چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاپلانغان چوڭ خەتلىك گېزىت مەكتەپ ئىچىدە قاتتىق غول غۇلا قوزغىغان. بوشۈن تورىدا كۆرسىتىشىچە، مەكتەپ دائىرىلىرى مەكتەپ دەرۋازىلىرىنى قامال قىلىپ، تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ چوڭ خەتلىك گېزىتلەرنى ئوقۇشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، چوڭ خەتلىك گېزىت ھەققىدىكى خەۋەر يانفون ئۇچۇرى ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق جەمئىيەتكە كەڭ تارقالغان. بىز تور بېتىدىكى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، بۇ چوڭ خەتلىك گېزىتلەرنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەش ئارقىلىق، بۇلارنىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇتقۇچىسى خې مۇئەللىم تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى ئېنىقلىدۇق.
بۇ، 6 پارچە چوڭ خەتلىك گېزىت ئەسلى خې مۇئەللىمنىڭ "سىنا" تور بېكىتىدىكى بلوگىغا يېزىلغان 49 پارچە ماقالىسى ئىچىدىن تاللىۋېلىنغان. خې مۇئەللىم بۇ ماقالىلىرىدە، چىڭخۇا شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ناھەقچىلىكلەر ۋە مەكتەپ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئادىل بولمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئۆزى ناھەقچىلىكلەرگە نىسبەتەن نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ يەنە، مەكتەپ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى چىرىكلىك ۋە بيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنىمۇ پاش قىلغان. ئەينى چاغدا بۇ ماقالىلەر خې مۇئەللىمنىڭ بلوگىدا ئېلان قىلىنغىنىدا، بۇ ماقالىلەر نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. تورداشلار خې مۇئەللىمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بلوگىغا ھېسداشلىق مەكتۇپلىرىنى يازغان.
"بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى" نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ، ئۆزلىرى ئۈستىدىن پىكىر بېرىلگەن بۇ چوڭ خەتلىك گېزىتلەر سەۋەبىدىن مەكتەپنى قامال قىلىشى، خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بارغانچە چەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.
خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:" بۇ ئەسلى مەكتەپتىكى ئادەتتىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ، مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ مەسىلىلەرنى ئادىل ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ يازغان بىرقانچە پارچە تەلەپنامىسى.ئىلگىرىكى بىرنەچچە ئاي ئىچىدە بۇ ماقالىلەر خې مۇئەللىمنىڭ بلوگىدا ئېلان قىلىنغاندا، گەرچە جەمئىيەتتە خېلى زور ئىنكاس قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چاغدا توردا ئېلان قىلىنغىنى ئۈچۈن، مەكتەپ دائىرىلىرىنى بۇ قەدەر بىئارام قىلمىغان ئىكەن. مانا ئەمدى بۇ ماقالىلەردىن بىر نەچچە پارچىسى، مەكتەپ ئىچىگە چوڭ خەتلىك گېزىت قىلىپ چاپلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ دائىرىلىرى مەكتەپنى پۈتۈنلەي قامال قىلىشتەك تەدبىر ئالغان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، بۇ ماقالىلەرنىڭ مەكتەپ ئىچىگە چوڭ خەتلىك گېزىت قىلىپ چاپلىنىشى، جامائەت پىكرىدىن بەكلا ئەنسىرەيدىغان مەكتەپ دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. ھازىر خىتايدا بۇ خىل ئەھۋاللار ھەممىلا يەردە يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى چوڭ خەتلىك گېزىت ۋەقەسى پەقەت بىر ئۆرنەكلا خالاس."
مەلۇم بولىشىچە، بۇ يىل چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇڭا خىتايدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بۇ ئۇنىۋېرسىتېت تەتىل مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن ئىكەن. دەل مۇشۇ مەزگىلدە مەكتەپ رەھبەرلىكلىرى ئۈستىدىن يېزىلغان چوڭ خەتلىك گېزىتلەر مەكتەپ ئىچىدىكى بىرقانچە جايغا بىرلا ۋاقىتتا چاپلانغان.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، چوڭ خەتلىك گېزىتلەرنىڭ مەكتەپنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزگىلىدە چاپلىنىشى، مەكتەپ دائىرىلىرىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: " چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خىتايدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى. بۇ يىل بۇ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى تەبرىكلەنمەكچى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ مەكتەپنىڭ 100 يىللىق تەبرىكلەش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. ئەمما دەل مۇشۇنداق كۈنلەردە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ، مەكتەپ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى بيۇروكراتلىقنى پاش قىلىپ يازغان ماقالىلىرى مەكتەپ ئىچىدە چوڭ خەتلىك گېزىت قىلىپ چاپلاندى. يۈز ئابرۇيىنى ئەلا بىلىدىغان، ئۆزىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە كۆنۈپ قالغان، مەكتەپ ئىچىدىكى سەتچىلىكلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ھەر ۋاقىت ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرىدىغان مەكتەپ رەھبەرلىرى ئەلۋەتتە بۇ خىل ماقالىلەرنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ بىلىدۇ - دە."
دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ئۈزلۈكسىز بوغۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ، ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئۆتكەن ھەپتە، يەنى 7 - ئىيۇل خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى خىتايدىكى مەتبۇئات ھەم ئىنتېرنېت تەرەققىياتى ھەققىدە كۆك تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى مەتبۇئات ساھەسى ۋە ئىنتېرنېتقا قارىتا يولغا قويۇلغان چەكلەش بەلگىلىمىلىرىنى ئاقلىغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.