دالاي لاما خىتاينىڭ نوپۇس تەھدىتى ھەققىدە توختالدى

تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لاما بۇ يىل 24 ‏ - ماي كۈنى، ئەنگلىيىدە چىقىدىغان Guardian يەنى مۇھاپىزەت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىيارەت داۋامىدا ئۇ، خىتاينىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن، تىبەتكە بىر مىليون نوپۇس يۆتكەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلىيلەشسە، تىبەتتە ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە تىبەت نوپۇسى خىتاي ستاتىستىكىلىرىدا 5 مىليون دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ 2 مىليون 400 مىڭى تىبەتتە ياشايدۇ، قالغان قىسىمى چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ. تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەت نوپۇسى 1959 ‏ - يىلى 6 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، 2000 ‏ - يىلىغا كەلگەندە 5 مىليونغا چۈشكەن. خىتاينىڭ قارىشىچە بولسا، تىبەت نوپۇسى 1959 ‏ - يىلدىكى 2 مىليون 700 مىڭدىن، 5 مىليون 400 مىڭغا يۈكسەلگەن. نۆۋەتتە تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي نوپۇسى 158 مىڭ 570 بولۇپ، تىبەت نوپۇسىنىڭ %6 ئىگىلەيدۇ، تىبەتلىكلەر نوپۇسى بولسا %92.8 نى ئىگىلەيدۇ.

تىبەت پائالىيەتچىلىرى تىبەت رايونىدىكى نوپۇس نىسبىتىنى رايوندىكى مۇھىم بىر ئۈستۈنلۈك دەپ بىلىپ كەلمەكتە. ئەمما بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتتىن دەرس ئالغان تىبەتلىكلەر نوپۇس مەسىلسىگە قارىتا سەزگۈر پوزىتسىيە تۇتماقتا. دالاي لامانىڭ The Guardian گېزىتىدە بىلدۈرۈشىچە، دالاي لاما خىتاينىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن تىبەت رايونىغا 1 مىليون نوپۇس يۆتكەشنى پىلانلىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەن. دالاي بۇ ئۇچۇرنى تىبەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە ئېكولوگىك تەڭپۇڭلۇقىغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان شىزاڭنى ئېچىش ۋە شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش پىلانىنىڭ تىبەتنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى بۇلغىۋەتكەنلىكىنى، بۇ خىل بۇلغىنىش سەۋەبىدىن، خەلق ئارىسىدا تۈرلۈك كېسەللەر پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دالاي لاما سۆزىدە خىتاينىڭ مەزكۇر نوپۇس يۆتكەش پىلانىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئېكولوگىيىلىك زىيىنىدىن باشقا ، تىبەتلىكلەرنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىغىمۇ چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئەگەر تىبەتكە يەنە بىر مىليون خىتاي كۆچۈپ كەلسە، تىبەتتە ئاپتونومىيىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ دەپ بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە دالاي لامانىڭ ئۈمىدى تىبەتتىكى نوپۇس ئۈستۈنلۈكىدە بولۇپ، ئەگەر ھەقىقىي ئاپتونومىيە يولغا قويۇلسا، ئەركىن سايلام نەتىجىسىدە رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي - مائارىپ ھوقۇقى تەبىئىي ھالدا تىبەتلىكلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىدۇ؛ مەركىزى ھۆكۈمەت ھاكىمىيىتى سىقىپ چىقىرىلىدۇ . بۇ ئۈستۈنلۈك ئەينى ۋاقىتتا تىبەتلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق يولىغا ئاساس ھازىرلايدۇ. ئەگەر خىتاي تىبەتتىمۇ خىتاي نوپۇسىنى ئۈستۈنلۈككە يەتكۈزسە ، ئۇ چاغدا دالاي لامانىڭ ئاپتونومىيە پىلانى ئەمەلىيلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

خىتاينىڭ كۆچمەن نوپۇسى تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇھىم بىر تېما بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي زىيالىيلىرىدىن ۋاڭ لىشيۇڭ ئالدىنقى ئايدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقان ئەڭ چوڭ سەۋەب دەپ بايان قىلغان ئىدى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرسا، تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتايدىكى پەلەستىنگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

كۆچمەن نوپۇس مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ماقالىلىرىدىمۇ مۇھىم بىر تېما. " مۇستەقىللىقىمىزدا ئۈمىد بارمۇ؟" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئىزچىمەن ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈرىشىدە، خىتاي كۆچمەن نوپۇسىنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە نۆۋەتتىكى مىللىي ھەرىكەت نىشانىنىڭ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى چېكىنىشكە مەجبۇرلاش بولۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر كىتابخانلار ئارىسىدا كوپ تالاش - تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ كىتاب، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچىلار قوللانمىسى دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.

يەنە ، ئەبۇ پامىر ئوغلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئاپتورمۇ ماقالىسىدە ،خىتاي كۆچمەن نوپۇسىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئۇيغۇر رايونىدا "تېنچ - تەرەققىيات" مۇھىتى يوقلۇقىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھېس قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

تىبەتتە خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكىدەك كوپىيەلمەسىلىكىنى بەزى كۆزەتكۈچىلەر، تىبەتنىڭ ئالاھىدە ھاۋا مۇھىتىغا باغلاپ چۈشەندۈرسە، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر تىبەتتىكى قارشلىق ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشماقتا.