ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنلا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ بارلىق مەھەللىلىرىدە ۋە ناھىيىلىرىدە خىتاي كوممۇنىستىك دائىرىلىرىنىڭ تىنچ نامايىشنى ئوققا تۇتقانلىقى ۋە بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە تارقاپ، يۇرت-جامائەتچىلىك ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق نىيىتىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە 19-ئىيۇل كۈنى شەھەرنىڭ جۇمھۇرىيەت سارىيىغا توپلاندى.
شەھەرلىك مەمۇرىيەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر نامايىشقا، بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 8 مىڭدىن 10 مىڭغىچە ئادەم قاتناشقان بولۇپ، سۆزگە چىققانلار بۇ قانلىق ۋەقەگە يول قويغان خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن بۇ جىنايەتنىڭ ئوبيېكتىپ تۈردە تەكشۈرۈلۈشىنى قەتئىي تەلەپ قىلغان ئىدى. نامايىشچىلار كۆكسىلىرىگە ماتەم لېنتىلىرىنى تاقىغان ھالدا، قوللىرىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى، شۇنداقلا «ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق!»، «بىز قان تۆكۈشكە قارشى!»، «ئۇيغۇرلار تېررورچى ئەمەس!» دېگەنگە ئوخشاش لوزۇنكىلارنى تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي مەۋقەسىنى كۆرسىتەلىگەن ئىدى ھەم قازاقىستان قانۇنلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك سەۋر-تاقەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلغان ئىدى.
بۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ بۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى دەسلەپكى نامايىشى بولۇپ، بۇ ھەققىدە يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ خەۋەرلەر تارقاتتى. بولۇپمۇ «نوۋوستى-قازاخستان»، «ئىنتېرفاكس-كازاخستان»، «كاز تاگ»، «نۇر كز»، «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «ك ت ك» ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى، گېزىت، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىلەر مەزكۇر ئاممىۋى نامايىشقا ئۆزلىرىنىڭ ئوبيېكتىپ باھاسىنى بەرگەن ئىدى. مەسىلەن، «نوۋوستى-قازاخستان» ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ يازغان:
«...قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئالمۇتىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈردى. غوجامبەردى ئۇنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولدى. يەكشەنبە كۈنى ئۆتكەن نامايىش قاتناشقۇچىلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەيدىغان شوئارلارنى كۆتۈردى ۋە ب د ت ۋە خەلقئارا ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرىنى پاجىئەنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىردى».
قازاقىستاننىڭ «ك ت ك» تېلېۋىزىيە قانىلى ئالمۇتا نامايىشىنى يورۇتۇپ، مۇنداق دېگەن:
«قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قۇربان بولغانلار خاتىرىسىگە 40 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى. بۇ ۋاقىتتا بايراملار، ئۆيلىنىش تويلىرى ۋە تۇغۇلغان كۈنلەر ئۆتكۈزۈش مەنىي قىلىنىدۇ". شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمكى، ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى قازاقىستاندا ياشاۋاتقان باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ نەزىرىدىن سىرت قالمىدى.»
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر نامايىش قاتناشقۇچىلىرىدىن قۇرۋانجان تۇرغانوف ۋە ئاسىيەم ھاشىم بۇ ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.