تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ دۈشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا قىلغان زىيارىتى ئۇنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ۋاشىنگتوندىكى11 كۈنلۈك زىيارەت كۈنتەرتىپىنىڭ بىر قىسمى. دالاي لاما ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى زىيارىتىدە بىر قىسىم رادىئو خادىملىرىغا نۇتۇق سۆزلىدى ۋە خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ رادىئو خادىملىرىغا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئەسكەرتىپ، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى مىزان قىلغان ئامېرىكا روھىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە دۇنياغا تەتبىقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ «مېنىڭ بالىلىق ۋاقتىمدىن باشلاپ، بىز ئامېرىكىنى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ چېمپىيونى دەپ قارايتتۇق. ئامېرىكا روھى ئىچكى مەسىلىلەر ۋە بەزى قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئىزچىل مەۋجۇت ۋە بۇ روھنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر. بۇ پرىنسىپلار ئامېرىكىنىڭ ئىچى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى، بەلكى تاشقى دۇنياغىمۇ تەتبىقلىنىشى كېرەك. مېنىڭچە، ئامېرىكا يېقىنقى بىر قانچە 10 يىلدا دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا زور ياردەمدە بولدى. بۇ روھنى چوقۇم ساقلاپ قېلىش كېرەك. ئامېرىكا ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت، ھىندىستان بولسا نوپۇسى ئەڭ كۆپ دېموكراتىك ئەلدۇر. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كېلەچەكتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلايمەن» دەپ كۆرسەتتى.
دالاي لاما يەنە، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش روھىنى ئالغا سۈرۈشتىكى نېگىزلىك ئامىلنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن بۇنىڭ خىتاي، تىبەت، ئۇيغۇر ئېلىدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبلىك بۇ جەھەتتىكى ۋەزىپە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا چۈشكەنلىكى، بىراق مەزكۇر رادىئودا موڭغۇل بۆلۈمى يوقلۇقى ۋە موڭغۇل تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : «2008-يىلى تىبەتتە كرىزىس يۈز بەردى. 2009-يىلى بۇ كرىزىس ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پارتلىدى. بۇ يىل ئىچكى موڭغۇلدا كرىزىس يۈز بەردى. بۇ كرىزىس يۇقىرىقى 3 قېرىنداش ئاپتونوم رايوندا بارلىققا كەلدى. سىلەردە تىبەت ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمى بار. ئەمدى موڭغۇل بۆلۈمى چوقۇم قۇرۇلۇشى كېرەك. مەن بايامقى يىغىندا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ بېرلىن تېمىنىڭ يىقىلىشىدا مۇھىم ياردىمى بولغان. ھازىر ئۇچۇر توپلاش بۇرۇنقىدىن كۆپ ئاسانلاشتى. شۇڭا سىلەرنىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلەر سەۋەبلىك ئۇچۇر ئەركىنلىكى بوغۇلغان خەلقلەرنى تەربىيىلەش خىزمىتىڭلارنىڭ پەۋقۇلئاددە زور ياردىمى تېگىدۇ.»
دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى ئۇنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى زىيارەت. ئۇ ۋاشىنگتونغا كېلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بەينېر، ئاۋام پالاتا ئاز سانلىقلار رەھبىرى نەنسى پەلۇسى ۋە ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ئونتېرو قاتارلىق شەخسلەر بىلەن كۆرۈشكەن. لېكىن پرېزىدېنت ئوباما ۋە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان-كۆرۈشمەيدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر. دالاي لاما شەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا نەچچە مىڭ كىشىلىك ئاممىغا نۇتۇق سۆزلەپ، دۇنيا تىنچلىقى ھەققىدە توختالغان. دۇنيا تىنچلىقى چوقۇم ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى سەۋرچانلىقتىن باشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا قىلغان زىيارىتىدە رادىئو خادىملىرىغا نۇتۇق سۆزلەش بىلەن بىرگە، رادىئومىزدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، تىبەت مەسىلىسى ۋە خىتايدا دېموكراتىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە دائىر بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئاستىدىكى ئىستىقبالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە موڭغۇللارنى ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە چاقىردى. دالاي لاما «ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر خەلقى، جۈملىدىن يېقىندا ئۆزىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىككە قارشى ئاداۋەت ۋە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىچكى موڭغۇل خەلقى ئۈمىدۋار بولۇشى كېرەك، چۈنكى ۋەزىيەت ھامىنى ئۆزگىرىدۇ. مەن ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن. ئۇلارنىڭ روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن ۋە قايىللىقىمنى بىلدۈرىمەن» دەپ كۆرسەتتى. دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى تىبەت مەسىلىسى نازۇك بىر دەۋردە تۇرۇۋاتقان، دالاي لاما ۋاپات بولسا، تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ دېگەن مەسىلە، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر جىددىي باش قاتۇرۇۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
دالاي لاما ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسىنى قانداق تاللاش مەسىلىسى خىتاي بىلەن دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى جىددىي ئىختىلاپلارنىڭ بىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى 1995-يىلى دالاي لاما 10-بەنچەننىڭ ئورنىغا تەيىنلىگەن ئۆسمۈرنى نەزەربەند قىلىپ، گيالتسېن نوربو ئىسىملىك بىر بالىنى 10-بەنچەننىڭ ۋارىسى دەپ ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى سۈرگۈندىكى تىبەتلەرنى جىددىي قايغۇغا سالغان ئىدى. بۇ يىل 76 ياشلاردىكى دالاي لاما يېقىندا ئۆزىنىڭ ۋارىسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، 15-دالاي لامانىڭ چەتئەلدە تۇغۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقى ۋە ئۆزىنىڭ 15-دالاي لامانى تاللايدىغان بىردىن-بىر سالاھىيەتلىك شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «مېنىڭ قايتا تۇغۇلۇشۇم ھەققىدىكى مەسىلىدە ئاخىرقى قارار قىلىش ھوقۇقى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىلىكىدە ئەمەس، بەلكى مېنىڭ ئىلكىمدە» دېگەن ئىدى.
دالاي لاما يەنە تىبەت ياشلىرىنىڭ سەۋر-تاقىتى توشۇۋاتقانلىقى، بەزى ياشلارنىڭ رادىئوغا تېلېفون قىلىپ، تىبەت ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى، تىبەت ياشلىرىدىكى بۇ ئىنتىلىشكە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى زور كۆپچىلىك تىبەتلەر ئۆزىنىڭ «مۆتىدىل يولى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، تىبەتلەر ئۈچۈن زوراۋانلىقنىڭ سۆز تېمىسى بولالمايدىغانلىقىنى، نۇرغۇن خىتايلارنىڭ تىبەتلەرنى قوللاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تىبەت ياشلىرىنىڭ بۇ نۇقتىنى بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بىراق دالاي لاما، تىبەت مەسىلىسى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىسە، قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىدى. ئۇ، پەقەت خىتاينىڭ ھامىنى ئۆزگىرىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيان ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش ياساۋاتقانلىقىنى، مانا ھازىر خىتاي باش مىنىستىرى دېموكراتىيە ھەققىدە سۆزلەيدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دالاي لاما مۇنداق دەيدۇ: «مانا ئەمدى باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ خىتاينىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئاشكارا سۆزلەيدىغان بولدى. دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەققىدىكى سادا يىلدىن-يىلغا كۈچەيمەكتە. بۇ ئەھۋال مەڭگۈ بۇنداق كېتىۋەرمەيدۇ. ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن ھامىنى رېئاللىققا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.» 2001-يىلدىن بېرى، خىتاي بىلەن دالاي لامانىڭ ۋەكىلى 9 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆھبەتلەردىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان. بۇ ئەھۋالدا تىبەت ياشلىرى ئارىسىدا دالاي لامانىڭ ئالىي ئاپتونومىيىنى نىشان قىلغان «مۆتىدىل يولى» غا گۇمان بىلەن قارايدىغان، «مۆتىدىل يول» نى تەنقىد قىلىدىغان سادالار كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى.