خىتاي بۈگۈن دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى

خىتاي بۈگۈن، دالاي لامانىڭ سىياسىي ئەمەللەردىن ۋاز كېچىپ، تىبەتكە قايتىپ بېرىش ۋە مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر يېڭىدىن سايلاپ چىققان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقتى.

0:00 / 0:00

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن رەئىس پادما چولىن بۈگۈن، تىبەتلەرنىڭ ئارزۇلۇق دىنى داھىيسى دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى رەت قىلغان. ئۇ سۆزىدە، پەقەت دالاي لاما تىبەتنى مۇستەقىل قىلىشتىن ۋاز كەچسىلا، قايتىپ كەلسە ئىشىك ئوچۇق، ئەمما ئۇ ھازىر تېخى بۇ شەرتكە توشمايدۇ، دەپ جاكارلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن رەئىس پادما چولىن، مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر 30 نەچچە دۆلەتتە دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈپ سايلاپ چىققان مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنى قانۇنسىز تەشكىلات، بېيجىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش لاياقىتى يوق، دەپ جاكارلىغان.

تىبەت خەلقى سايلىمىغان بۇ تىبەت ئاپتونوم رايون رەئىسى پادما چولىن يەنە، مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر گە، ئالدى بىلەن تىبەت خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ۋە تەيۋەن خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك دەپ شەرت قويغان.

تىبەت مۇلاھىزىچىسى داۋا سېرىننىڭ قارىشىچە، دالاي لاما يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا مۇستەقىللىق ئەمەس، دەل ئاپتونومىيىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن دالاي لاما ھەققىدە ۋە مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى پۈتۈنلەي تۆھمەت. بۇ، خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ.

سىنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي بەلگىلىگەن رەئىسى پادما چولىننىڭ، بۈگۈن دالاي لامانىڭ يۇرتقا قايتىش مەسىلىسى ۋە مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىش مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ قىلغان سۆزلىرى، تامامەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى جۇ ۋېيچۈن، بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈندىن بۇرۇن ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزلەر بولۇپ، بۇ سۆزلەرنى خىتاي بەلگىلىگەن تىبەت رەئىسى يادلىۋېلىپ، بۈگۈن ئۇنى تەكرارلىغان.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەردە ئىككى چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىرى، تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى ۋە مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىسى دالاي لامانىڭ دەم ئېلىشقا چىققانلىقى، يەنە بىرى، تىبەتلەر 30 نەچچە دۆلەتتە ئومۇم سايلام ئۆتكۈزۈپ، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرىنى سايلاپ چىققانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر سايلاپ چىققان 43 ياشلىق باش مىنىستىر لوبساڭ سانگەي باياناتىدا، دالاي لامانىڭ تولۇق ئاپتونومىيە قۇرۇش يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ھازىرقى تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

دالاي لاما بولسا، سىياسىي مەنسەپلەردىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەنلىكىنى، ھازىر پۈتۈنلەي دەم ئېلىشقا چىققانلىقىنى، ھايات چېغىدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ ئىبادەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي سۆھبىتىدە تەيۋەن مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان بۇنداق ۋەزىيەتتە، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆزى تىبەت ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن رەئىس پادما چولىن ئارقىلىق تىبەت مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىققان.