ئالدىنقى جۈمە كۈنى تورونتوغا يېتىپ كەلگەن دالاي لاما، شۇ كۈنى تورونتودا "ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا تىنچلىقى مۇساپىسى" دېگەن تېمىدا 30 مىڭ كىشىگە نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا تىنچلىقنىڭ ئاسماندىن چۈشمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بارلىق تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەرنىڭ كۈرەشلىرى ئارقىلىقلا مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ نۇتقىدا يەنە، تىبەت مەكتەپلىرىدە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشكە قارشى ئالدىنقى ھەپتىدە بېيجىڭ ۋە تىبەتنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ: " خىتاي ھۆكۈمىتى،تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە تىبەتنىڭ تىلى ھەم مەدەنىيىتىنى قوغدىشى كېرەك. كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەتنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستاندىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ناھايىتى كۆپ نەرسىلەر بار" دېدى.
دالاي لاما نۇتقىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سىياسەتتە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇپ، پۇقرالارنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە سادالىرىغا قۇلاق سېلىشنى ۋە نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى يېڭىباشتىن كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
دالاي لاما خىتايدىكى سىياسى ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلىشى ھەققىدە توختالغىنىدا: " بۇ مۇكاپات خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ۋە خىتايدا ئەركىن بىر جەمئىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن شۈبھىسىزكى، ياردىمى بولىدۇ " دېدى. ئۇ خىتايدا سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە سۆز قىلغاندا: "نازارەت بولمىغان بىر ھاكىمىيەت ناھايىتى ئاسانلا چىرىكلىشىدۇ. بۈگۈن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيىتى چىرىكلىك پاتقىقىغا پاتتى" دېدى. دالاي لاما شەنبە كۈنى تورونتودىكى خىتاي جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ 2001 - يىلىدىن بېرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن تىبەتتە 500 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن دالاي لامانىڭ رەھبەرلىك تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: " مەن 2010 - يىلىدىن بېرى يېرىم پېنسىيە ھالىتىدە ياشاۋاتىمەن. تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان، بۇ قېتىمقى يىغىنىدىن كېيىن تولۇق پېنسىيىگە چىقىمەن" دېدى.
دالاي لاما دىن بىلەن سىياسەت ھەققىدە توختالغاندا: "مەن دىن بىلەن سىياسەتتىن ئىبارەت ئىككى سىستېمىنى چوقۇم بىر - بىرىدىن ئايرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدىم. بۇ مېنىڭ ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن قارىشىم. مېنىڭچە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىمۇ ھاكىمىيەت بىلەن پارتىيىنى چوقۇم بىر - بىرىدىن ئايرىشى، بولۇپمۇ قانۇن پارتىيىنىڭ كونتروللىقىدا بولماسلىقى، ئاخبارات ۋاستىلىرى چوقۇم مۇستەقىل بولۇشى كېرەك " دېدى.
دالاي لاما پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بولىدىغان تىبەت مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەتلەرگە كىمنىڭ يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، تىبەت مەسىلىسىنىڭ دالاي لامانىڭ شەخسى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بارلىق تىبەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ كېيىنكى ئەۋلاد دالاي لامانىڭ تاللىنىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، دالاي لامالىق سىستېمىنىڭ داۋاملىشىش - داۋاملاشماسلىقىغا تىبەت خەلقىنىڭ قارار بېرىدىغانلىقىنى، ئەگەر تىبەت خەلقى بۇ سىستېمىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تىللىسا، ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلەر بويىچە، كېلەركى قېتىملىق دالاي لامانىڭ تاللىنىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىگە باشقىلار ئەمەس، بەلكى تىبەت خەلقىنىڭ قارار بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دالاي لامانىڭ تورونتودىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا، بەزى خىتاي جەمئىيەتلىرى ئۇنىڭغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ باياناتىدا، دالاي لاما خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغان ۋاكالەتچىسى، بىز ئۇنىڭ ۋەتەن ساتقۇنلۇق سۆز - نۇتۇقلىرىغا قارشى تۇرىمىز، دېيىلگەن.
تورونتودىكى دالاي لاما بىلەن خىتاي جەمئىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان يەن مىڭ دالاي لامانىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىق ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ نامايىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: "مېنىڭچە، نامايىش ئۆتكۈزۈش نورمال ئەھۋال، ئەمما نامايىشنىڭ مەزمۇنى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ ۋە ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئۇلار دالاي لامانى خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئەمما بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان دالاي لاما تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە بېرىشنى ئىزچىل تۈردە تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇلار بۇ نامايىشنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان،دېيىشكە بولىدۇ "دەيدۇ.
كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دالاي لاما ھۆكۈمىتى بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا، 1979 - يىلى 2 - ئايدىن 2008 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 33 قېتىم ئۇچرىشىش ۋە 9 قېتىم رەسمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان.
بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن دالاي لاما، 1959 - يىلى تىبەتتىن قېچىپ چىققاندىن بېرى، ھىندىستاندا ياشاپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى خىتاي دۆلىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى دەپ ئەيىبلەيدۇ. بۇ دالاي لامانىڭ 5 - قېتىم كانادانى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئۇ 2006 - يىلى كانادانىڭ پەخرىي پۇقرالىق شەرەپ سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.