ئەمما تىبەتلىك سىياسىي پائالىيەتچىلەر دالاينىڭ تەيۋەن زىيارىتىنىڭ يەنىلا سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئەقىدە سىلەرگە مەلۇمات يەتكۈزىدۇ.
تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما، تەيۋەندە ئۈچ كۈندىن بۇيان زىيارەتتە بولماقتا، ئۇ تەيۋەن بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، مەتبۇئاتلارغا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى تەيۋەن زىيارىتىدە ئاساسلىق بۇددا دىنىي ئەقىدىسى ھەققىدە توختىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇراسىملاردا بۇددىزىمچە نوم سۆزلەپ، تەيۋەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ بەخىتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق خىتاينىڭ ئورگان مەتبۇئاتلىرى سەيشەنبە كۈنى، دالاينىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە نارازلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ قوللىرىدا" يوقال دىنىي تونغا ئورۇنىۋالغان سىياسىي ئۇنسۇر، تەيۋەن جوڭگۇنىڭ زىمىنى" دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، دالاينىڭ دىنىي سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەس ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى كوچىمۇ - كوچا تارقىتىپ يۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
دالاي لاما، سەيشەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ گاۋشۇڭ شەھىرىدىكى مەشھۇر تەنتەربىيە زالىدا "بىز ھەممىمىز بىر يەر شارىدا ياشايمىز، بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ئورتاق" دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، تېنچلىقنىڭ مۇھىملىقى، باشقىلارنىڭ ئوي - پىكىرى ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش كېرەكلىكى، قارشى تەرەپكە ئىچكى ھىسياتنى تولۇق ئىپادىلەپ ئۆز - ئارا پىكىرلىشىشنى، دۈشمەنگە بولغان ئۆچمەنلىكتىن خالى تۇرۇپ، دۈشمەنگە ھۆرمەت بىلدۈرگەندە ئاندىن ھەقىقى تېنچلىقنىڭ بەرپا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بولۇپمۇ سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ئۆزىدە يۇقىرى سىياسىي ئىرادە تىكلەپ، خەلقنىڭ رايى بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەكلىكىنى، ئۆز خائىيىشىدىن مۈستەسنا بولۇشىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
دالاي لاما نۇتقىدا يەنە، زوراۋانلىق ۋاستىسى ئارقىلىق، ھەقىقەت ۋە ئادىللىققا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زوراۋانلىقىنىڭ كونتورۇل قىلىش قېيىن بولغان ئاقىۋەتلەرنى، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆلۈم مەيدانغا كەلتۈردىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
دالاي لامانىڭ تېنقىلىقنى ياقلىغۇچى بىر دىنىي داھى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن تىبەتلىك بىر سىياسىي پائالىيەتچى مۇنداق دەيدۇ ": دالاي لاما مەركىزى درامسالادىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ۋە تىبەت ياشلار قۇرۇلتيىنى، ئىزچىل تۈردە زوراۋانلىقتىن خالى تۇرۇشقا چاقىرىپ، تېنچلىق يولى ئارقىلىق تىبەتلەرگە ھەققىي ئاپتونومىيە ئېلىپ كېلىشنى تەشەببۈس قىلىپ كەلدى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ بۇددىزىم ئەقىدىسى بويىچە ئىش كۆرۈش، تېنچلىقنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇش، دوستانە ئۇسۇل بىلەن مەسىلە ھەل قىلىش، دىئالوگ ئارقىلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈمىدىنى يەردە قويۇپ، ئۇنى ئەيىپلەپ كەلمەكتە، بۇ قېتىم دالاي لاما ئۆز ئىپادىسىنى ئوچۇق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى يەنىلا 300 كىشىلىك نامايىش ئەترىتى تەييارلاپ، ئۇنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ئۈچۈن كۆلەڭگۈ پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى".
دالاي لاما گاۋشۇڭ شەھىرىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئۆتكەن يىلى سىچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئاپەت رايونىغا 50 مىڭ دوللار ياردەم بېرىش ئىلتىماسىنىڭ، يېڭى دېھلىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى، مەزكۈر ياردەمنىڭ ئاخىرى خەيرى ساخاۋەت يوللىرى بىلەن يەتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىدىكى بىر تىبەتلىك مۇنداق دەيدۇ ": دالاي لاما، ھەر خىل چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دوستانە شەكىلدە مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بۇ ھىسياتىغا ھىچقاچان ھۆرمەت بىلدۈرمىدى. ئۇنى ئەڭ ئەشەددى دۈشمەن دەپ تونۇدى. خىتاي ھۆكۆمىتىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى تىبەت خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ھەسسىلەپ كۈچلەندۈردۇ خالاس، چۈنكى دالاي لامانىڭ تىبەت خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ھىچنەرسە تولۇقلاپ بېرەلمەيدۇ، تبەتلەر دالايغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىبەتتىن پىيادە يول يۈرۈپ، درامسالغا بېرىپ ئۇنىڭغا تاۋاپ قىلىشنى ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ بەخت دەپ ھېسابلايدۇ، بۇ مۇساپىگە يېتىش ئۈچۈن قانچىلىغان تىبەتنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق".
تىبەت سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي دالاي لامانىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەتتە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىگە نارازلىق بىلدۈرۈپ، دالاينىڭ زىيارىتىگە يول قويغان دۆلەتلەرنى، جوڭگۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشقانلىق دەپ ھېسابلاش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سەلبى تەسىر كۆرسۈتىدىغانلىقىنى، مەيلى دالاي لاما زىيارەت مەقسىدىنىڭ سىياسىي تۈسكە ئىگە ئەمەسلىكىنى قانچە تەكىتلىسىمۇ، يەنىلا خىتاينىڭ ھەر خىل توسقۇنلۇقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقنى، دېمەك دالاينىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەتتە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ يەنىلا چوڭقۇر سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.