ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭ مىللىي كەمسىتىش، كان بايلىقلىرىنى قالايمىقان ئېچىپ، يايلاقلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ھەتتا ئاپتونوم رايون مەركىزىي كۆكخوتقىچە تۇتاشقاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى جايلارغا بولغان كونتروللۇق ۋە قامال قىلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.
كرېمىلدىكى سۆھبەتلەر
ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىشىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىشى ۋە ۋاقىتنىڭ سوزۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىچكى موڭغۇل مەسىلىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 31-ماي كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، قارشىلىقلارنى تىنچىتىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. لېكىن، ئاخىرقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەزىيەت يەنىلا تىنچلانمىغان.
ئىچكى موڭغۇلدىكى ۋەزىيەت ئەنە شۇنداق جىددىيلىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۆزلىرىنىڭ موڭغۇل قېرىنداشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەم ئىچكى موڭغۇلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تېخىچە بىرەر مەيدانىنى ئىپادىلىمىگەن تاشقى موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى ئەلبېگدورجى بىردىنلا موسكۋادا پەيدا بولدى.
رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى ساخىياگىي ئەلبېگدورجى 30-ماي كۈنى موسكۋاغا يېتىپ كېلىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترى مېدۋېدېۋنىڭ كرېمىل سارىيىدا داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىشىغا سازاۋەر بولغان. رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە پرېزىدېنتلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي دىئالوگىنىڭ تەرەققىياتى، سودا-ئىقتىسادىي، پەن-تېخنىكا، يەر ئاستى-بايلىقلىرىنى ئورتاق ئېچىش قاتارلىق ھەر خىل ساھەدىكى ھەمكارلىقلىرى، جۈملىدىن خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇرغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى پرېزىدېنت ئارىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ئىككى تەرەپ ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىقى رامكىسى ئاستىدىكى ئەقلىي مۈلۈكنى ئۆزئارا قوغداش بويىچە ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىمىدۇر.
رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يەنە موڭغۇلىيە بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا 1949-يىلى ئىمزالانغان «ئۇلانباتور تۆمۈر يولى» بىرلەشمە شىركىتى كېلىشىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى ھۆججەت، موڭغۇلىيە-رۇسىيە تېببىي ئاكادېمىيىلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ھەمدە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىشقا ئائىت ھەمكارلىق كېلىشىمى قاتارلىق بىر قىسىم توختام ۋە ھۆججەتلەر ئىمزالانغان.
موڭغۇلىيە پرېزىدېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتى يەنە رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىق بولۇپ، موڭغۇل پرېزىدېنتى ئەلبېگدورجىڭ زىيارىتى موڭغۇلىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 90 يىللىقى، موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 100 يىللىقى ھەمدە موڭغۇلىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلىكتە ئالەم بوشلۇقىغا چىققانلىقىنىڭ 30 يىللىقى قاتارلىق بىر قاتار رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خاتىرە ئەھمىيەتلىك پەيتلەرگە توغرا كەلگەن.
رۇسىيىنىڭ «ۋىزگلياد» تور گېزىتىنىڭ يېزىشىچە موڭغۇلىيە پرېزىدېنتىنىڭ سەپىرى جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتىلار ئىككى دۆلەتنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى، جۈملىدىن تۆمۈر ۋە ئۇران قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان بايلىقلارنى قېزىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا «دورنود ئۇران» دەپ ئاتالغان رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ بىرلىكتە موڭغۇلىيە تەۋەسىدە ئۇران ئىزدەش ۋە قېزىش بىرلەشمە شىركىتىگە ئائىت مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە موڭغۇلىيە تەۋەسىدىكى ئۇراننىڭ تەخمىنەن 30 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.
ئۇلار ئارىسىدىكى ئۇرانغا ئائىت كېلىشىم ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە ئۇران كانلىرىنى تېپىش، ئۇران قېزىش، توشۇش، ئۇران تاۋلاش قاتارلىق كۆپ دائىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇلاردىن باشقا يەنە موڭغۇلىيە تەۋەسىدە يادرو، رادىئاتسىيە ۋە ئېكولوگىيىلىك بىخەتەرلىكنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە بۇنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەشكە ئائىت مەسىلىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنىپ، بىرلىك ھاسىل قىلىنغان.
ئۇلار ئارىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تېما دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر كان مەنبەلىرىدىن بىرى تاۋان-تولغاينى بىرلىكتە ئېچىشقا ئائىت مەسىلىلەردۇر. ئۇلانباتور ھۆكۈمىتى 6 يېرىم مىليارد كۇب مېتىرلىق زاپاسقا ئىگە مەزكۇر كۆمۈرلۈكنىڭ 30% پاي چېكىنى سېتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر رىقابەتكە قاتناشقان، يېقىندا ئۇنىڭ نەتىجىسى چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. رۇسىيە تەرەپ بۇنىڭغا ئىگە بولۇشقا قىزىقماقتا ئىدى.
