خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى باش شتاب باشلىقى چېن بىڭدې باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك زىيارەت سەپىرى، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ يىل 1-ئايدىكى ئامېرىكا سەپىرىدە ئوباما بىلەن ئالغان قارارىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىككى تەرەپ ھەربىي دىئالوگىنىڭ 2009-يىلى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تەكرار باشلىنىشىدۇر. لېكىن چېن بىڭدېنىڭ زىيارىتى ئامېرىكىدا خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىنى ھەر يىلى 2 رەقەملىك كۆپەيتىپ، ھەربىي كۈچىنى تېز سۈرئەت بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇۋاتقان ۋە خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مۇددىئاسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە جامائەتچىلىكىدە جىددىي گۇمان قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
چېن بىڭدې ئامېرىكىدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» قا قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىلىقلاردىكى گۇماننى پەسەيتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي كۈچى ئۇنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» ئىقتىدارىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدىغانلىقى يەنىلا جاۋابسىز قالغان بىر مەسىلە. چېن بىڭدې چارشەنبە كۈنى بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەربىي تەرەققىياتى تەيۋەنگە قارىتىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت سالالايدىغان ئىقتىدارى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، جۇڭگونىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئاساسلىقى لى دېڭخۇي، چېن شۇيبيەن قاتارلىق بۆلگۈنچىلەرنىڭ جۇڭگونى پارچىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ قېتىم مەن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراق ۋە ھەربىي تېخنىكىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. بىزنىڭ ئامېرىكىغا رىقابەتچى بولۇش ئىقتىدارىمىز يوق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلان ۋە پاراخوتلىرىنىڭ جۇڭگو دېڭىز قىرغىقىدا رازۋېدكا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت، جۇڭگوغا سېلىنىۋاتقان بىر تەھدىت، دەپ قارىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك بىزنىڭ ئامېرىكىغا رىقابەتچى بولۇش ئىقتىدارىمىز يوق دېگەنلىكتۇر. مەن ئادمېرال مالۇن بىلەن ئامېرىكا ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ جۇڭگو دېڭىز قىرغىقىنى رازۋېدكا قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇردۇم ۋە بەزى مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق» دەپ كۆرسەتتى.
چېن بىڭدې، خىتاي ئامېرىكىغا تەھدىت بولمىسا، ئۇنىڭ نېمىشقا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتىس خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان نازۇك مەزگىلدە كۆلەڭگە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سىناق قىلغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بۇنىڭ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. روبېرت گەيتىس بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى چۇڭچىڭدىكى بىر بازىدا كۆلەڭگە ئۇرۇش ئايروپىلانى سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىغا كۆرسىتىلگەن بىر ھەيۋە، دەپ قاراشقان ئىدى.
ئامېرىكا شتاب باشلىقلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئادمېرال مايك مۇللېن چېن بىڭدېنىڭ زىيارىتى ئىنتايىن مۇھىم بىر دەۋردە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ، ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر ئوخشاشلىقى ۋە پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇت نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى، لېكىن ئوتتۇرىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ بۇ ھەپتە جەريانىدىكى سۆھبەتلەردە ھەل بولۇش -بولماسلىقىغا يەنىلا رېئال پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مايك مۇللېن بۇ سۆزلەرنى بىر خىتاي مۇخبىرنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى توسالغۇلارنى قانداق يېڭىدىغانلىقىغا دائىر سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن ئىدى. بۇ مۇخبىر تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىپ بېرىش، خىتاي دېڭىز قىرغىقى بويلىرىدىكى ئامېرىكا ھەربىي رازۋېدكا پائالىيىتى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا قانۇنىدىكى خىتاي بىلەن ھەربىي ئالاقە قىلىشقا قويۇلغان چەكلىمە قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتكە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئادمېرال مۇللېن ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى يۇقىرىقى توسالغۇلارنىڭ بىر كېچىدە ھەل بولىدىغان مەسىلىلەر ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «مەن گېنېرال چېن بىڭدېنىڭ سىز ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى مەسىلىلەردىكى مەيدانى ۋە قارىشىنى بىلىمەن. بىز ئىككى تەرەپ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتنى ئالغا سۈرۈشكە بولىدىغان مۇمكىنچىلىكلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. لېكىن بىز بارلىق مەسىلىلەرنىڭ بىر كېچىدە ھەل بولۇشىنى كۈتمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز ھەمكارلىشالايدىغان ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە نۇرغۇن ئىجابىي ساھەلەر بار. دېڭىز قاراقچىلىقى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم، قۇتقۇزۇش، ئۆز -ئارا ئادەم ئالماشتۇرۇش قاتارلىق بىز ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرالايدىغان تىزىملىكتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى سۆزلەشتۇق» دەيدۇ.
تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تالاش-تارتىش قوزغاپ كېلىۋاتقان نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا، «تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى»غا ئاساسەن تەيۋەننى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ھەم خىتاينى تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. چېن بىڭدې بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەيۋەنگە داۋاملىق قورال-ياراق سېتىپ بېرىش ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي ئالاقىسىگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «تەيۋەن جۇڭگونىڭ زېمىنى، بۇ پۈتۈن دۇنياغا ئايان. ئۇ جۇڭگونىڭ زېمىنى بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى جۇڭگولۇقلار ئۆزى قوغدىماي نېمىشقا ئامېرىكىلىقلارنىڭ قوراللاندۇرۇشى كېرەك. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان بىر قانۇن. ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قانۇنىغا تايىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا نېمە دېگۈلۈك، بۇنىڭغا كۆپچىلىك بىر نېمە دېسۇن» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ «تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى»نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن ئېلىپ بارىدىغان كەلگۈسىدىكى قورال-ياراق سودىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى ئۇلار ئارىسىدىكى قورال-ياراقلىرىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ بېكىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 1979-يىلى قانۇن ماقۇللاپ، تەيۋەننىڭ قوراللىق تاجاۋۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئامېرىكا تەيۋەننى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەپ، تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقى ئارىسىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. مايك مۇللېن، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسمى، دەپ تونۇيدىغانلىقىنى، بىراق ئامېرىكا ئارمىيىسى دۆلەت مەجلىسى چىقارغان قانۇنلارنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىنى ئۆزگەرتىش-ئۆزگەرتمەسلىك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«مەن ئاخىرىدا يەنە شۇنى تەكىتلىمەكچى، ئامېرىكا خىتايغا ئوخشاشلا قانۇنغا ئاساسەن ئىش قىلىدۇ. بىزنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىمىز بار. بىز بۇ قانۇن ئۆزگەرگۈچە داۋاملىق مەزكۇر قانۇن بويىچە ئىش قىلىمىز. بۇنى ئۆزگەرتىش دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلە. بۇ قانۇننى ئۆزگەرتىش دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان مەسىلىمۇ -ئەمەسمۇ، بۇ تېخى ئايدىڭ ئەمەس. بىراق بۇ قانۇن مەۋجۇتلا بولۇپ تۇرىدىكەن، بىز بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئىش قىلىمىز.»
خىتاي ھەربىي رەھبىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا رەھبەرلىرىنى بىئارام قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېلىننا رۇس لېتىنانات خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھەربىي ۋەكىللىرىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بەزى سەزگۈر ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. بەش بۇرجەكلىك بىنا چېن بىڭدې باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئامېرىكا نېللىس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئېلىننا رۇس لىتېنانت خانىم، دۆلەت مەجلىسىنى خىتاينىڭ ئامېرىكا سەزگۈر ئۇچۇر ئەسلىھەلىرىگە يېقىنلىشىشىنى چەكلەيدىغان نۆۋەتتىكى بەلگىلىمىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، زۆرۈر بولسا بۇ جەھەتتىكى چەكلىمىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى. بۇنىڭ ئالدىدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يەنە بىر جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى خىتاي بىلەن ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشقا قارشى چىققان ئىدى. جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر يىغىنىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشنىڭ خەيرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.