ئەركىن ئالىپتېكىن دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ 73 ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدە ئىڭراۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

2012‏-يىلى 6‏-ئىيۇل گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھەرلىك «پروتۇن» تىياتىرخانىسىدا، شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 7 يېرىمدىن 10 يېرىمغىچە داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتكە تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە يەرلىكلەردىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. پائالىيەتتە موڭغۇل، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان تەقدىرداش قىسمەتلىرى ئاڭلىتىلدى ۋە بۇ ئۈچ مىللەتنىڭ پەرقلىق مەدەنىيەتلىرى نامايان قىلىنغان ناخشا، مۇزىكا ۋە ئۇسۇللىرى ئورۇنلىنىپ ئىشتىراكچى تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالدى. بولۇپمۇ موڭغۇللارنىڭ جەڭگىۋارلىق ئەكس ئەتكەن مۇزىكىلىرى تاماشىبىنلارنى لەرزىگە سالدى.

دالاي لامانىڭ 73 ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتتە ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئىشتىراكچىلار بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى. 2012-يىلى 6-ئىيۇل، گوللاندىيە.

پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن گېرمانىيىدىن كېلىپ قاتناشقان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي كىملىك ئاسسىمىلياتسىيىلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى-ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئاپەتلىك كۆلەڭگىلىرىنى ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك بايان قىلىپ، ئىشتىراكچىلارغا ئاڭلاتتى.

پائالىيەت ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش پۇرسىتىدە «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى» ئەزالىرى، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىنغا كېلىشتىكى مەقسەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇيغۇر ئىشتىراكچىلىرىمۇ پائالىيەتتىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.