چەتئەلدىكى خىتاي كۆزەتكۈچىلەر قەشقەر ۋە كۇچا ۋەقەلىرىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان تەھلىللەردە بولۇشتى

چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى خىتاي زىيالىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرى ۋە كۇچار ناھىيىلىرىدە يۈز بەرگەن 4 ‏ - ۋە 10 ‏ - ئاۋغۇست ۋەقەلىرىگە باھا بېرىپ، رايوندا مىللىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋالغا بېرىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

لېكىن ئۇلار يەنە مەسىلىنى باستۇرۇش بىلەن ھەلقىلغىلى بولمايدىغانلىقى، مەسىلىنى ھەلقىلىشنىڭ يولى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كېڭەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا ۋە ئولىمپىك يىغىنى باشلانغان دەسلەپكى كۈنلەردە يۈز بەرگەن قەشقەر شەھىرى ۋە كۇچا ناھىيىسىدىكى خىتاي ژاندارما قىسىملىرىغا ھەم خىتاي دۆلەت ئاپاراتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئىچىدە 16 نەپەر خىتاي ژاندارمىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.

بۇ ۋەقەلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى بۇ رايونغا يۆتكەپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەلۇم ۋاقىت خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەر ۋە مۇلاھىزە تېمىسى بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ قاتاردا ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلار 4‏ - ۋە 10 ‏ - ئاۋغۇست ۋەقەلىرىگە باھا بېرىپ، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن كېيىن رايوندا يولغا قويىدىغان سىياسىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە ‏ - تەدبىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. بۇ كىشىلەر رايوندا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولۇپ، بەزىلەر بۇ ۋەقەلەرنى " تېررورچىلىق" دەپ ئەيىپلىسە، يەنە بەزىلەر بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان خىتاي تىلىدىكى " كۆزىتىش" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى كېيىنكى قاراشتىكى خىتاي زىيالىيلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ" مەن بۇ ۋەقەلەر ئاساسلىقى قەشقەر ۋە كۇچا رايونىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر پۇقرالارنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسنىڭ باستۇرۇشىغا كۆرسەتكەن ئىنكاسى، بىر قارشىلىشىش ھەرىكىتى، دەپ قارايمەن. يەنى جۇڭگو كومپارتىيىسى ناھايىتى رادىكال باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەنلىكى، بەلكى دۆلەت تېررورچىلىقىنى يولغا قويغانلىقى تۈپەيلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ كەسكىن قارشىلىقى يۈز بەردى. بۇ بىر ئىنكاس، بېيجىڭنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاستۇر. ئۇلار ھەرگىز تۇغما تېررورچىلار ئەمەس. چۈنكى ئىلگىرىكى يىللاردا بۇ قەدەر كەسكىن قارشىلىقلار يۈز بەرمىگەن ئىدى" دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن بۇ ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنىش مەسىلىسىدە ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئارىسىدا زور ئىختىلاپ مەۋجۈت. ئامېرىكىدىكى خىتاي مۇلاھىزىچى فاڭ جۆي چېن كۇيدﯤ بىلەن ئوخشىمىغان قاراشتىكى خىتاي زىيالىيسى بولۇپ، ئۇ بۇ ۋەقەلەرنى " تېررورلۇق" دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": قەشقەردە ژاندارما قىسىملارغا ھۇجۇم قىلىپ، 16 ئەسكەرنىڭ ئۆلۈشىنى، 16 ئەسكەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، قوراللىق قىسىملارغا ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدىكى زوراۋانلىق كۈچ ئىشلىتىش ۋەقەسىدۇر. لېكىن كۇچادىكى زوراۋانلىقلاردا پۇقرالار ئۆلدى. ھۇجۇم نىشانى بولسا دۇكان ۋە سودا ساراينى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ئىچىدە ئۇيغۇر پۇقرالار بار. شۇڭا مەن بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى 'تېررورلۇق' دەپ قارايمەن. مەيلى ئۇلار كومپارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش، ئۆز ‏ - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، مەيلى قانداق سەۋەب بىلەن ئېلىپ بارغان بولسۇن، ئۇلارنىڭ قوللانغان ۋاستىسى يەنىلا تېررورلۇق ۋاستىسىدۇر."

