28-فېۋرال كۈنى بىر تۈركۈم پۇقرالار بېيجىڭ ۋاڭفۇجىڭدىكى بىر ئامېرىكا تېز تاماقخانىسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، «ياسىمەن» نامايىشى قىلماقچى بولغان ئىدى. لېكىن، ساقچىلار يىغىلىشنى چەكلەپ، ۋەقەنى خەۋەر قىلماقچى بولغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنى ئۇرغان ھەم تۇتقۇن قىلغان ۋە شۇنداقلا قارار چىقىرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن نامايىش ۋە ئاممىۋى يىغىلىشلارنى خەۋەر قىلىشى ھەم سۈرەتكە ئېلىشىنى چەكلىگەن. خىتاينىڭ بۇ تەدبىرى ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى تەنقىدكە ئۇچراپ، بۇ ۋەقە نۆۋەتتىكى غەرب بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئەڭ قىزىق تالاش-تارتىش تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غەرب بىلەن خىتاي ئارىسىدا ھەل بولماي كېلىۋاتقان كونا ئىختىلاپ بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بېرى بۇ مەسىلىگە يەنە بىر ئىختىلاپ قوشۇلدى. ئۇ بولسىمۇ خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىدۇر. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 27-فېۋرالدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمە چىقىرىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن نامايىش ھەم ئاممىۋى يىغىلىشلارنى خەۋەر قىلىشىغا چەكلىمە قويۇشى، بۇ جەھەتتىكى ئىختىلاپنى ئىلگىرىلەپ جىددىيلەشتۈرمەكتە. خىتاي ساقچىلىرى 27-فېۋرالدىكى ئامېرىكا تېز تاماقخانىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئامېرىكا بلۇمبېرگ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر مۇخبىرىنى ئۇرۇپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىدىن ئون نەچچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. بۇ ۋەقە غەرب بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تەنقىدلەيدىغان نۆۋەتتىكى ئەڭ قىزىق تالاش-تارتىش تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
خىتاي بۇ دۆلەتتىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتاي قانۇنىغا بوي سۇنۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىسە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ئەركىن خەۋەر بېرىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. ئامېرىكا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 27-فېۋرالدىكى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش شەكلى ۋە ئۇنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا چەكلىمە قويغانلىقىغا رەسمىي ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكىنىڭ ئاقساراي باياناتچىسى خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ جىسمانىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. باياناتچى جەي كارنېي ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بىزنى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە جىسمانىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ناھايىتى بىئارام قىلدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز ۋە شۇنداقلا ج خ دائىرىلىرىنى ھەر قانداق كىشىنى قانۇنسىز پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىتكە ئۇچراشتىن قوغداشقا ئۈندەيمىز. باش ئەلچى ۋە بىزنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىمىز ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىلەر. بىزگە نىسبەتەن مۇخبىرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ھادىسە ئەمەس» دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنى ئۇرغان ۋە تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، بۇ جەھەتتىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى يەنە بىر باياناتىدا، خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ قەستەن توپىلاڭ پەيدا قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ يىغىلىشنى خەۋەر قىلىشنى باھانە قىلىپ، قەستەن توپىلاڭ پەيدا قىلماقچى بولغانلىقىنى، «خىتايدا توپىلاڭ پەيدا قىلماقچى بولغان مۇخبىرلارنى قوغدايدىغان ئاخبارات قانۇنى يوقلۇقى» نى تەكىتلىگەن.
بۇ ۋەقە غەرب ئەللىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماي، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىغان چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى. مەركىزى نيۇ يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى 27-فېۋرالدىكى ۋەقەنى ئەيىبلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
مەزكۇر تەشكىلات چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، 27-فېۋرالدىكى ۋەقەنى 2008-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىنى بوشاشتۇرۇش تەدبىرىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقتۇر، دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدا ئاخبارات مۇستەقىللىقىنى تەۋرەنمەي قوللاشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشىنى ۋە شۇنداقلا دائىرىلەرنى «ياسىمەن ئىنقىلابى» غا قاتناشماقچى، دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان ھەم تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى شارون خومنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساقچىلارنىڭ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىك ئەندىشىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن دۇنيادىكى ئوبرازىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگىمۇ قارىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، بېيجىڭ ئەيجىشىڭ جەمئىيىتىنىڭ سابىق مەسئۇلى ۋەن يەنخەي خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە ئەسكەرتىپ، 27-فېۋرالدىكى ۋەقەدە توپلانغان ئامما ھۆكۈمەت تىزىملىكىدىكى ئۆكتىچىلەر بولماي، ئادەتتىكى ئامما ئىكەنلىكىنى، مانا بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ئەنسىزلىككە سالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ «بېيجىڭدىكى يىغىلىشتا كۆرۈلگەن يەنە بىر ھادىسە، ۋاڭفۇجىڭدا توپلانغان كۆپ ساندىكى پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى كىشىلەر ئەمەسلىكىدۇر. بۇ نۇقتا كىشىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ دېگەنلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان پۇقرالار ھەرىكىتىنى سەزمەي قېلىشى مۇمكىن، دېگەنلىكتۇر. ئۇلار بۇ رىقابەتنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى بىلمەي قېلىشى، ئۇلارغا رىقابەت ئېلان قىلىدىغان بۇ كىشىلەر، بىر مەيدان ئىنقىلاب قوزغايدىغان بۇ كىشىلەر، ئۇلار كۆز تىكىۋاتقان كىشىلەر بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ مەسىلىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىگە مۇئامىلە قىلغاندا، نوقۇل ئاز ساندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۈزلۈكسىز تەقىب قىلىنىش ھەم زەربىگە ئۇچراش ۋەقەلىرىنىلا كۆزدە تۇتماسلىقى كېرەك» دەپ تەكىتلەيدۇ.
بېيجىڭدىكى ۋەقەنى ئەيىبلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچىدە يەنە مەركىزى نيۇ يوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بار. مەزكۇر تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنى قولغا ئېلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى، ئەگەر بۇ ۋەقە ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈلمىسە، بۇنىڭدىن ئاخبارات خادىملىرىغا زەربە بېرىدىغان بۇ تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى سوفىيە رىچاردسون «ساقچىلارنىڭ ئاممىۋى ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلماقچى بولغان چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.