پۈتۈن ئىنسانىيەت چوشقا زۇكامىدىن مۇداپىئە كۆرمەكتە

مېكىسكىدا 4 ‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنى چوشقا زۇكامى بايقالغان ئىدى. بۇنداق جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان ھامان، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىنسانىيەت ھازىر جىددىي يۇقۇملۇق كېسەلىككە دۇچ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئاممىۋىي تازىلىق ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.

0:00 / 0:00

مېكىسكىدا چوشقا زۇكامى بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 149 غا يەتتى

مىكىسكا سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مېكىسكىدا 26‏ - چىسلاغىچە 1324 ئادەم چوشقا زۇكامى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئۇنىڭدىن 81 ئادەم ئۆلگەن. بۈگۈنكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، مېكىسكىدا چوشقا زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان ئادەم سانى تېز كۆپەيگەن، ئۆلگەن ئادەم سانى 149 غا يەتكەن.

ئامېرىكىدا مىكىسكىدىن تارقالغان چوشقا زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار سانى 40 قا يەتتى

ئامېرىكىنىڭ سەھىيە تارماقلىرىنىڭ بۈگۈن ئاشكارىلىشىچە، مىكىسكىدىن تارقالغان چوشقا زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بىمار سانى كالىفورنىيە شىتاتىدا 7، كانساستا 2، نيۇيورك شەھىرىدە 28، ئوخايودا 1، تېكساستا 2، جەمئى 40.

يېڭى زېللاندىيە، كانادا، ئىسپانىيىلەردىمۇ چوشقا زۇكامى بىمارلىرى بايقالدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېڭى زېللاندىيىدە، مېكىسكىدىن قايتىپ كەلگەن 11 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاللىقاچان يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. كانادادىمۇ، ئىسپانىيىدىمۇ چوشقا زۇكامى بىمارلىرى بايقالغان.

پۈتۈن دۇنيا ھازىر چوشقا زۇكامىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانماقتا

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چوشقا زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەردە، دەسلەپتە زۇكام بولغاندىكىدەك ئىسسىتما، يۈتەل، ھارغىنلىق، ئىشتەي تۇتۇلۇش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدىكەن. كىسەل كىشىلەر ئارا بەدەن ئارقىلىق ياكى ھاۋا ئارقىلىق يۇقىدىكەن. ئېنقلانغان ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ قېتىم تارقالغان چوشقا زۇكامىدا ئاساسەن 25 تىن 45 كىچە بولغان كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەن. بىمارلار ئەگەر بايقالغان ھامان داۋالانسا دورا ئۈنۈم بېرىدىكەن.

بۇنداق جىددىي يۇقۇملۇق چوشقا زۇكامى مېكىسكىدا تارقالغاندىن كېيىن، ھازىر ئامېرىكا، كانادا، يېڭى زىللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر چوشقا زۇكامىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاممىۋىي تازىلىق بۇيىچە جىددىي ھالەتكە ئۆتتى. ياۋروپا، ئوكيانىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى چوشقا زۇكامىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ۋە ئۆز خەلقىنى بۇ ئاپەتتىن ساقلاش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىىشقا باشلىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايىلىرىدىكى ئايرودروملاردا يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن ساقلىنىش تەكشۈرۈشى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

خىتاي، كورىيە، سىنگاپور، ۋېيتنام، فىلىپىن، مالايشىيا قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇ قېتىم مىكىسكىدا يۈز بەرگەن چوشقا زۇكامىنى، بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتايدا يۈز بەرگەن سارىس كېسەللىكى ۋە قۇش زۇكامىدىن شىددەتلىك يۇقۇملۇق زۇكام دەپ قاراپ، بۈگۈندىن باشلاپ ساياھەت قىلىشنى كونترول قىلىشقا باشلىغان.

