خەۋەردە ئەينەن ھالدا مۇنداق دېيىلگەن: " ۋاقىتلىق بەلگىلىمە" جۆرىسى، پەرزەنتلىرى چەتئەلگە كۆچۈپ كەتكەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تەدبىقلىنىدۇ. بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدىغان خادىملار كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرىغا جورىسى، پەرزەنتلىرىنىڭ چەتئەلگە كۆچۈپ كېتىش ئەھۋالىنى يازما دوكلات قىلىشى، ئالاقىدار ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغاندىمۇ دوكلات قىلىشى كېرەك. بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدىغان خادىملارنىڭ بېجىرىدىغان جامائەت ئىشلىرى جورىسى، پەرزەنتلىرى كۆچۈپ كەتكەن دۆلەت ياكى رايونغا چېتىشلىق بولسا، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماققا ئەھۋالنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى، مەنپەئەت توقۇنۇشى كۆرۈلگەندە ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك ياكى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماق چەتنەپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.
"ۋاقىتلىق بەلگىلىمە"دە يەنە، جۆرىسى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەرگە "ۋەزىپە ئىش ئورنىنى قېلىپلاشتۇرۇش، جامائەت ئىشلىرىنى بېجىرىشتە ئۆزىنى چەتكە ئېلىش" بۇيرۇلغان ۋە ئۇلار چەتئەلگە چىقماقچى بولسا، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ھاكىم، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دۆلەت خىزمەتچىلىرى چەتئەلگە چىقماقچى بولسا، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق تەكشۈرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
„"جۆرىسى، پەرزەنتلىرى چەتئەلگە كۆچۈپ كەتكەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە"دە كۆرسىتىلىشىچە، چەتئەلگە چىقماقچى بولغان دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى تۈزۈش ياكى كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىش ھوقۇقى يەرلىك دائىرىلەرگە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىنى دەرھال ھەم قاتتىق ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، "ۋاقىتلىق بەلگىلىمە"دە: " بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدىغان خادىملار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغاندا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ تەنقىدىي تەربىيە بېرىش، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش، ئىنتىزام جاۋابكارلىقى ۋە قانۇن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ" دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، "ئالاقىدار تارماقلار ۋاقىتلىق بەلگىلىمىدە بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە بەلگىلىمىنىڭ تەلىپىنى تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى، مەشغۇلات تەرتىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك." دېيىلگەن.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، جۆرىسى ياكى پەرزەنتلىرى چەتئەلگە چىقىپ كەتسە، ئۇنىڭ بەدىلىنى ۋەتەندىكى ھەمراھى تۆلەيدىغان بۇنداق بىر سىياسەتنىڭ دۇنيانىڭ ھېچ يېرىدە يوقلۇقىنى، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە قول قويغان خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيىتتى.
ياۋرۇپادا ياشۋاتقان ئەركىناي خانىم، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئېرى ئارقىلىق ئايالىنى، ئايالى ئارقىلىق ئېرىنى گۆرۈدە تۇتىۋېلىش رولىنى ئوينايدىغان بۇ بەلگىلىمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكتىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىقلىنىدىغانلىقى ھەم تۇرمۇشىغا كۆپ قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرىدىغانلىقىنى پەرەزدە تۇتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئېرى ياكى ئايالى پەرزەنتلىرى بىلەن ۋەتەندە قالغان مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى جەم قىلىش ئىشلىرىغا زور توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى، ئاتا - ئانا ھەم بىر تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ يەنىمۇ مۈشكۈللىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. بولۇپمۇ، ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنىڭ ئەمدى قاتمۇ - قات توساقلارغا يولۇقىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.