ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدىكى "ئۇيغۇر رېستورانى"نىڭ ئىگىسى جۈرئەت ئەپەندى، ئەنە شۇنداق چەتئەللەردە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بىرى.
بۈگۈن جۈرئەت ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيىدە ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىش قارارىغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەم بۇ رېستوراننىڭ ئاۋسترالىيىلىكلەرگە ئۇيغۇر تائاملىرىنى ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئوينىغان رولى ھەققىدە توختالدى.
جۈرئەت ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ رېستوراننى ئېچىش ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ بۈگۈنكىدەك ھالغا ئەكېلىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ، ئەگەر بىر ئادەم مەلۇم ئىشنى قىلىش نىيىتىگە كېلىدىكەن، پەقەت سەۋرى-تاقەت چىدام ئىرادە بولسىلا ئۇيغۇرلار يات ئەللەردىمۇ ئۆز ئىرادىسى بويىچە پۇرسەت يارىتالايدىغانلىقىنى، ئېرىشمەكچى بولغان نىشانغا يېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، جۈرئەت ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.