خىتايدا ئادەملەرنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ۋە ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىشى توغرىسىدىكى قارارىنى شۇ قەدەر تېز ئۆزگەرتىشكە نېمە سەۋەب بولغان؟
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەندۇڭدىكى ئۆز ئۆيىدە نەزەربەندكە ئېلىنغان ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭ، قاتتىق نەزەربەند ئاستىدىن پەم-پاراسەت بىلەن قېچىپ، بېيجىڭدىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كېلىپ ئالتە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، 5- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئەگەر خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن نورمال پۇقرادەك مۇئامىلە قىلىنسىلا، باشقا دۆلەتكە كەتمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنىڭ بىخەتەر جايدا تۇرۇپ مەكتەپ تەربىيىسى كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆزى تېرىشىپ ئۆگىنىپ ئادۋوكات بولغان 40 ياشلىق چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن چىقىپ، بېيجىڭدىكى چاۋياڭ دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، دوختۇرخانىدا داۋالىنىشقا باشلاپ ۋە خوتۇن-بالىلىرى بىلەن جەم بولۇپ بىر سائەتتىن كېيىن، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە، خىتايدا قېلىش پىكرىدىن يېنىپ، دەرھال پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا كېتىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن خىتايدىكى قانۇن پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭنىڭ، بىخەتەر جايدا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش چارىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، پىكرىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ دەرھال چەتئەلگە كېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە مۇھىتىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان. ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭدا پەيدا بولغان بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش، دەل ئۇ خوتۇن-بالىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پەيدا بولغان. ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭنىڭ دوختۇرخانىدا تۇرۇپ «بىرلەشمە ئاگېنتلىقى»غا بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ خوتۇنىغا، ئەگەر چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن چىقىپ كەتمىسە، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيانىڭ خوتۇنى جىن يېڭ خانىمنىڭ «تۋىتېر» تورى ئارقىلىق بايان قىلىشىچە، چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن چىققان ھامان ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغان. ئۇنىڭ بىلىشىچە، چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىدىن قايتىپ چىقىشى ئۆزىنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولماي، بەلكى بېسىم ئاستىدا بولغان. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتۇن-باللىرىغا قىلغان بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند خانىم ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بايان قىلىشىچە، چېن گۇاڭچېڭنىڭ خىتايدا تۇرۇش قارارىدىن يانغانلىقى ئائىلە بويىچە چىقىرىلغان قارار. شۇڭلاشقا ئامېرىكا دائىرىلىرى ئەمدى خىتاي بىلەن چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسى ھەققىدە قايتىدىن سۆزلىشىشكە باشلىغان. چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھامان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يىرىكلەشكەن ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا باشلانغان تۆتىنچى قېتىملىق ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگىمۇ، چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭ بۈگۈن: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ھازىر مەن ۋە ئائىلەم خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەس، مەن ھازىر ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كلىنتون خانىمنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئامېرىكىغا كېتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىمەن، دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەربەندتىن قېچىپ قۇتۇلۇشنىڭ ئۈلگىسى بولغان ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى، بۈگۈن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگ باشلىنىپلا، يەنە ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان جېدەلنىڭ تۈگۈنى بولۇپ قالغان.