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر ۋە كۇچا ۋەقەلىرىنى باھانە قىلىپ، رايوندا كەڭ - كۆلەملىك ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالى يەرلىك خەلقنى خاتىرجەمسزلەندۈرمەكتە ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ رايوندىكى مۇخبىرىنىڭ چارشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر پۇقرالىرىدىكى بۇ ئەندىشە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. فاڭ جۆي، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رايوندا كەڭ - كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالى زور، دەپ قارىماقتا. ئۇ،" ئولىمپىك يىغىنىدىن كېيىن جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رايوندىكى ج خ، تەپتىش، سوت ۋە ژاندارما قىسىمى شىنجاڭنىڭ قەشقەر، كۇچا ۋە باشقا جايلىرىدا ئاختۇرۇش، تەقىپلەش ۋە ئىز قوغلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشى شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىشى مۇمكىن. بۇ كىشىلەرنى رادىكال كۈچلەر، دېگەن سەۋەبلەر بىلەن جازالايدىغانلىقىنى قىياس قىلىش مۇمكىن. مەن جۇڭگو كومپارتىيىسى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش سىياسىتى يولغا قويىدۇ، دەپ قارايمەن. بۇ سىياسەتنىڭ كېڭەيتىۋېتىلىش ئېھتىمالى مەۋجۇت ... بۇ بەلكى ئۇيغۇر ئاۋام خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زىيانلارنى سېلىشى مۇمكىن." مەتبۇئاتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە يۈرگۈزگەن بىخەتەرلىك تەدبىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپلا قالماي، بۇنىڭ يەنە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

"كۆزىتىش" ژۇرنىلىدىكى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى بۇنىڭغا كومپارتىيىنىڭ تەشۋىقاتى جاۋابكار بولۇشى كېرەك، دەيدۇ. چېن كۇيدﯤ، "بۇ ئەھۋاللار بېيجىڭنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇزۇندىن بېرى ئولىمپىك ھەققىدىكى تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىدە ئولىمپىك يىغىنى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە قۇتلۇق نەرسە بولۇپ قالدى. بۇرۇن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە پىكىرى بار كىشىلەر ئەمدى ئولىمپىكنى دەپ پىكىر بېرىشنى توختاتتى. باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسىدە بەزى خەنزۇلار ئولىمپىك تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي سىياسىتىنى قوللاپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرىدىغان مەيدانغا ئۆتتى. بۇ كىشىنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان، لېكىن سەل قاراشقا بولمايدىغان ھادىسە. كومپارتىيىنىڭ مائارىپ ۋە تەشۋىقات قوراللىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقى جۇڭگو خەلقىدە پىكىرنىڭ بىر خىللىقىنى، ئۇنىڭ كۆپ خىللىشالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا" دەپ تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، باستۇرۇش ئېغىرلاشقانسىرى ئۇيغۇرلاردا رادىكاللىشىشنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فاڭ جۆي بولسا زوراۋانلىقنى، مۇستەقىللىقنى ۋە دىنىي رادىكاللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كېڭەيتىشتە، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بۇ ئۈچ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى يېتەرلىك بولمىغان ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىشتۇر. جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە يېتەرسىزلىك مەۋجۈت. خەلقئارا ئاپتونومىيە ئۆلچىمىگە توشمايدۇ. چۈنكى كومپارتىيە نەچچە ئون يىللاردىن بېرى شىنجاڭدا ھەقىقىي ئاپتونومىيە يۈرگۈزمىگەن. شۇڭا بۇ خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە سەۋەب بولدى ... شۇڭا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپكى يولى خەلقئارا ئۆلچەم، كۆپچىلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن شىنجاڭدا ھازىرقى ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىش، خەلقئارا ئۆلچەم ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشتۇر."

لېكىن فاڭ جۆي، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قارىغاندا ۋەزىيەتنىڭ يېقىن ئارىدا ئوڭشىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىغا 2 توسالغۇ بارلىقىنى، بۇنىڭ بىرىنچىسى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتى، ئۇلارنىڭ مەلۇم مەزگىلگە قەدەر ئۇيغۇر ئىلىدىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى، ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر ئىچىدىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىدۇر " دەپ كۆرسەتتى.