چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەن زىيارىتىدە كۆرگەنلىرى

يېقىندا ۋەتەنگە تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بارغان بىر ئۇيغۇر، ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەن زىيارىتى جەريانىدا كۆرگەنلىرىنى بايان قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ كىشى ۋەتەندە 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تەخمىنەن 3 ھەپتە ئەتراپىدا تۇرغان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىي ھالەتتە بولۇپ كوچىلاردا قوراللىق ساقچىلارنىڭ ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ چارلاپ يۈرگەنلىكىنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار نىسبەتەن زىچ ئولتۇراقلاشقان بەزى رايونلىرىنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ كىشى ئۆزىنىڭ ۋەتەندە يولۇققان كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ، ئۆزلىرىنىڭ يەنئەن يولىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى تەرەپتىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىش يولىدا ساقچىلارنىڭ يولنى توسىۋەتكەنلىكى ئۇچۇن باشقا يولدىن ئايلىنىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، باشقىلاردىن ئاڭلىشىچە، بۇ قەبرىستانلىقنى قوراللىق ساقچىلار قوغداۋاتقان بولۇپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن بۇ جايغا نامەلۇم ئۇيغۇرلاردىن خېلى جىق كىشى دەپنە قىلىنغانلىقى ئۇچۇن ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار قەبرىستانلىقىنى قامال قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ كىشى بىزگە ۋەقەدىن كېيىن، خېلى جىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، تونۇشلىرىدىن ئاڭلىشىچە،تەخمىنەن 10 مىڭدەك ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ قىزىلتاغ تېغى ئەتراپىدىكى ئىلگىرى ساياھەتچىلەر ئۇچۇن تەييارلانغان كىچىك ئۆيلەرنى چېقىۋېتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق ئۆيلەر ياساپ، ۋەقەدە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى شۇ جايغا قاماپ سوراق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

بۇ كىشى بىزگە تېلېۋىزورلاردا بېرىلگەن ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلگەن خىتايلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار بېرىلىۋاتقانلىقىنى، 7 - ئىيۇل كۈنى خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ بېرىلمىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا پاراڭلىرىدا ۋەقەدە خېلى جىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى گەپلەرنىڭ بولۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ كىشى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ھازىر گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سودا دۇكانلىرى ئېچىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن بۇ دۇكانلاردا تىجارەت بولمىغانلىقىنى، شەھەر كوچىلىرىدا ئۆزى ئىلگىرىكى يىللاردا ۋەتەن زىيارىتىدە كۆرىدىغان قايناق ھالەتنىڭ تامامەن يوقىلىپ شەھەر چۆلدەرەپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ بىزگە ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە ھۆكۈمەت تور ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتكەنلكى ئۇچۇن ئايروپىلان بېلىتى ئېلىشتا ئايرودرومغا تېلېفون ئۇرۇش ئارقىلىق ئايروپىلان بېلىتى ئېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئەمما چەتئەل بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى، توي - تۆكۈن قاتارلىق يىغىلىشلارنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى، 3 - 4 ئادەم توپلىشىپ ئولتۇرسا ساقچىلارنىڭ دەرھال شۇ جايغا يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرگەنلىكى ئۇچۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز - ئارا توپلىشىپ ئولتۇرىدىغان ئەھۋالىنىڭمۇ ناھايىتى ئازلىقىنى، كوچىلاردا ئۇچرىغان ياش ئۇيغۇر بالىلىرىنى ساقچىلار كۆرگەنلا يەردە توختىتىپ سوراق قىلىدىغانلىقىنى،كوچىلاردىلا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەۋىرىنى ھەر كۈنى ئاڭلاپ تۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

ئۇ بىزگە تونۇشلىرىدىن ئاڭلىشىچە، رېستوراندا ئۆتكۈزۈلگەن مەلۇم بىر تويدا، زىياپەت زالىغا ساقچىلار قولىغا قويزا سېلىنغان 2 نەپەر ئۇيغۇر بالىسىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا تويدىكى ياشلارنى كۆرسىتىپ، ئۇلار ئىچىدىن "5 - ئىيۇل نامايىشى"غا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى تونۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە رېستوراندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

ئۇ بىزگە يەنە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن،ئۇ بىزگە ئۈرۈمچىدە ئۆزى كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپلىمە تەشۋىقاتىغا نىسبەتەن نارازىلىق كەيپىياتىدا بولۇۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۆۋەن،ھەسرەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى،ساقچى ئىدارىلىرىدە ئىشلەيدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئۇچراۋاتقان پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە چىدىمىغانلىقى ئۇچۇن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ ئاڭلىغانلىقىنى، ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغانلارنى سوراق قىلىش ئۇچۇن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا ئۇ بىزگە، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئايرودرومدا ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، چەتئەل پاسپورتى بولغىنى ئۈچۈنلا ئاخىرى ئايروپىلانغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى سەپىرىدە ئىلگىرىكى سەپەرلىرىگە ھېچ ئوخشىمايدىغان ئېغىر ھېس - تۇيغۇلار ئىچىدە ۋەتەندىن ئايرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ سۆھبىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.