197 بەتتىن تەركىب تاپقان مەزكۇر روماندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يازلىق پايتەختى بەشبالىق شەھىرىدە 1020-يىلىدىن 1029-يىللىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بايان قىلىنغان.
كىتابتا ئاشۇ يىللاردا ياشىغان يۇلا ئىسىملىك ياش قىزنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە ئىشقى-مۇھەببىتى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغان.
روماندا بايان قىلىنىشىچە، ئەرتوغان ئىسىملىك بىر باي بۇددىست لامانىڭ ئۈچ ئوغلى ئارقا ئارقىدىن قازا تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يۇلا ئىسىملىك بىر قىزى دۇنياغا كۆزىنى ئاچىدىكەن. ئەرتوغان بىر كۈن ئويلاپ، پۈتۈن بايلىقلىرىنى ئۆزىنىڭ بىرلا ۋارىسى بولغان قىزىغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلىدىكەن.
يۇلا بىر تەرەپتىن دادىسىنىڭ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن تارتقان دەرد-ئەلەملىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئوپېرا كەسپىگە ئاتايدىكەن. ئەمما ئۇ ئاخىرىدا ئوپېرا كەسپىنىڭ ئويلىغىنىدەك ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدىكەن.
يازغۇچى مەمەت لەۋەنت قايا ئەپەندى يازغان «چۆلدىكى ئوپېرا» ناملىق روماننىڭ باش قىسمىدا تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە بەشبالىق شەھىرى ھەمدە روماندىكى ئوبرازلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن. كېيىن روماندىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. بىز رومان ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن روماننىڭ ئاپتورى مەمەت لەۋەنت قايا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.