ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي دۇنيادا تارقىلىۋاتقان چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا نىسبەتەن قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ۋىرۇسقا تۇتقان پوزىتسىيىسى دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ھەددىدىن ئىشىپ كەتكەن زىيادە سەزگۈرلۈك دەپ تەرىپلەنمەكتە ۋە خىتاينىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى 14 - ماي كۈنى چوشقا زۇكىمى بىلە ن يۇقۇملانغانلارنى بالدۇر بايقاش، دوكلات قىلىش ۋە ئۇلارغا بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ئۈچۈن يېقىندا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمىنى كۆزىتىش لايىھىسى دەسلەپكى نۇسخىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ئېلان قىلدى.
لايىھىدە ئاساسلىقى چەتئەلدىن كەلگەنلەردىن تارقالغان چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى يامراش ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇنىڭدا ھەر قايسى يەرلىك ئورگانلارنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقىغان ھامان يۇقىرىغا مەلۇمات قىلىشى، چېگرا، پورت رايونلىرىنىڭ قاتتىق ھوشيار بولۇپ بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامىتىگە ئوخشايدىغان ئالامەتنى بايقىغان ھامان دەرھال ئىككى سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئەڭ تېز ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق يەرلىكتىكى ناھىيە دەرىجىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تېزگىنلەش ئاپاراتىغا مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ھازىر چوشقا ۋىرۇسى زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان كىشىدىن ھازىرغىچە ئىككىسى بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكىدىن سىچۇەنگە قايىتقان 30 ياشلىق بىر كىشى ، يەنە بىرى بولسا كانادىن بېيجىڭ ئارقىلىق شەندۇڭ ئۆلكىسىگە قايتقان 19 ياشلىق بىر ياش.
بۇ ئىككى كىشىنىڭ چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، خىتاي بۇ كىشىلەر ئولتۇرغان ئايروپىلاندىكى بارلىق كىشىلەرنى كارانتىنغا ئالغان. يەنە كانادادىن قايىتقان لۇ فامىلىلىك ياش بېيجىڭدا چۈشكەن مېھمانخانىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، مېھمانىغا چۈشكەن بارلىق كىشىلەرنى شۇنداقلا لۇنىڭ قىز دوستى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى كارانتىنغا ئالغان بولۇپ، ھازىر بېيجىڭنىڭ ئۆزىدىلا كارانتىنغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 426 گە يەتكەن. سىچۇەندىكى ۋەقەدە بولسا باۋ فامىلىلىك كىشى ئولتۇرغان ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ۋە ئۇ يۇرتى چېڭدۇدا ئۇچراشقان 126 كىشى بولۇپ جەمئىي 273 كىشى كارانتىنغا ئېلىنغان.
بېيچىڭدا ھازىر چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغان دۆلەتلەردىن كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى چۈشكەن مېھمانخانىلىرىدىن ئېلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ كونترول ئاستىغا ئېلىنماقتا. شىياڭگاڭغا بارغان بىر مېكسىكىلىقتا بۇ خىل كېسەل كۆرۈلۈشى بىلەن ئۇ بىمار ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يولغا چىققانلاردىن 166 كىشى بىر ھەپتە بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىدى.
بۇ خىل ئەھۋاللار دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ كېسەل كىشىلەرنى كەمستكەنلىك ۋە خالىغانچە ئادەم تۇتقانلىق دەپ ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان ئىدى. خىتاي ھازىر خەۋەرلەردە بۇ كېسەلنىڭ چەتئەلدىن كىرگەنلىكىنى ھە دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلارغا ھەتتا يۇقۇملانمىغان پەقەتلا گۇمان بىلەن قارالغانلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتتىق سەلبىي تەسىرلەرنى ياراتماقتا.
ب ب س دا چىققان خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي گەرچە بۇ قېتىم چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىغا قارشى قاتتىق تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم خىتايلار كېسەللىكىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىك دەرىجىسىنى خاتا مۆلچەرلەپ، ئەكسىچە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە، گەرچە بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇندىن 6 يىل بۇرۇن سارس ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندا قىلغان قىلىقلىرىدىن ياخشى دەرس چىقىرىپ ئوبدان تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئۇلار بەكلا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتتى، دېگەن.
ۋاشىنگتون جون ھاپكىنىس تەتقىقات ئورنىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى لې چىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە : خىتايدىكى رەھبەرلەر نىمىشقا بۇنداق ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ ئىشتا چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ۋە چەتئەل جامائەتچىلكىنىڭ جامائەت پىكرىنىمۇ بىلمەيدۇ، دېگەن.
خەۋەردە يەنە گەرچە خىتاي بۇ قېتىم كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا دىگەننى ياخشى چۈشىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ياخشى تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ ۋىرۇسنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش ۋە تارقىلىش كۈچى جەھەتتە سارس ۋىرۇسىدىن زادى قاندق پەرقىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويدى، دېيىلگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ خىتايغا كارانتىن ئاستىغا ئېلىشتەك تەدبىرلەرنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى كونتىرول قىلىشتا ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاينىڭ بۇ قېتىم بۇ ۋىرۇسقا نىسپەتەن زىيادە سەزگۈر بوپ كېتىشى خىتاي ئىچىدە كىشىلەرنى ھەددىدىن زىيادە چۆچۈتۈپ، گۆش بازىرىنى قالايمىقان قىلىپ نورمال ئىقتىسادقا تەسىر يەتكۈزگەن بولسا ، چەتئەللەردە دۆلەتلەر بىلەن دېپلوماتىك كرىزىس چىقىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچى خۇاڭ جۈن ب ب س گە بەرگەن سۆزىدە "خىتاينىڭ ئالغان تەدبىرلىرىنى چەتئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە ئېغىر سەلبىي ئاقىۋەت ئېلىپ كىلپلا قالماي، بەلكى ئىچكى جەھەتتە ئەسلىدىلا ياخشى بولمىغان ئىقتسادنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتتى" دېگەن.
مېكسكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينى كېسەللىكنى باھانە قىلىپ ئۆز پۇقرالىرىنى كەمستكەنلىكى ئۈچۈن خىتاينى ئەيىبلىگىنىدەك، كانادامۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىزمەت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بارغان كانادا پۇقرالىرىنى سەۋەبسزلا كارانتىنغا ئالغانلىقىغا جاۋاب بېرىشكە قىستىماقتا.
ئەمما مۇتەخەسسسىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ سارسقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە چوشقا زۇكىمىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ھەر ئىككىسىلا خىتاي ھۆكۈمتىنىڭ ئىنسان ئامىلىنى كۆرمەسكە سالىدىغان، ماتېرىيالىزىمچى ئىدىيىسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.