خىتاي دائىرىلىرى چېن گۇاڭچىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەن
2012.05.10

ئامېرىكا خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشتىن ئىلھاملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن چەتئەلگە چىقىشىغا ئىجازەت بېرىلگەن چېن گۇاڭچېڭ، بېيجىڭدىكى چاۋياڭ دوختۇرخانىسىدا داۋالانغاچ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاسپورت ئىشلەپ بېرىشىنى كۈتۈپ ياتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ يۇرتى شەندۇڭدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئالغان.
چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئادۋوكاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئاكىسى، ھەدىسى، قېينئاكىسى قاتارلىق كىشىلەرنى ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىپ، ئاكىسىنىڭ ئوغلىنى قولغا ئالغان. ئۇنىڭ يۇرتىدىكى بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويۇلغان.
چېن گۇاڭچېڭنىڭ 26-ئاپرېل نەزەربەند ئاستىدىن قېچىپ چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىشى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇ ۋەقە يەنە، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قانچىلىك سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى.
ئۇ، پەيشەنبە كۈنى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شەندۇڭنىڭ لىنيى ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقى ۋە ئەسەبىيلىك بىلەن ئۆچ ئېلىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چېن گۇاڭچېڭنىڭ جىيەنى، بۇ يىل 26-ئاپرېل يەرلىك دائىرىلەر چېن گۇاڭچېڭنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ ئۇنىڭ ئۆيىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغان.
چېن گۇاڭچېڭنىڭ جىيەنى چېن كېگۇينىڭ ئادۋوكاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەرنىڭ چېن كېگۇينى قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشىدا ئۇنىڭ «قاتىللىق قىلىشقا ئۇرۇنغان» لىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. چېن كېگۇي يەرلىك دائىرىلەرنىڭ 26-ئاپرېل چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئۆيىدە ئېلىپ بارغان ئاختۇرۇش ھەرىكىتىدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
چېن كېگۇينىڭ ئادۋوكاتى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇنى «قاتىللىق قىلىشقا ئۇرۇنغان» دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىگەنلىكى، پەقەت بىر يېزا كادىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ مەسىلىگە ئىلگىرىلەپ ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە خىتاي تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند: بىز مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان مەسىلە ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بۇنىڭدىن سىرت بىز مەزكۇر ۋەقەگە دائىر ئىلگىرىلەپ ئۇچۇرلارنى كېلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، دەپ كۆرسەتتى.
بىراق ئۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتايغا چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھەرقانداق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ باققان-باقمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ: بىزنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىپادە بىلدۈرىدىغان پوزىتسىيىدە ئەمەسلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن. چۈنكى بىز تېخى شەندۇڭغا بېرىپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئىسپاتلىمىدۇق. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىگە بولغان ئەندىشىمىزنى ئىپادىلەشتىن بۇرۇن، بۇ ۋەقە ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئۇچۇرلارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، دەپ ئەسكەرتتى.
چېن گۇاڭچېڭ بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن شەندۇڭدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە سالغان زۇلۇمى، زىيانكەشلىكى ئۈستىدىن ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى يېقىندا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئۇنى يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئەمەلدارىغا ئىنكاس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بەزى چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىندىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ چېن گۇاڭچېڭغا زىيانكەشلىك قىلغان يەرلىك ئەمەلدارلارنى تەكشۈرىدىغان ياكى تەكشۈرمەيدىغانلىقىنى سورىغان ۋە بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق ليۇ ۋېيمىن بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن ئىدى.
چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىنىڭ دىققەت نەزىرى يەنە بىر قېتىم خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىگە بۇرالغان ئىدى. ئامېرىكا براۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاتسون خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ زىيارەتچى ئىلمىي خادىمى شۇ ۋېنلى ئەپەندى، مۇقىملىق سىياسىتى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مەلۇم مەنىدىن ئىنتايىن پاسسىپ ۋە ئامالسىز تاللىۋالغان يول ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇقىملىققا سەرپ قىلىنغان پۇل ھەربىي خام چوتتىن ئېشىپ كەتكەن. ئەگەر بۇ پۇلنى سەرپ قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغان بولسا، ئېھتىمال بۇنچىلىك كۆپ پۇل سەرپ قىلماي تۇرۇپمۇ، جۇڭگونىڭ ئولتۇراق ئۆي، داۋالىنىش، سۇغۇرتا ۋە مائارىپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بولاتتى. شۇڭا مۇقىملىق پۈتۈنلەي ئاقمايدىغان يول. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. تورنى كونترول قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. بەلكى قىسقا مۇددەتلىك بەزى ئۈنۈملەرگە ئېرىشىشى مۇمكىن. بىراق بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى قانداق ساقلىغىلى بولسۇن. جەمئىيەتتىكى ئىختىلاپ ھەل قىلىنمىسا، نارازىلىق بېسىقمىسا، باي-كەمبەغەللىك پەرقى داۋاملىق چوڭايسا، پارىخورلۇق بۇنداق ئېغىر تۇرسا، مۇقىملىق قانداق قوغدىلىدۇ.
چېن گۇاڭچېڭنىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن بۈگۈنكى ئۇچۇرى يەنە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، چېن گۇاڭچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ تەقدىرىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەركىزى خوڭكوڭدىكى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ سوڭشيا ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ: گەرچە چېن گۇاڭچېڭ خەلقئارانىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن شەخس بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ جىيەنى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. شۇڭا خەلقئارانىڭ دىققەت نەزىرى چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسىدىن يۆتكەلسە، قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى كىشىنى پەۋقۇلئاددە ئەندىشىگە سالىدۇ، دېگەن.
ئامېرىكا بروۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاتسون خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى شۇ ۋېنلى، مۇقىملىقنىڭ پەقەت كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: ئەگەر راست ئاتالمىش «مۇقىملىق بار» دېيىلگەن تەقدىردە، بۇ «مۇقىملىق» دەپ ئاتالماسلىقى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى خەلق ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ھۆر، دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش. بۇ مەسىلە ھەل قىلىنسا، ئاتالمىش «مۇقىملىق» دېگەن نەرسىگە ھېچقانداق ئېھتىياج قالمايدۇ. مۇقىملىق كومپارتىيىنىڭ ئامالسىز ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىش يولى. لېكىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ. شۇڭا كومپارتىيە ئۆزىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىشى لازىم. پەقەت بۇ جۇڭگونىڭ ۋە كومپارتىيىنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولىدۇر، دەپ كۆرسەتتى.
بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىدا پاسپورتىنى كۈتۈپ ياتقان چېن گۇاڭچېڭ، پاسپورتىنىڭ قاچان قولىغا تېگىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇ، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ، بىراق تېلېفون ئارقىلىق ھەر كۈنى ئەلچىخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدىكەن.
چېن گۇاڭچېڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ: بۇ ئىشنىڭ دىققەت قوزغىشىنى، ئادۋوكاتلارنىڭ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ۋاكالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق ئۇلار ئادۋوكاتلارنىڭ يېزىغا كىرىشى ۋە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئۇچۇرۇشۇشىغا يول قويمىغان. ئەكسىچە، ئۇلار بۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئائىلەمدىكىلەردىن ئۆچ ئېلىۋاتىدۇ، بۇ ناھايىتى قەبىھلىك، دېگەن.