دالاي لاما دارامسالادا 3 مىڭ كىشىلىك مۇخلىسىغا سۆزلىگەن نۇتقىدا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئاتالغۇنى قوللاندى. ئانالىزچىلار دالاي لامانىڭ بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشى بېيجىڭغا بېرىلگەن بىر سىگنالدۇر، دەپ قارىماقتا.
تىبەت خەلقىنىڭ ھىندىستاندا سۈرگۈندىكى روھانىي داھىيسى دالاي لاما چارشەنبە كۈنى دارامسالادا مۇخلىسلىرىغا سۆزلىگەن نۇتقىدا تۇنجى قېتىم ئاشكارە "شەرقىي تۈركىستان" ۋە "شەرقىي تۈركىستان خەلقى" دېگەن ئاتالغۇنى قوللاندى. دالاي لاما تىبەت قوغىلىڭىنىڭ 51 يىللىقى ۋە لخاسا ۋەقەسىنىڭ 2 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 3 كىشىلىك مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، "ئېغىر قىنچىلىقلار ۋە كۈنسېرى جىددى باستۇرۇشلارغا مۇپتالا بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك". "مەن ئۇلارغا ھەمدەمچى ئىكەنلىكىم ۋە ئۇلار بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيمەن" دېگەن.
ئامېرىكىدىكى بەزى ئۆكتىچى ئانالىزچىلار دالاي لامانىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تىلغا ئېلىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، ئۇنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ سۆزى خىتاي دائىرىلىرىغا بېرىلگەن بىر سىگنالدۇر، دەپ قارىماقتا. ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى زات ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى دالاي لامانىڭ شەرقىي تۈركىستان نامىنى مەقسەتسىز تىلغا ئالمىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان خىتاي زىيالىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ، "دالاي لامانىڭ بەرمەكچى بولغان سىگنالى شۇ، سەن ئالدامچىلىققا تايىنىپ، بىزنىڭ سۆھبەت ۋەكىلىمىزنى ئالداپ كەلدىڭ. خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئالدىدىڭ. جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىز دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان سۆھبەت ئىدى. دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ئالدامچىلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىزنىڭ تاقىتىمىز توشتى، بىز ئەمدى مېغىزلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىمىز. شۇڭا يالغۇز تىبەت مەسىلىسىدىلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە راست گەپنى قىلىشتۇر"، دەپ كۆرسەتتى.
دالاي لاما شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر ئەھۋالدا ياشاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان بۇ ۋاقىت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتقان ۋاقىت بىلەن ئوخشاش بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. نۇر بەكرى ھازىرغا قەدەر "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە چېتىلىپ، 200 گە يېقىن كىشىنىڭ جازالانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ئۇ، مۇخبىرلارنىڭ ۋەقەدە زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن ئىدى.
دارامسالدىكى پائالىيەتكە تىبەتلىك سەرگەردانلار، راھىبلار، راھىبەلەر ۋە تىبەتنى قوللايدىغان نۇرغۇن غەربلىكلەر قاتناشقان. كۆك - سېرىق - قىزىل رەڭلىك تىبەت بايرىغىنى كۆتەرگەن ئاھالە خىتايغا قارشى مەزمۇندىكى لوزۇنكىلار بىلەن كوچا ئايلىنىپ، تىبەت سەرگەردانلىرىنىڭ سۈرگۈنگە قوغلانغانلىقىنىڭ 51 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
دالاي لاما مۇراسىمدىكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلەيدىغان تىبەت كادىرلىرىنى دارامسالاغا چاقىرىپ، "مەن تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان تىبەت كادىرلىرىنى ئەركىن دۇنيادا ياشايدىغان تىبەت ئاھالىسىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن. ئۇلار ھۆكۈمەت نامىدا ياكى شەخسىي سالاھىيەت بىلەن زىيارەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسە بولىدۇ" دېگەن.
