ئالمۇتادا چۇقان ۋەلىخانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 175 يىللىقى خاتىرىلەندى
چۇقان ۋەلىخانوف قازاق مىللىتىدىن كېلىپ چىققان 19 - ئەسىردىكى مەشھۇر چاررۇسىيە ھەربىي ئوفىتسېرى ۋە سەيياھى. ئۇ 19 - ئەسىردە ئۇيغۇر ئىلىنى ساياھەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ 19 - ئەسىردىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە قىممەتلىك خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللا
يېقىندا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار ئىتتىپاقى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەشكىللىشىدە مەدەنىيەت-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، چۇقان ۋەلىخانوف تەۋەللۇدىنىڭ 175 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.