چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن قايتىپ چىققان

شەندۇڭلۇق بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋېلىپ، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىك تىركىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان «چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى» نى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.05.02
chen-guangcheng-doxturxanigha-apirildi-305.jpg چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن چىقىپ، بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 2-ماي، بېيجىڭ.
AFP

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد-ئىستراتېگىيە سۆھبىتى پەيشەنبە كۈنى باشلىنىش ھارپىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، ھەر ئىككى تەرەپنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن. ئوباما ھۆكۈمىتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت ت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ چېن گۇاڭچېڭنى قوغداش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرىغان ئىدى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەرەپلەر كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن ئايرىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، مۇتلەق كۆپ قىسىم كۆزەتكۈچىلەر چېن گۇاڭچېڭغا سىياسىي پاناھلىق بېرىپ، ئۇنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشقان ئىدى. بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىدە بۇرۇنقىدەك فاڭ لىجى-لى شۇشيەن ئەر-ئايالغا سىياسىي پاناھلىق بېرىپ، خىتاي بىلەن دىپلوماتىك تىركىشىش يولىنى تۇتۇش ئورنىغا تەرەپلەرنى كېلىشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتەك ئۆزگىچە بىر يولنى تاللىۋالغان.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەرەپلەر ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتى چېن گۇاڭچېڭغا كاپالەت بەرگەن. ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا پاراكەندىچىلىك سالماسلىققا ۋەدە بەرگەن. ئۇنىڭ شەندۇڭدىن باشقا جايدا ياشىشىغا ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن چېن گۇاڭچېڭ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن ئايرىلغان. ئۇ ئامېرىكا باش ئەلچىسى گەرىي لۇنىڭ ھەمكارلىقىدا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن چىقىپ، بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇ يەردە ئائىلە-تاۋابىئاتى بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇ ۋەقەنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم بېيجىڭغا يېتىپ بارغان ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە-ئىقتىساد دىئالوگى پەيشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ھالقىلىق پەيتتە ھەل قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رولىنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، دەپ تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېن گۇاڭچېڭغا قانداق مۇئامىلە تۇتىدىغانلىقىنى يېقىندىن تەقىب قىلىدىغانلىقى، ئەگەر بېيجىڭ ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە ھەرقانداق چەكلىمە قويسا، بۇنىڭ يەنە بىر ئىختىلاپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان-قىلمىغانلىقى، ئامېرىكىغا كېتىشنى نېمىشقا تەلەپ قىلمىغانلىقى چەتئەلدىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. بىراق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق سورىمىغان ۋە ياكى ئامېرىكىغا كېتىشنى تەلەپ قىلمىغان.

چارشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بارغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ: مەن چېن گۇاڭچېڭنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىمىز ۋە بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزنى ساقلىغانلىقىمىزدىن مەمنۇن بولدۇم. ئۇنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن ئايرىلىشى ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە بىر قاتار چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلدى. بۇ ئۇنىڭ بىخەتەر مۇھىتتا يۇقىرىلاپ ئوقۇش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم ۋەزىپە بۇ ۋەدىلەرنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئالدىمىزدىكى ئاي-كۈنلەر ۋە يىللاردا چېن گۇاڭچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدۇ، دېگەن.

بىراق چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسىنىڭ نەتىجىسى ۋەقەنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بەزى خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىدىن ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسىنى تەنقىدلەپ، چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن ئامالسىز ئايرىلغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا تەھدىت سالغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بەرگەن ۋەدىلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ساۋ چاڭچىڭ: چېن گۇاڭچېڭ ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن بىر ئەما. بۇ چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىنغان ۋە نۇرغۇن كىشى بىلىدىغان ئەمەلىيەت. ئۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرگەن. كىشىلەر پەقەت سىياسىي پاناھلىق سوراش ئۈچۈن چەتئەل ئەلچىخانىلىرىغا كىرىۋالىدۇ. دېمەك ئۇ ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ ئەلچىخانىغا كىرگەن. جۇڭگودا ئەركىنلىك يوق. جۇڭگودا ئەركىنلىك بار بىردىن-بىر جاي چەتئەل ئەلچىخانىلىرىدۇر. ئامېرىكا ئەركىن دۇنيانىڭ بايراقدارى. شۇڭا ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى. چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋېلىشتىكى مەقسىتى ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش. بۇ ئۇنىڭ جۇڭگودىكى مۇستەبىت تۈزۈمدە ياشاشنى خالىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىككى تەرەپنىڭ بۇنداق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشى بىر سىياسىي سودا. نومۇس قىلارلىق بىر سىياسىي سودا، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەگەر چېن گۇاڭچېڭ داۋاملىق ئەلچىخانىدا قالسا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ شەندۇڭدىكى يۇرتىغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىراق، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر، چارشەنبە كۈنى مىنىستىرلىقنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: مەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سىز تىلغا ئالغان چېن گۇاڭچېڭنىڭ دوختۇرخانىدا قىلغان سۆزى ھەققىدىكى بۇ خىل تەھلىللىرى ھەققىدە توختالمايمەن. مېنىڭچە سىزمۇ كۆرگەن بولۇشىڭىز كېرەك، بۇنى تورىمۇ دېگەندەك بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى كۆز قارىشىمىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قەيت قىلىنغانلار بىلەن ئوخشاش. ھېچقانداق بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى چېن گۇاڭچېڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ جىسمانىي ھەم قانۇنى تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلىشىپ باقمىغان. شۇنداقلا يەنە ھېچقانداق بىر خىتاي ئەمەلدارى بىز ۋە ياكى بىز ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ باققان ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلايدىغان ئىقتىساد-ئىستراتېگىيە يىغىنى ھارپىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، 1989‏-يىلى ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى فاڭ لىجى-لى شۇشيەن ئەر-ئاياللارنىڭ ئامېرىكىغا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن، ئەڭ زور دىپلوماتىك ھادىسە بولۇپ قالغان.

ئامېرىكىنىڭ چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئامېرىكىدىكى ساۋ چاڭچىڭ قاتارلىق خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق جاڭ ۋېيگو قاتارلىق يەنە بەزى ئۆكتىچى زىيالىيلار ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇ ۋەقە مەزكۇر يىغىندا كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ۋە قاراتمىلىققا ئىگە مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق ساۋ چاڭچىڭ، چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئۇسۇلى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھەر ئىككى دۆلەت چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنىڭ ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى خالىمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەلۋەتتە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بۇ ۋەقەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى خالىمايدۇ. بىراق دەل مۇشۇ يىغىننىڭ ئۆزى ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىنى تېز بىر تەرەپ قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. چۈنكى چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى بۇرۇن يۈز بەرگەن نۇرغۇن ۋەقەلەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئۇ كۆزى كۆرمەيدىغان بىر كىشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئەمەس. ئۇ پەقەت بىر قىسىم دېھقانلارغا ياردەم قىلغانلا، خالاس. شۇ سەۋەبتىن ئۇ نۇرغۇن دىشۋارچىلىققا ئۇچرىدى. ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق قىلمىشى يوق. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇنداق بىر كىشىگە زىيانكەشلىك قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، جۇڭگوغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە تامامەن ھەقلىق ئىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەقسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى كوزىر قىلىپ، چېن گۇاڭچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا ياردەم قىلالايتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.