ساۋ چاڭچىڭ، "دالاي لامانىڭ شەرقىي تۈركىستان نامىنى تىلغا ئېلىشى بۇ ئادەتتىكى ئاتالغۇ مەسىلىسى بولماي، بۇ ئۇنىڭ پىكىردە ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە باغلىغان ئۈمىدى ئۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى"، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ":دالاي لامانىڭ بۇ قېتىم جوڭگو كومپارتىيە شىنجاڭ، دەپ ئاتايدىغان بۇ جاينى ئاشكارە شەرقىي تۈركىستان، دېگەن نام بىلەن ئاتىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ 1 - ئەھمىيىتى دالاي لامانىڭ پىكرىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. دالاي لاما بۇرۇن شىنجاڭنى بۇ نام بىلەن ئاتاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. چۈنكى بۇ ئاتالغۇ تالاش - تارتىشتىكى بىر ئاتالغۇ. كومپارتىيە ۋە جۇڭگۇئولۇقلار بۇ رايوننى بېسىلۋېلىنغان زېمىن، دېگەن مەنىدىكى شىنجاڭ، دەپ ئاتاپ، بۇنىڭغا خەنزۇ شوۋېنىزىمىنى ئارىلاشتۇرىۋالىدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا بۇ جاينى شەرقىي تۈركىستان، دەپ ئاتاپ، بۇ زېمىننىڭ جوڭگو زېمىنى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ. مەسىلە يالغۇز ئاتالغۇ مەسىلىسى ئەمەس. بۇ نام مەزكۇر زېمىننىڭ تارىخىي، رېئاللىقى، مەدەنىيىتى ۋە ھەقىقى ئەھۋالىغا بولغان بىر قاراشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ........جوڭگو ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز، دەپ ھەر قېتىم دالاي لامانى ئالداپ كەلدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشى ئۇنىڭ بېيجىڭغا باغلىغان ئۈمىدىنى ئۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ".
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرگۈندىكى تىبەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى خېلى بۇرۇن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن رەسمى ھەمكارلىقى 1980 - يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان ئىدى. ئەينى چاغدا دالاي لاما تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇيغۇر - تىبەت - ئىچكى موڭغۇلىيە ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىققان. لېكىن بۇ تەشكىلات ئەينى چاغدىكى شەرت - شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان ئىدى.
ساۋ چاڭچىڭ، دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇيغۇرلار بىلەن مەلۇم مۇساپە ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى دالاي لامانىڭ بۇ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ " ئۇيغۇرلار تىبەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دالاي لاماغا ھۆرمىتى بار. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن تىبەت خەلقى ئىتتىپاقلاشسا كۈچىمىز زورىيىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن مەسىلىنىڭ نېگىزى دالاي لامادا. چۈنكى دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى جوڭگو ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن خام - خىيالدا بولۇپ كەلدى. دائىم چىداش، يول قويۇش، مۇرەسسە قىلىش پوزىتسىيە تۇتۇپ، راست گەپ قىلىشكە جۇرئەت قىلالمىدى. خەلقئارا جەمىيەتنى قوزغاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن سۆزلەشكە مەيلى بارمىدى. ئەمما دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى سۆزى بىر باشلىنىش. ئۇنىڭ ئادەتتىكى خۇپىيانە سورۇندا ئەمەس، بەلكى تىبەت خەلقىنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتىدە بۇ سۆزنى قىلىشى كىشىگە ئۇنىڭ پىكرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن بىرلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەندەك تەسىرات بېرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
دالاي لامانىڭ ۋەكىلى 2002 - يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن 10 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ھىچ بىرى ئەمىلى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئاخىرقى سۆھبەت بۇ يىل 1 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ تىبەتكە ئالى ئاپتونومىيە بېرىش توغرىسىدىكى پىلانىنى رەت قىلغان ئىدى.
دالاي لامانىڭ دارامسالادىكى نۇتقى شۇ كۈنى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا دالاي لامانىڭ نۇتقىنىڭ "نەپرەت بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقى، ھەيران قالغۇچىلىك يېرى يوقلۇقى"، "غەزەپلىك رىتورىك بىلەن تولغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرۈپ، "ئۇنىڭ 4 دەن بىر قىسىم جوڭگو زېمىنىدا ئالى ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش تەلىپىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.