چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە (2)

چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇندىن ئىككى يېرىم يىل مۇقەددەم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قول تىقىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ خوڭكوڭغا جايلاشقان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى مارك جەسپېر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەشكىلات ئىككى يېرىم يىل جەريانىدا، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئورگانلار بىلەن بولغان ئالاقىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاڭلىتىلىشىغا ھەسسە قوشقان.

0:00 / 0:00

مارك جەسپېر : "مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تېخىمۇ بىرلىككە كەلگەن تەشكىلات بولۇپ مەيدانغا چىقىشىغا شاھىت بولدۇم"

ئۇ بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ۋە بېلگىيىدىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ھەمدە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىدىن يەتتە نەپىرى قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق مۇنداق دېدى: “ بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قول تىقىپ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە، گەرچە ئانچە كۆپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولساقمۇ، ئەمما ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشى بارغانچە چوڭقۇرلاشتى. ھەمدە مەن يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تېخىمۇ بىرلىككە كەلگەن تەشكىلات بولۇپ مەيدانغا چىقىشىغا شاھىت بولدۇم."

چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەسىلىگە قول تىققان ئۆتكەنكى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرى مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىغا ئاڭلىتىشقا ئوخشاش خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

"قارار لايىھىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى"

چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت بېجىرىش ئۇسۇلى ھەققىدە توختالغان جەسپېر ئەپەندى، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ ئالدى بىلەن ياۋروپاغا جايلاشقان بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىدا كىشىلىك ھوقۇققا ۋە خىتايغا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق بىر پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: “بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئائىت مەسىلىلەرنى ياۋروپا پارلامېنتىغا داۋاملىق ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمىز، مەسىلەن ئۆتكەن يىلى تەشكىلاتىمىز ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتايغا ئائىت ئىككى پارچە قارارنىڭ ئېلىنىشىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قارار لايىھىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى."

قارىماققا ئۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەردىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىكەن"

جەسپېر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خوڭكوڭدا ئىشلەش جەريانىدا خىتايغا نۇرغۇن قېتىم كىرىپ - چىققان ۋە مەيلى قايسى شەھەرگە بارمىسۇن شۇ شەھەردىكى ئۇيغۇر رېستۇرانىغا بېرىپ تاماق يېگەن ۋە ئاشخانا خوجايىنلىرى بىلەن مۇڭداشقان.

ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ خىلىدىكى سەپەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەن بېيجىڭ ياكى باشقا شەھەرلەرگە بارسام، رابىيە قادىر خانىم بىلەن چۈشكەن سۈرىتىمنى ئېلىۋالىمەن. بۇ رەسىمنىڭ كەينىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى بار ئىدى. مەسىلەن بىرەر شەھەرگە بېرىپ قالسام ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىرىمەن، دوكلاتقا ماتېرىيال تەييارلايمەن. ئۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن ئازراق تونۇشلۇق ھاسىل قىلغاندىن كىيىن ئاستاغىنە مەندىكى ھېلىقى رەسىمنى چىقىرىپ 'رەسىمدىكى بۇ كىشىنى تونۇمسىز؟' دەپ سورىسام، ئۇلار تونۇيمىز دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. قارىماققا ئۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەردىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىكەن."

جەسپېر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە يەنە رەسىمنى كۆرگەنلىكى ئۇيغۇر " بۇ ئايال بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ" دېيىشكەن

خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكنىڭ 10 يىللىقنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە يەنە يۈز يىل كېتىدۇ دەپ ئېيتقان ئىدى.

ۋېن جياباۋنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا ئىنكاس قايتۇرغان جەسپېر ئەپەندى خىتايغا دېموكراتىيىنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن پەقەت بىر ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: “بۇ كۈن چوقۇم كېلىدۇ. بىز قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەگەر بۇ كۈن خىتايدا كەلمەيدۇ دەپ ئىشەنگەن بولساق، بىز بۇ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمىگەن بولاتتۇق. بۇ كۈن چوقۇم كېلىدۇ."

ئۇ يەنە ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆز ھاياتىنىڭ تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە بولغانلىقىنى، گەرچە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ھازىرغىچە بىلگەنلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.