلدۈرگەنلىكى ئۈچۈنلامۇ ياكى ئۇ چاقچاق ئارقىلىق ئاتا قىلغان باشقا نەرسىلەرمۇ بارمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تۇداخۇننىڭ ئەينى چاغدىكى سەپدىشى ۋە سەنئەت يېتەكچىسى ئابلىمىت تۇرسۇندىن ئاڭلايسىلەر. (يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز)
ئابلىمىت تۇرسۇن تۇداخۇننىڭ چاقچاقلىرىدىكى ئىپادىلەش ئۆزگىچىلىكلەرنى ئىخچاملىق ۋە تېزلىكتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى. ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇداخۇننىڭ چاچاقلىرى مەزمۇن جەھەتتىن ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىدۇ. ئۇنىڭ سىياسىي تېمىدىكى چاقچاقلىرىدا پىكىر ئىنتايىن ئۆتكۈر، مەسخىرە ناھايىتى كۈچلۈك. ئابلىمىت بۇ تېمىدا تۇداخۇننىڭ چاقچاقلىرىدىن بىرنى ئەسلەپ ئۆتتى: 5 -فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئابلىمىت تۇرسۇن توققۇزتاراغا تېلېفون قىلىپ تۇداخۇننى غۇلجىغا كېلىپ تاماشا قىلىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان. تۇداخۇن غۇلجىدا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان. ئابلىمىت چاقچاق قىلىپ «بويۇڭ پاكار بولغاندىكىن ئۇرۇش بولسىمۇ، ئوق ساڭا تەگمەيدىغۇ» دېگەن. تۇداخۇن دەرھال جاۋاب قايتۇرغان: «بىلمەمسەن ئاكا، بۇنداق چاغلاردا پۇتۇمدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ بېرىدىغان گۇينىڭ بالىلىرى بار» تۇداخۇننىڭ خىتاي غالچىلىرىنى قامچىلىغان بۇ چاقچىقى ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە تۇداخۇن مىللىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، ئۇ سەنئەت نومۇرلىرىدا ۋەتەن -مىللەتنىڭ دەردى بايان قىلىنغان قىلىنغان چاغلاردا چەكسىز شادلىققا چۆمگەن ۋە ھاياجانلانغان.
ئابلىمىت تۇرسۇن تۇداخۇننىڭ خەلق تەرىپىدىن قىزغىن سۆيۈلۈشىنى ئۇنىڭ مىللىتى بىلەن تەڭ كۈلۈپ تەڭ يىغلاشتەك پەزىلىتى ۋە غايىسىگە باغلىق دەپ ئىزاھلىدى.