ئاپتورنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىككى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى - جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىمۇ، جۇڭخۇا مىنگونىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىمۇ ھەر ئىككىسى 'تىبەت ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى' دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ گەپنى خىتايدا ئاڭلىمىغان ئادەم يوق، ئەمما ھېچكىم بۇنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. چۈنكى بۇ گەپ پاكىتقىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس، مەنتىقىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس.
تىبەت تارىختا مۇستەقىل دۆلەت
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 'تىبەت ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى' دېگىنىگە تاڭ، يۇەن، چىڭ سۇلالىلىرىنى ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تىبەت شۇ دەۋرلەردىمۇ مۇستەقىل دۆلەتلا ئەمەس، بەلكى قۇدرەتلىك دۆلەت ئىدى. ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
تىبەت مىلادى 7 - 8 - ئەسىرلەردىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر مۇستەقىل دۆلەتلا ئەمەس، بەلكى تېررىتورىيىسى كېڭەيگەن، ھەتتا تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن شەھىرىنىمۇ بىر مەزگىل ئىشغال قىلىپ تۇرغان قۇدرەتلىك دۆلەت ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، تاڭ سۇلالىسى قۇدرەتلىك تىبەت پادىشاھى سوڭ زەنگەنپۇغا خوشامەت قىلىپ ھەتتا مەلىكىلىرىنىمۇ تەقدىم قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا تەقدىم قىلىنغان 'مەلىكە' ھەققىدە تاش ئابىدىگە ئويۇلغان خەتلەر، دەل تاڭ سۇلالىسىنىڭ تىبەت ئىشغالىيىتىدە ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتى.
ئەمما، ھازىرقى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇنى 'تىبەت ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى' ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتى دەۋالدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغاندا، مەلىكەڭنى خوتۇن قىلغان تىبەت پادىشاھىنىڭ يۇرتى سىنىڭ زېمىنىڭ بولۇپ قالامدۇ؟ قەدىمقى زامانلاردا دۇنيادا 'قۇدىلىق مۇناسىۋەت' دەپ ئاتىلىدىغان مۇناسىۋەت بولغان، ئەمما قايسىبىر دۆلەتنىڭ خىتايدەك مەنتىقىسىز گەپ قىلغىنى يوق.
مىلادى 10 - 11 - ئەسىرلەردىكى سۇڭ سۇلالىسى بىلەن تىبەتنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە پاكىت يوق. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن، مىلادى 13 - 14 - ئەسىرلەردە، موڭغۇللار قۇرغان يۇەن سۇلالىسى تىبەتنى بىر مەزگىل ئىشغال قىلغان ئىدى. ھازىرقى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇنىمۇ 'تىبەت ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى' ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتى دەۋالدى. ئەينى زاماندا موڭغۇللار رۇسىيە زېمىنلىرىنىمۇ بېسىۋالغان ئىدى. خىتاي بۇنى نېمىشقا 'خىتاينىڭ بىر قىسمى' ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ؟
خىتايلار قۇرۇپ 14 - 17 - ئەسرلەرگىچە داۋام قىلغان مىڭ سۇلالىسى بىلەنمۇ تىبەتنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. ئەمما خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدىن كېيىن مانجۇلار قۇرۇپ 17 - 20 - ئەسرلەرگىچە داۋام قىلغان چىڭ سۇلالىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ يىللاردا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تىبەتكە 4 قېتىم كىرىپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى دالاي لامانىڭ تەلىپى بىلەن نېپالنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈشكە ياردەم بەرگەن ئىدى.
1652 - يىلى 5 - ئەۋلاد دالاي لاما چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندا، مانجۇ پادىشاھى 40 چاقىرىم يول يۈرۈپ دالاي لامانىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالغان ۋە تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن دالاي لامادىن ياردەم تەلەپ قىلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، تىبەتكە ھۇجۇم قىلغان مانجۇ قىسىملىرىنى ئەينى ۋاقىتتىكى دالاي لاما تىبەتتىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. شۇ يىللاردا خىتاينى ئىشغال قىلىپ تۇرغان مانجۇلارنىڭ تىبەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى 'تىبەت ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى' ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتى دېسە مەنتىقىغە ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟
تىبەت 1950 - يىلىدىن باشلاپ كوممۇنىست ئىستىلاسىغا ئۇچرىدى
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭدىن كېيىنكى جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىدە تىبەت مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ تۇرغان. پەقەت 1950 - يىلىدىن كېيىن، تىبەت ئاندىن كوممۇنىست ئىستىلاسىغا ئۇچرىدى. ئەينى ۋاقىتتا، كوممۇنىست خىتاي قىسىملىرىنىڭ سانى تىبەتلەرنىڭ نوپۇسىدىنمۇ كۆپ ئىدى. تىبەتنىڭ ئاران 7 مىڭ ئەسكىرى بار ئىدى. ئادەمنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەيدىغان دالاي لاما ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىدى.
خىتاي تىبەتكە 'دالاي لامانىڭ داھىلىق ئورنى ئۆزگەرمەيدۇ'، 'تىبەتتە سوتسىئالىستىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلمايدۇ'، 'تىبەتلەرنىڭ مۈلكىگە قىلچە چىقىلمايمىز' دەپ ۋەدە بېرىپ، تىبەت بىلەن '17 ماددىلىق تىنچلىق كېلىشىمى' ئىمزالىدى.
بۇ دەۋردە، ماۋزېدۇڭچىلار لېنىن، ستالىنلارنى دوراپ ۋەدىسىدە تۇرمايلا قالماي، بەلكى تىبەتلەرنى قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق باش ئەگدۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما تارىخنى ئۆزگەرتەلمىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.