بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ دىۋېللەدىن بايان قىلىشىچە، دۇنيانى يېتەكلەپ كېتىۋاتقان سەككىز چوڭ باي سانائەت دۆلىتىنىڭ باشلىقلىرى بۈگۈن، فرانسىيىنىڭ نورماندىكى دېڭىز بۇيىدا بىنا قىلىنغان دىۋېللە ئارامگاھىغا كېلىپ جەم بولدى. دۇنيا يېتەكچىلىرى بۇ جايدا ئۆتكۈزگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدا، نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭغا قارىتا قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ سەككىز چوڭ دۆلەت يىغىنى ئەرەب ئەللىرىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى قوللاش ھەققىدە پىكىرلەشتى. بۇ، ھازىر ئەرەب دۇنياسىغا ئۈمىد ۋە ئەندىشە ئېلىپ كەلمەكتە.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن فرانسىيىدە باشلانغان سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا تۇنىس، مىسىر ۋە ئەرەب بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپ قىلىندى. بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى، ئاساسەن، داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئەرەب دۇنياسى ۋە ياپونىيىدە يۈز بەرگەن يادرو كرىزىسى ئۈستىدە بولدى. يىغىننىڭ مۇزاكىرە تېمىلىرى ئىچىدە يەنە، لىۋىيە مەسىلىسى ۋە ئىنتېرنېتنى توسۇۋېلىشقا قويۇلىدىغان چەكلىمە مەسىلىسىمۇ بار.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ بۇ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدا، ئەسلىدە يىغىننىڭ ساھىبخانى بولىدىغان، ئەمما نيۇيوركتا يۈز بەرگەن سەتچىلىك تۈپەيلىدىن بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشتا بولالمىغان خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە تەشكىلاتى (IMF) نىڭ باش ساھىبى ستراۇس كاھننىڭ ئورنىغا، فرانسىيىنىڭ مالىيە مىنىستىرى كرىستىن لاگاردە تەيىنلەندى. يىغىندا داۋامىدا، دۇنيانى يېتەكلەپ كېتىۋاتقان سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتىنىڭ باشلىقلىرى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە ياردەم بېرىش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
فلورىدادا چىقىدىغان «سىياسىي ئۇچۇر تور گېزىتى» دە بايان قىلىنىشىچە، فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمترى مېدىۋىدىف، بۇ ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ، ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قۇرۇشنىڭ بىر ئورتاق چارىسىنى تېپىش ھەققىدە ئايرىم پىكىرلەشتى.
خىتاينىڭ خەلق تورى بۈگۈن بۇ سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان «سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە» دېگەن ماقالىسىدە، سەككىز كىشى ھەجۋىيلەشتۈرۈلگەن بىر رەسىمنى باستى ۋە يەنە، فرانسىيە خەلقى بۇ يىغىنغا قارشى چوڭ نامايىش ئۆتكۈزدى دەپ بايان قىلدى.
سىنا تور گېزىتىمۇ بۈگۈن ئېلان قىلغان «سەككىز چوڭ دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى دۇنيانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي مودېلىنى جاكارلىماقچى» دېگەن ماقالىسىدە، بۈگۈن فرانسىيىدە ئېچىلغان سەككىز چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان خىتايدىن ئىبارەت غايەت چوڭ ئىقتىسادى بازارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقى، بۇ يىغىننىڭ مۇھىملىقىغا قارىتا ھەرخىل نۇقسان پەيدا قىلماقتا، دەپ بايان قىلدى.
فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن ئەنگلىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، ھازىر بەزى جايلاردا خىتاي قاتارلىق يېڭى كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ چۆكۈۋاتقانلىقى دېگەنگە ئوخشاش تەسۋىرلەر پەيدا بولدى، بۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ رەت قىلىپلا قالماي، بەلكى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى دۇنيانىڭ يېتەكچىسى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىقتىسادىنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خېمىرتۇرۇچى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
0:00 / 0:00