موڭغۇلىيە رۇسىيىنىڭ ئەڭ كونا شېرىكى
مەلۇمكى، موڭغۇلىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ھىمايىسى ۋە قوغدىشى بىلەن مەۋجۇت بولغان موسكۋاغا ئەڭ يېقىن شېرىك دۆلەت ئىدى.
ستالىن بۇ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى 1945-يىلىدىكى يالتا يىغىنىدا ساقلاپ قالدى ھەمدە 1949-يىلى يەنە بىر قېتىم ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. تارىخىي مەلۇماتلار بويىچە ئالغاندا، ستالىن تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بىر پۈتۈن موڭغۇلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ خىتاي تەۋەسىدە قېلىشىنى قوللىغان ئىدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تاشقى موڭغۇلىيىنى قوشۇۋېلىش ئارزۇلىرىنى باشتىن ئاخىرى يوققا چىقىرىپ كەلگەن ئىدى.
كونا «ئاكىسى»نى يەنە سېغىنىش
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تاشقى موڭغۇلىيىگە بىر قاتار مۇساپىرلارنى بېسىپ ئۆتتى، ئۆز ئالدىغا تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشتى. بىراق خىتاينىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، موڭغۇلىيىدىكى خىتاي تەھدىتى تۇيغۇسىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا موڭغۇلىيە قايتىدىن رۇسىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن بولۇپ، 2009-يىلى، رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترى مېدۋېدېۋ موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى ھەمدە باش مىنىستىر ۋلادىمىر پۇتىنمۇ موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى موڭغۇلىيىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۆلەيدىغان بارلىق قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتكەن بولۇپ، مېدۋېدېۋ ۋە پۇتىننىڭ موڭغۇلىيە رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرى نەتىجىسىدە رۇسىيە يەنە موڭغۇلىيىنىڭ رۇسىيىگە تۆلەيدىغان بىر قىسىم قەرزىنىمۇ قەدەممۇ-قەدەم كەچۈرۈم قىلىۋېتىشنى قارار قىلغان.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى موڭغۇلىيىگە 125 مىليون دوللار قەرز بېرىدىغانلىقى ۋە يەنە 375 مىليون رۇبلىنى موڭغۇلىيىنىڭ چارۋىلارغا ۋاكسىنا ئۇرۇشى ھەم رۇسىيىگە قىلىدىغان سۈت ۋە گۆش ئېكسپورتىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئاجرىتىپ بەرگەن.
ئىچكى موڭغۇل مەسىلىسى ئەلبېگدورجى-مېدۋېدېۋ ئۇچرىشىشىدىن ئورۇن ئالدىمۇ؟
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى موڭغۇلىيىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى ئەلبېگدورجىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ 20 يىللىق رۇسىيە-موڭغۇلىيە يېڭى مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىكى ئەڭ يېقىن بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكى، دەپ تەسۋىرلىدى.
بىراق، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئەلبېگدورجى بىلەن مېدۋېدېۋنىڭ سۆھبەتلىرى ئارىسىدا ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى، جۈملىدىن موڭغۇللار مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلاتلار يوق. بىراق رۇسىيە تەۋەسىدە موڭغۇللار بىلەن بىر ئېتنىك گۇرۇپپىغا مەنسۇپ قالماقىيە ۋە بۇرىياتىيە جۇمھۇرىيەتلىرى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئوخشاشلا چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى دەپ ھېسابلاپ شىلىنغولدا ئۆلتۈرۈلگەن موڭغۇل چارۋىچى مەرگەنگە، جۈملىدىن ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى ۋە يايلاقلىرىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن نارازى بولۇپ كوچىغا چىققان موڭغۇللارغا كۈچلۈك ھېسداشلىقى قىلىدىغانلىقىنى پرېزىدېنت مېدۋېدېۋنىڭ ياخشى بىلىشى تەبىئىي.
ئىچكى موڭغۇلدىكى ئۆز قېرىنداشلىرى مەسىلىسى ھەققىدە ھازىرچە گەپ قىلمىغان موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى ئەلبېگدورجى 31-ماي كۈنى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.
خىتاينىڭ مەسىلىلەرگە بولغان ئېتىراپى
چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى ئەلبېگدورجىنىڭ موسكۋا سەپىرى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى نارازىلىقلىرىغا نىسبەتەن يېڭىچە مەيدانى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئىچكى موڭغۇل كۆمۈر كان ئىدارىسى «كۆمۈر كان ساھەسى ۋە كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش» ناملىق بىر ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار چارە تەدبىر قوللىنىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى باتۇر 1-ئىيۇن كۈنى خىتاي كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ژۇرنىلى «ئەمەلىيەت» تە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ ئىچكى موڭغۇلدىكى 60 % كەمبەغەل جايلارنىڭ موڭغۇللار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.