بۇ تەشكىلات 1988 - يىلى بريۇسسېلدا "برۇسسېل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" دېگەن نام بىلەن بىرەسمىي شەكىلدە تەشكىللەنگەن بولۇپ، 1989 - رەسمىي بېلگىيە ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرغان ۋە 1997 - يىلى ئۆز نامىنى ھازىرقى "چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" قىلىپ ئۆزگەرتكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ ھازىر بېلگىيە، نېپال ۋە خوڭكوڭدا ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى بار.
"كارىل جەسپېر": خىتايدىكى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ نېگىزلىك مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇش"
يۇقىرىدىكىلەر، چېگرىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خوڭكوڭ بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى مارك جەسپېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي - جەنۇبى ئاسىيا خوڭكوڭ بۆلۈمىنىڭ ئاساس ۋەزىپىسى خىتايدىكى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ نېگىزلىك مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇش ئىكەن.
بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋىللي فورترەي(Willy Fautre) ئەپەندى بولۇپ، ئۇ ھازىر بېلگىيىدە ياشىماقتا. بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 1992 - يىلىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاقىدار ۋەقە - ھادىسىلەر ئۇستىدىن مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان.
ئۇنداقتا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىپ قېلىش تارىخىنى قاچاندىن باشلاش مۇمكىن؟ بۇ تەشكىلات قانداق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر مەسىلىگە قىزىقىپ قالدى؟
بۇ ھەقتە توختالغان جەسپېر ئەپەندى، بۇ تەشكىلاتقا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن بىر تاسادىپىي سەۋەب بىلەن باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
"بۇ بەك قىزىق. بىر قېتىم مەن ئۆيدىن ۋاشىنگتونغا كېلىش سەپىرىدە ئايروپىلاندا ژۇرنال ئوقۇپ ئولتۇرۇپ رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى بىر پارچە ماقالىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. شۇندىلا مەندە، مەن چوقۇم بۇ ئايالنى ۋاشىنگتوندا ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈشۈشۈم كېرەك دېگەن تۇيغۇ پەيدا بولغان ھەمدە مەن دەل شۇنداق قىلدىم. مەن رابىيە خانىمنى تاپتىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى ئىشخانىسىدا ئۇزۇن مۇڭداشتىم. بۇنىڭغا بەلكىم ئىككى يېرىم يىللارچە بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن".
كارىل جەسپېر": بۇ يەردە دۇنيا بىلمىسە بولمايدىغان ئەھۋاللار بار"
كارىل جەسپېر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى "چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" غا تۇنجى تونۇشتۇرغان شەخس بولۇپ، ئۇ رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆزلەشكەندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ۋە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى تەشكىلات رەھبىرى ۋىللي فاۋچەر ئەپەندىگە يەتكۈزگەن.
" مەن رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆزلەشكەندىن كىيىن، ۋىللىيغا ئېيتتىم. بۇ يەردە دۇنيا بىلمىسە بولمايدىغان ئەھۋاللار بار ئىكەن. بۇ ئىشلار ئانچە كۆپ خەۋەر قىلىنماي قالغان ئىكەن. بىز بۇنىڭغا چوقۇم ئارىلىشىشىمىز كېرەك دەپ ئېيتتىم"
مەلۇم بولۇشىچە، چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قۇرغۇچىسى ۋىللي فاۋچەر بىر ھەپتىدەك ئويلاشقاندىن كىيىن رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇسىغا كەلگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارىغا قويۇلغان.
جەسپېر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىگە ياردەم بېرىشمۇ، چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرى ئىكەن.
كارىل جەسپېر": قىسقىسى ئولىمپىك خىتايغا ھېچ قانداق ئەمىنلىك ئېلىپ كېلەلمىدى"
جەسپېر ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكى تەمىنلىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باشقا مىللەتلەرنى تېخىمۇ ئېغىر باستۇرۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، ئولىمپىكنىڭ ئۇيغۇرلاردەك ئېتنىك مىللەتلەرگە بىر بالايى - ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكى، ھازىر خىتايدا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئوچۇق - ئاشكارا ئاتايدىغان ھالەتلەرنىڭمۇ شەكىللەنگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ "قىسقىسى ئولىمپىك خىتايغا ھېچ قانداق ئەمىنلىك ئېلىپ كېلەلمىدى" دەيدۇ.
ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " مەن دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايلىرىغا بارماي مەن ئۇچراتقان ئۇيغۇرلار تىنچلىق سۆيەر كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار باشقىلار بىلەن ئىناق ياشاشنى، باراۋەر پۇرسەتكە ئېرىشىشنى، ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىنى ئۆز يولىدا داۋاملاشتۇرۇشنى ئىزدەيدىغان بىر خەلق. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نېمىشقا يول قويمايدۇ؟"
جەسپېر ئەپەندى چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاڭلىتىشقا ئالاقىدار بىر نەچچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىنى، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئاخىرىدا بېلگىيىدە ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلىشىدا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى كېلەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا داۋاملاشتۇرىمىز ۋە جەسپېر ئەپەندىنىڭ خىتايدىكى سەپەرلىرى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى ۋە تەسىراتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.