1919 ‏ - يىلى 40 مىليون ئادەم يۇقۇملۇق زۇكامدا قىرىلىپ كەتكەن ئىدى

ۋاشىنگتون پوست گېزىتى بۈگۈن چوشقا زۇكامى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئىنسانىيەتكە 1918‏ - 1919 ‏ - يىللىرى كەڭ كۆلەملىك يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغاندا 40 مىليون ئادەم قىرىلىپ كەتكەنلىكىنى، مۇشۇ ئەسردىمۇ، سارس كېسەللىكى ۋە ھەر خىل تىپتىكى يۇقۇملۇق قۇش زۇكامى يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر تەكرارلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ، بۇ قېتىم يەنە ئۇنىڭدىنمۇ دەھشەتلىك بولغان چوشقا زۇكامى تارقالغانلىقىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈن 'چوشقا زۇكامى چوشقىغا يېقىنلاشمىغان كىشىلەرگە يۇقمايدۇ' دەپ تەشۋىق قىلدى

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' بۈگۈن چوشقا زۇكامى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە 'چوشقا زۇكامى چوشقىغا يېقىنلاشمىغان كىشىلەرگە يۇقمايدۇ. ئادەمدىن ئادەمگە يۇقمايدۇ' دەپ جاكارلىدى.

ئەمما رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىسرائىلىيىدە، بىر ئوقۇغۇچى مېكىسكىدىن قايتىپ كەلگەن ھامان دوختورخانىغا كېلىپ تەكشۈرتكەندە، ئاللىقاچان يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، مىكىسكىدا تارقالغان چوشقا زۇكامى چوشقا مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلمايدىغان ئىنسانلارنىمۇ يۇقۇملاندۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى

دوۋېي ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، چوشقا زۇكامى خىتايدا جىددىي ئەنسىزلىك ۋە داۋالغۇش پەيدا قىلدى. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتە كېلىپ چىقىۋاتقان بۇنداق تۇراقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مېكىسكىدىن ۋە ئامېرىكىدىكى چوشقا زۇكامى كۆرۈلگەن شىتاتلاردىن چوشقا گۆشى ئىمپورت قىلمايدىغانلىقنى جاكارلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، 5 ‏ - ئايدىن 10 ‏ - ئايغىچە جەمئىيەتتە تۇراقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن، ' قارا گۇروھلارغا زەربە بېرىش'، 'چوڭ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش' دېگەن نام ئاستىدا باسۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى.

باشقا دۆلەتلەرنىڭ چوشقا زۇكامىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى خىتاينىڭكىگە ئوخشىمايدۇ

دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ چوشقا زۇكامىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى خىتاينىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، مېكىسكا دائىرىلىرى ھازىر مىكىسكا شەھىرىگە يېقىن بولغان ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى، مۇزىيى، قاۋاق قاتارلىق چوڭ ئاممىۋىي سورۇنلارنى 5 ‏ - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاقاشنى جاكارلىدى. كىشىلەرنى كۆرۈشكەندە ئۆز - ئارا قول ئېلىشىش، سۆيۈشۈش ۋە ھەمتاماق بولۇشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى. مىكىسكىدا ۋە كېسەللىك تارقالغان جايلاردا، قاتناش تۈگۈنلىرىدە كىشىلەرگە ئاغزىغا تاقايدىغان ماسكا تارقىتىلىشقا باشلىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوشقا زۇكامىغا قارىتا جىدىي تەدبىر قوللىنىىشنى، ئەمما خەلقتە ئەنسىزلىك پەيدا قىلماسلىقنى جاكارلىدى ۋە جىددىي داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئەنگىلىيە، شىۋېتسارىيىلەرمۇ چوشقا زۇكامى بايقالغان ھامان داۋالانسا، تامىفلۇ Tamiflu قاتارلىق دورىلار ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنداقلا، ئەنگىلىيە، فرانسىيىلەر ئىنسانىيەتنى بۇنداق ئاپەتتىن مەڭگۇ ساقلاش ئۈچۈن، چوشقا زۇكامىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەشكە كىرىشتى.