خىتاي ئارا - دادامتۇ ۋەقەسىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرمەكتە

غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزا ئارا دادامتۇ كەنتىدە ئالدىنقى ھەپتە يەر ماجىراسى يۈز بەرگەن ئىدى. ماجىرادا، ھۆكۈمەت تەرەپ توپا تۈرتۈش ماشىنىسى بىلەن كېلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئۈچۈن تەييارلىغان يەرلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان، بۇ ئارقىلىق دېھقانلارنى كۆكتات تېرىشقا ياكى يەرلىرىنى سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان.

0:00 / 0:00

كەنت ئاياللىرى توپا تۈرتۈش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىدى. شىددەتلىك قارشىلىق نەتىجىسىدە ھۆكۈمەت تەرەپ يەر تارتىۋېلىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى.

بىزنىڭ تۈنۈگۈن ئىگىلىشىمىزچە، ھۆكۈمەت تەرەپ نۆۋەتتە، بۇ ۋەقەدە بىر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش بار دەپ قاراپ، شۇ كۈنكى ۋەقەدە ئاكتىپ بولغانلارنى سۈرۈشتە قىلغان ۋە سوراق قىلغان.

ئارا - دادامتۇدىكى يەر ماجىراسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي تېرىقچىلىق پىلانى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. ھۆكۈمەت تەرەپ مەزكۇر پىلانىنى يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش دەپ چۈشەندۈرمەكتە. بىراق يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مەزكۇر پىلانغا قارىشى باشقىچە. دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت بۇ ئارقىلىق، يەرنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، دېھقانچىلىق ماھىرلىرى دەپ ئاتاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئېلىپ بەرمەكچى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۇ ئەندىشىسى سەۋەبسىز ئەمەس؛ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي تېرىقچىلىق پىلانى ھەم ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قولى قىسقىلىقى سەۋەبىدىن، تېرىلغۇ يەرلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە يېزىلاردا دېھقانچىلىقتىن باشقا ئىش ئىمكانى يوق، ئۇلار ئۈچۈن بىردىن - بىر ياشاش قورالى يەر. شۇڭا دېھقانلار بۇ ئاخىرقى ياشاش قورالىدىن ئايرىلىشقا رازى ئەمەس.

دادامتۇ يېزىسى، دېھقانلارنى يەر سېتىپ بېرىشكە بۇيرىغاندا، پەقەتلا كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى تەۋسىيە قىلماقتا. يەنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرنى ئۆزلىرى تېرىغان ئەھۋالدا، يەرنىڭ نۆۋەتتىكى سېتىلىش باھاسىچىلىك پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى ئەسلەتمەكتە.

ئەمما ئارادادامتۇ ئاياللىرىنىڭ كۆزلىگىنى ھازىرقى مەنپەئەت ئەمەس، بەلكى بۇندىن بىر قانچە يىل ياكى 10 يىل كېيىنكى مەنپەئەت، چۈنكى، نۆۋەتتە نوپۇس غەيرىي نورمال شەكىلدە كۆپەيمەكتە، كېيىنكى يىللاردا يەرنىڭ باھاسى ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە ئۆسۈپ كېتىشى، بۇ سەۋەبتىن قايتا يەرگە ئىگە بولالماي قېلىشى مۇمكىن. ئارادادمتۇ ئاياللىرىنىڭ ئويلىغانلىرى مانا بۇ. ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەقەدىن ئالللىقانداق يامان نىيەت ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش ئىزدىمەكتە:

بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئاكتىپ رول ئوينىغان شەخس ئامانگۈل ئىسىملىك بىر ئايال. ئۇ شۇ كۈنكى ئاكتىپلىقى سەۋەبلىك، 3 كۈن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.

شۇ كۈنكى ۋەقەنى ھۆكۈمەت تەرەپ رەسىمگە ئالغان، خەلق ئىچىدىنمۇ ۋەقەنى رەسىمگە تارتقانلار چىققان، بىراق بۇ ھەرىكەت ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي گۇمانىنى قوزغىغان.

نۆۋەتتە، ساقچىلار ئارادادامتۇ ۋەقەسىدىن سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش ئىزدەش ۋە ۋەقەگە قاتناشقۇچىلارنى سوراق قىلىش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلماقتا. ئەشۇ كۈنكى ۋەقەدە نەق مەيداندا ۋەزىپە ئۆتىگەن، غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رازۋىتكا بولۇمىنىڭ خادىمى سەيدەخمەت سۇئاللىرىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى.

ۋەزىيەت ئارادادامتۇ ۋەقەسىنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بىشارەتلەر بەرمەكتە. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ ۋەقەنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە ۋە چارە - تەدبىرلەر ئۈستىدە ئويلانماقتا.