دالاي لاما د ئۇ ق ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەتنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لاما د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىپ، 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، دالاي لامانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنى خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ھەم تەشكىلاتلارغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.