ئۇيغۇر ئېلىدە چارۋىچىلارنىڭ مال بېقىشى بارغانچە قىيىنلاشماقتا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە، يايلاق ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم يايلاقلاردا مال بېقىش چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، بۇ بۇيرۇق ئىجرا قىلىنسا، رايوندىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نورمال مال بېقىشى تېخىمۇ تەسلىشىپ، ئۇيغۇر رايونىدا گۆش، سۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەر باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى يايلاقلىرىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن 2011-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 100 مىليون مودىن ئارتۇق يايلاقتا مال بېقىش چەكلەنگەن. بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چارۋىچىلىق نازىرى سارخات ئاخان، مال بېقىش چەكلەنگەن رايون كۆلىمىنىڭ 150 مىليون موغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىلدىكى يايلاقلاردا مەڭگۈ مال بېقىش چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. سارخان ئاخان سۆزىدە يەنە، مەزكۇر مال بېقىش چەكلەنگەن رايونلاردىكى چارۋىچىلار ھەر موسىغا 6 يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە چارۋا بېقىشقا بولىدىغان يايلاق كۆلىمى تەخمىنەن 800 مىليون مو ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىدا دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئۆز ‏- ئارا گىرەلەشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بىر قىسمى پۈتۈنلەي چارۋىچىلىق كەسپى بىلەن تىرىكچىلىك قىلسا، يەنە بىر قىسمى ھەم دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى تاغ ئېدىرلار، قۇمۇل باركۆل يايلىقى، كۇچا ھەم كۈنەسكە تۇتىشىدىغان يۇلتۇز يايلىقى، ئالتاي، تارباغاتاي تاغلىرى باغرىدىكى يايلاقلار، قاراقۇرۇم، ئالتۇنتاغ، تاشقورغان تاغلىرى ئارىسىدىكى يايلاقلار شۇنداقلا تەڭرى تېغىنىڭ ئۈرۈمچى-توقسۇن ئەتراپىدىكى يايلاقلاردا، يېزا- قىرلاردا پۈتۈنلەي چارۋا بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك چارۋىچىلاردىن باشقا يەنە ھەم دېھقانچىلىق ھەم باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قايسى يايلاقلاردا مال بېقىش چەكلەنگەنلىكى، مال-چارۋىسىدىن ئايرىلغان چارۋىچىلارغا يەنە قانداق ياردەم بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.

رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم چارۋا بېقىش چەكلەنگەن يايلاقلار ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى جەنۇبىي تاغ مەنزىرە رايونى، بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، ئىلىنىڭ تەلكى تاغلىرى ئىچىدىكى سايرام كۆلى رايونى، شۇنداقلا قۇمۇل باركۆل تاغلىرى ئارىسىدا يېڭىدىن ئېچىلىۋاتقان كۆمۈركان رايونى، غۇلجا ئابرال تاغلىرى باغرىدىكى پىلىچىخاڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار، ئالتاي كۆكتوقاي ناھىيىسى ئالتۇن كان ئەتراپىدىكى يايلاقلار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

رادىئومىز ئىلگىرى بەرگەن خەۋەرلىرىمىزدە، غۇلجا پىلىچىخاڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلاردا بىر قىسىم چارۋىچىلارنىڭ، بۇ يەردىكى كۆمۈركاننى كېڭەيتىپ قۇرۇش باھانىسىدە ئۆز يايلاقلىرىدىن باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلۈپ، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بەرگەن ئىدۇق.

بۈگۈن غۇلجا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر دېھقان، ئەگەر يايلاقلاردا مال بېقىش چەكلەنسە بۇنىڭ قازاق چارۋىچىلارغىلا ئەمەس بەلكى ھەم دېھقانچىلىق، ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تىرىكچىلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ دېھقان ئۆز بايانىدا سۈت، قايماق ھەم گۆش سېتىش بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان ئىلى دېھقانلىرىنىڭ، ئەگەر كالا-قويلىرىنى ياز پەسلىدە تاققا چىقىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغىنىدا يەم-خەشەك قىسلىقى سەۋەبىدىن چارۋىلارنى بېقىشقا ئامالسىز قالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا يۇقىرى بولۇۋاتقان گۆش، سۈت يېمەكلىكلىرىنىڭ باھاسى يەنە ئۆرلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە شىنجاڭغا ياردەم نامى ئاستىدا خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىدىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرى، رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنى تېزلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مۇنبەت يەر-زېمىنلىرى، ئۆي-جايلىرى، يايلاقلىرىنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئىگىلەشنى تېزلەتمەكتە ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەرلىك خەلقنىڭ يەر-زېمىن، يايلاقلىرىنى مۇشۇنداق باھانىلەر بىلەن ئىگىلىۋېلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ تىرىكچىلىك تارايتىۋەتسە، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى يەنىمۇ كۈچىيىپ، 2009- يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىنمۇ زور بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشى مۇقەررەر ئىكەن.