غۇلجا دادامتۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنىپلار ساقلىنىپ قالدى
2010.12.01
بىز بۇلتۇر 7- ئاي مەزگىلىدە غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما بەرگەن ئىدۇق. ئۇنداقتا يېزا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى تاقالغاندىن بۇيانقى ئەھۋال قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ بىز غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، دادامتۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە قوش تىللىق سىنىپلار ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزا خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقى سەۋەبىدىن ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇتۇش سىستېمىسى يەنىلا ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئىگىلىدۇق.
بۇلتۇر ئەتىيازدا غۇلجا شەھەر ئەتراپى يېزىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى بۇيرۇق بىلەن مەجبۇرىي تاقالغاندىن كېيىن، بىز كۆپ قېتىم شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن پەنجىم، دادامتۇ، بايانداي قاتارلىق يېزىلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆز يېزىسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەم شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەنلا تاقىلىپ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ "قوش تىللىق مەكتەپ" نامىدىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىدىكى مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگىنىگە نىسبەتەن ئەپسۇسلىنىشتى ۋە نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇنداقتا يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى تاقالغاندىن كېيىن، بۇ 6 يېزىدىكى مىللىي مەكتەپلەر پۈتۈنلەي قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلىپ بولۇندىمۇ؟ بىز تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق دادامتۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپى گەرچە يېزىدىكى خىتاي تىلىدىكى مەكتىپى بىلەن قوشۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن، بۇ مەكتەپنىڭ پۈتۈنلەي قوش تىللىق مەكتەپكە ئۆزگەرتىلمەي، ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش سىستېمىسىنىڭ ساقلاپ قېلىنغانلىقىنى، قوش تىللىق سىنىپلار سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى بىلدۇق.
دادامتۇ يېزىسىدىكى بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2007- يىلى 9- ئاي مەزگىلىدە بۇيرۇق بىلەن يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى تاقىۋېتىلىپ، مەكتەپنى قوش تىللىق مەكتەپكە ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، يېزىدىكىلەرنىڭ قاتتىق نارازى بولۇشى بىلەن، بۇ يىلدىن باشلاپ دادامتۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش سىستېمىسى ساقلاپ قېلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
بىز يەنىمۇ ئېنىقراق تەپسىلاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەم ئەھۋالنى بىرقەدەر پىششىق بىلىدىغان بىر قىسىم زىيالىيلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇزۇن يىل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ پېنسىيىگە چىققان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن دادامتۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپى يېزىدىكى خىتايچە مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلىپ، مەكتەپ باش مۇدىرى خىتاي قىلىپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتتىق تۇرۇۋېلىشى بىلەن، ئوقۇتۇش ئىشىغا مەسئۇل ئىلمىي مۇدىرلار ھەر ئىككى مىللەتتىن ئايرىم -ئايرىم بەلگىلىنىپ، خىتاي تىلى ھەم ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرى ئۆز ئالدىغا ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئېلىپ بارغان.
غۇلجىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى يىل ئىلگىرى ئىلى ئوبلاستىدىكى بەزى ئەمەلدارلار غۇلجا تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى دەرسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغىنى ئۈچۈن، ئالدىنقى يىلى ھەم بۇلتۇر بەزى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى دەرسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ ۋەقە ئەينى چاغدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. كېيىن بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ 2009- يىلى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىدا بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى سەۋەبلىك، بۇ يىلدىن باشلاپ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنى ئۆتۈش يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يىللاردىن بۇيان ئۆتۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ ئانا تىل مائارىپىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولمىغان خاتا قارار ئىكەنلىكىنى تەنقىدلىدى.
بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى بىزگە،غۇلجىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى رايوندىكى مىللىي مائارىپتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئىنكاس قىلغىنىدىن كېيىن،غۇلجىدىكى يېزا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ مەجبۇرى ھالدا قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلىش مەسىلىسى ھەم غۇلجىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنىڭ ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھازىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە بۇ يىللىق ئوقۇتۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن پېنسىيىگە چىقىشى قارار قىلىنغان بىر قىسىم تەجرىبىلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سېپىگە قايتۇرۇلۇپ كېلىنىپ ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار بىز بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا، غۇلجىدىكى شەھەر ئەتراپى يېزىلىرىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئوقۇتۇشىدا ھەم يېزىلاردا قانداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى شۇنداقلا يېزىدىكى ئاتا ئانا، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.