خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىنتېرنېت ساقچىلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇش بىلەن بىللە يەنە، خەلقئارادىكى چوڭ سودا شىركەتلىرى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىگە كاشىلا تۇغدۇرىدىغان ئىنتېرنېت خاككېرلىرى ئەڭ كۆپ توپلانغان دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاينىڭ «گۇاڭجۇ گېزىتى» ئۆتكەن جۈمە كۈنى تۇنجى قېتىم خىتايدا تاۋار ئېلانى ئارقىلىق كومپيۇتېردا ۋىرۇس تارقىتىدىغان 10 چوڭ سودا شىركىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا، «ئۇچار يولۋاس» گۇرۇھى، «HYC» گۇرۇھى، «HY» گۇرۇھى، «قېرى يىلان» گۇرۇھى، «192» گۇرۇھى، «GZWZ»گۇرۇھى، «CL» گۇرۇھى، «جاڭ فېڭ» گۇرۇھى، «WG» گۇرۇھى، «ئەننى» گۇرۇھى قاتارلىقلار ئىكەن.
«گۇاڭجۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ 2009-2010-يىللىق ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك دوكلاتى» دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا بايقالغان كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرىنىڭ تەخمىنەن 80%ning مۇشۇ 10 شىركەتتىن تارقالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كومپيۇتېر سودا شىركەتلىرى ھەر كۈنى تەخمىنەن 300 مىڭ كومپيۇتېرغا ۋىرۇس تارقىتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرىنى تارقىتىش ئارقىلىق تاپقان پايدىسى يىلىغا نەچچە يۈز مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.
دوكلاتتا بۇ شىركەتلەرنىڭ پەقەت خىتاي ئىچىدىكى كومپيۇتېرلارغىلا ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ چەتئەللەردىكى ئىنتېرنېت ساھەسىگە قىلغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختالمىغان.
ئەمما، خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «گۇاڭجۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتى، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا خەۋەر-ئاخبارات ئىدارىسى نازارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى كلپپېر ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ھەم ئىنتېرنېت ھۇجۇمى ھەققىدە ئىسپات بەرگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكلىرىدىن گېرمانىيىدىكى ئوسمانجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ھەم ئىنتېرنېت ھۇجۇمى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
ئەمما، ئىسپات بېرىش يىغىنىدىن بىر كۈن كېيىنلا «گۇاڭجۇ گېزىتى» دە خىتاينىڭ 2009-2010-يىللىق ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. شۇڭا بۇ دوكلاتنى خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان ئىنتېرنېت ھۇجۇمى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئېلان قىلغان دوكلات دېيىشكە بولىدىكەن.
ئوسمانجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدەك مۇستەبىت دۆلەتلەردە ئىنتېرنېت ساھەسى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىمۇ ئاساسەن سىياسىي مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇڭا خىتاي «كومپيۇتېر ۋىرۇسى تارقىتىۋاتىدۇ» دەپ ئېلان قىلغان بۇ شىركەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىنىشلىق بۆلىشى مۇمكىن دېيىشكە بولىدىكەن.
دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، بۇ شىركەتلەر كومپيۇتېردا كىشىلەرنىڭ ئېلخەت ئادرېسلىرىغا ساختا ئېلان ئەۋەتىش، توردا سودا قىلىش، توردا ئېلېكترونلۇق ئويۇنلارنى ئويناشقا تەكلىپ قىلىش، توردا ھەر خىل ناملاردىكى يۇمشاق دېتاللارنى سېتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.
ئوسمان ئەپەندى خاككېرلارنىڭ كومپيۇتېر ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ، خاككېرلارنىڭ ئىككى خىل مەقسەتتە: يەنى كومپيۇتېردا باشقىلارنىڭ ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، ياكى بىرلا ۋاقىتتا كومپيۇتېرغا ھۇجۇم قىلىپ، كومپيۇتېرنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئىنتېرنېت ئەڭ ئومۇملاشقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئەڭ زور ئىنتېرنېت قوشۇنىغىمۇ ئىگە دۆلەت ئىكەن.
بۇ قوشۇن ئىنتېرنېت ساقچىلىرى ھەم ئىنتېرنېت خاككېرلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خىتاي ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى خىتاي ئىچىدە پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش بولسا، ئىنتېرنېت خاككېرلىرىنىڭ ۋەزىپىسى چەتئەل شىركەتلىرى، ھۆكۈمەتلىرى ھەم خىتايغا قارشى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش ياكى ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئىكەن.
