تۈنۈگۈن ۋە ئالدىنقى كۈنلىرى چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى تىبەت ئانا تىلى ۋە تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىغا، ئۆتكەن ئايدا چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى تىبەت تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقى سەۋەب بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ يىل 9 - ئاي مەزگىلىدە "چىڭخەي ئۆلكىسىدە 2010 - يىلدىن 2020 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مائارىپقا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانى"نى قاراردىن ئۆتكۈزگەن ۋە تىبەت تىلىدىكى مەكتەپلەردىن بۇ يىلدىن باشلاپ بۇ قارارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
رادىئومىز تىبەت بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشقان. 19 - ئۆكتەبىر چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ رېبكوڭ ( خىتايچە توڭرېن) ناھىيىسىدىن تەخمىنەن 5000 دىن 7000 غىچە تىبەت ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ھەم بىر قىسىم تىبەت راھىبلىرى ھۆكۈمەتنىڭ رايوندا خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.
چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن ئاشقاندا، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى نامايىشچى ئۇرغۇچىلار بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار تارقاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما نامايىش 20 - ئۆكتەبىر ۋە 21 - ئۆكتەبىرمۇ داۋاملاشقان.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تىبەتلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان تسولخو (خىتايچە خەينەن) ناھىيىسىدىمۇ تەخمىنەن 2000 ئەتراپىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچى كوچىغا چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە بۈگۈنمۇ رېبكوڭ ناھىيىسى گېدون چېپخېل ئوتتۇرا مەكتىپىدىن تەخمىنەن 500 دەك ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچى ناھىيە تەۋەسىدە كىچىك كۆلەمدە نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان.
رادىئومىز ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن رېبكوڭ ۋە تسۇلخو ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت قاتارلىق جايلارغا 3 كۈندىن بۇيان ئۇدا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلاردا تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى. ئىگىلىشىمىزچە ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىمۇ چىڭخەيدىكى نامايىش ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات بېرىلمىگەن.
رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن ئۆزىنىڭ 3 كۈن داۋاملاشقان نامايىش جەريانىدا، ناھايىتى كۆپلىگەن ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى قورشىۋالغانلىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ساقچىلارنىڭ ئاساسلىقى تەرتىپ ساقلىغانلىقىنى، نامايىش جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئاشكارا تۇتۇپ كېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى كۆزەتكۈچىلەر چىڭخەيدىكى خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇشىغا قارشى كۆتۈرۈلگەن بۇ نامايىشنىڭ سەۋەبى ھەم تەرەققىياتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ئىلمى دوكتورى ۋاڭ جۈنتاۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا خىتايدا "دۆلەت تىلى" دەپ قارىلىۋاتقان خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى، غەرب دۆلەتلىرى قوللانغان ئۇسۇل بويىچە شۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىشىغا يول قويغان بولسا، بەلكىم بۇنىڭ خىتاي مىللىتى بىلەن خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەلۇم پايدىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما، ھازىرقىدەك مەجبۇرلاش ۋاسىتىسىنى قوللانغىنىدا، ئەلۋەتتە شۇ رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقى كېلىپ چىقىشى تەبىئىي ئەھۋال ئىكەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپى" نامىدىكى خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى ھەققىدە توختالدى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆزىدە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرگە قارىتىۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپى" نامى بىلەن ئاتالغان سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ مىللەتلەر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇپ، ئانا تىل مائارىپىنى ۋەيران قىلىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىلمىي قائىدىلەرگە، خەلقئارا قانۇن - نىزاملارغا ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان مىللەتلەر باراۋەرلىكى قانۇن - بەلگىلىمىلىرىگىمۇ خىلاپ بولغان، مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان بۇ خىل سىياسەتنى مەيلى ئۇيغۇرلار ۋە مەيلى تىبەتلەر بولسۇن ھەر ئىككىسىنىڭلا قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ چىڭخەيدە قوزغالغان بۇ نامايىشنى تىبەت خەلقىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بارغان ھەققانىي ھەرىكىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلنى قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئەينى چاغدا پاكىستاننىڭ ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولۇشىدا پاكىستانلىقلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبىدىن قوزغالغان نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى مىسالغا ئالدى.
ئەركىن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپى" نامىدىكى مىللي مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قايتا قاراپ چىقىپ، ئۇيغۇر ھەم تىبەت رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلمىسا، بۇ خىل نامايىشلارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى، بەلكىم بۇ خىل نامايىشلارنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.