قىرغىزىستاندا چېگرا ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە كىم ئەيىبلىك؟...
2013.01.17
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ چېگرادا ئوق ئېتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن زەرداب چەككەنلەرنىڭ سانى بارا-بارا ئۆسۈۋاتماقتا. بۇ ئىككى تۈركىي تىللىق مەملىكەت چېگراسىدىكى توقۇنۇشلار پات يېقىندا بىر تەرەپ قىلىنمايدىغان بولسا ھەم چېگرا مەسىلىسى ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دەرىجىسىدە مۇھاكىمە قىلىنىپ، بىرەر قارار ئېلىنمايدىغان بولسا، بۇ ۋەزىيەتتىن ئۈچىنچى بىر كۈچلەرنىڭ پايدىلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ھازىر ۋەزىيەتنىڭ مۇنچىلىك كەسكىنلىشىپ كېتىشىگە كىمنىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز بولماقتا.
يېقىندا «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بېگايىم تالانتبېكوۋانىڭ «ئاچچىق سىياسەت: سوختىكى توقۇنۇشقا تاشقى كۈچلەر ئارىلاشقانمۇ؟» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قىرغىزىستاننىڭ بىر قاتار جەمئىيەت ئەربابلىرى، ئانالىزچىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك پىكىر، تەخمىنلىرى بېرىلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چېگرا رايونلىرىدا ئورۇن ئالغان بۇ تەقلىتتىكى ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مەملىكەت رەھبەرلىكىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
جەمئىيەت ئەربابى قۇبانىچبېك ئىسابېكوف سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاپ، كۆپلىگەن مۇستەقىل مەملىكەتلەرنىڭ ئۆز چېگرالىرىنى ئېنىقلاپ بېكىتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەمدى قىرغىزىستاننىڭ چېگرا مەسىلىسىنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە ھەل قىلىنمىغانلىقىنى دۆلەتنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى رەھبەرلىكىگە يۈكلىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «قانداقلا بولمىسۇن، پرېزىدېنت كەلسۇن، ئۇ بىرىنچى نۆۋەتتە چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى لازىم. چۈنكى ئاددىي خەلق جاپا تارتماقتا.» ق. ئىسابېكوف بۈگۈنكى كۈندە قىرغىزىستاننىڭ پەقەت خىتاي ۋە قازاقىستان بىلەن چېگرا مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكىنى، ئەمدى ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن بولسا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ پات ئارىدا ئىككى مەملىكەتنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن توغرا قارار ئېلىشنى ھەم بۇنىڭغا قازى سۈپىتىدە رۇسىيە ۋە قازاقىستاننى تەكلىپ قىلىش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمدى ئانالىزچى توكتوگۇل كاكچېكېيېف چېگرا مەسىلىسىنىڭ تۈركىستان مەملىكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى دەۋرىدىن، يەنى سوۋېت ھاكىمىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلەش دەۋرىدىن باشلانغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە قىرغىزىستاننىڭ ئەنجان، مەرغىلان ۋە نامانگەن رايونلىرىنىڭ ئۆزبەكىستانغا ئۆتۈپ كېتىپ، بۈگۈن شۇنىڭ مەسىلىسى چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. 1989-يىلى باتكېندا، 1990-يىلى ئوشتا، 2010-يىلى بولسا، ئوش ۋە جالالئابادتا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ قىرغىز رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، رۇسىيىدىن خەرىتىلەرنى، سوۋېت دەۋرىدىكى ھۆججەتلەرنى ئېلىپ، مەسىلىنى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەملىكەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى دەرىجىسىدە قاراپ، بۇنى ئىسپاتلاش مۇمكىنلىكىنى، مۇشۇ شارائىتتا ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ تەشكىلاتتىن بىكارغا چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
پرېزىدېنتنىڭ ئېتنىكلار ئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەرتىپكە سېلىش بويىچە مەسلىھەتچىسى ئېمىلبېك قاپتاغايېف سوخ، ۋورۇخ ۋە شاھىمەردان رايونلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان «باش ئاغرىقى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھازىرچە بۇ يەرلەرنى ياندۇرۇۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن چېگرالارنى مەملىكەتلەر ئارا بەلگىلەش ئىشلىرىنى تېز ئارىدا تاماملاپ، سىملار بىلەن قورشاش، چېگرا ۋە باجخانا پونكىتلىرىنى قويۇش لازىملىقىنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئې. قاپتاغايېف 20 يىل ئىچىدە بۇ مەسىلىنىڭ ئىلگىرى باسمىغانلىقىنى ئاقايېف ۋە باقىيېفلارنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنىڭ كەمچىللىكىدىن بولغان، دەيدۇ. ئۇ شۇنداقلا ئىككى مەملىكەت تەرىپىدىن بىرلەشكەن كومىسسىيە قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىشى نەتىجىسىدە چوڭ توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىنلىكىنى ئۈمىد قىلغان. جەمئىيەت ئەربابى مىروسلاف نىيازوفمۇ شۇنداق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسا، ژوكوركۇ كېنېش دېپۇتاتى توكون مامىتوف چېگرىنى بەلگىلەش ئىشلىرى تاماملانمىغۇچە مۇنداق توقۇنۇشلارنىڭ يەنىلا يۈز بېرىدىغانلىقىنى، سوختىكى توقۇنۇشقا ئۆزبېكىستاننىڭ ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى، بەلكى بۇ يەردە قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارىسىدا ئۆچمەنلىك تۇغدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئۈچىنچى بىر كۈچلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەمدى يۇقىرىدا ئاتالغان تور بەتتە بېسىلغان «قىرغىزىستاننىڭ چېگرا جاپالىرى قاچان توختايدۇ؟» ماقالىسىنىڭ ئاپتورى ئاقىلاي ئۈسۈپبايېۋا خەلقنىڭ چېگرا توقۇنۇشلىرى ئاقىۋىتىدىن مۇشۇ ۋاقىتقىچە ھەقىقىي مۇستەقىللىقنىڭ ئەۋزەللىكىنى قانغىچە كۆرمىگەنلىكىنى يوشۇرمىغان. ئۇ چېگرا توقۇنۇشلىرى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ، بالىلارنىڭ يېتىم قالغانلىقىنى ئېچىنىشلىق بىلەن ئەسلەيدۇ ھەم ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا 50 كە يېقىن تالاشتا قالغان رايونلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ باشقىلار قاتارىدا چېگرالارنى بەلگىلەش ئىشلىرىنىڭ پۈتمىگەنلىكىدىن، توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاددىي خەلق ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدا ئولتارغان ئەمەلدارلار قادىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.