خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشتا دالاي لامانىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى


2008.03.18

INDIA_TIBET_DALAI_LAMA_49_thumb.jpg
دالاي لاما بۈگۈن دارامسالادا ئۆزىنىڭ بۇ نامايىشىنى تەشكىللەش ۋە پىلانلاش بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ھەمدە ئەگەر بۇ نامايىشنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلاشسا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. AFP Photo

18 - مارت كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا 10 - مارتتىن بۇيان تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرى ۋە قوشنا رايونلاردا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نامايىش ۋە بىر قاتار ئەگەشمە ھەرىكەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مەزكۇر نامايىشىنى تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما گۇرۇھىنىڭ باش بولۇپ تەشكىللىگەنلىكى، پىلانلىغانلىقىنى ۋە قوزغاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات بارلىقىنى بىلدۈرۈپ " دالاي گۇرۇھى ئەزەلدىن تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز، پەقەت تىنچ يوسۇندا دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنى ئىزدەيمىز دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى" دېدى.

دالاي لاما:" ئەگەر ئىشلارنى كونترول قىلغىلى بولماي قالسا، مەندە سىياسىي ھاياتتىن چېكىنمەكتىن ئۆزگە ئامال يوق"

دالاي لاما بۈگۈن دارامسالادا ئۆزىنىڭ بۇ نامايىشىنى تەشكىللەش ۋە پىلانلاش بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ھەمدە ئەگەر بۇ نامايىشنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلاشسا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دالاي لاما زوراۋانلىقنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە يات ئىكەنلىكىنى ھەمدە خىتاي خەلقى بىلەن تىنچ يوسۇندا بىللە ياشاشنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ: " ئەگەر ئىشلارنى كونترول قىلغىلى بولماي قالسا، مەندە سىياسىي ھاياتتىن چېكىنمەكتىن ئۆزگە ئامال يوق" دېدى.

سامدوگ رىنپوچې : " بۇنى ئالدىن پىلانلانغان دېيىش پۈتۈنلەي خاتا"

Tibet-protest-flag-200.jpg
تېنچلىق نامايىشى باشلىغان تىبەتلىكلەر. AFP Photo

بۈگۈن تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سامدوگ رىنپوچې خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇردى ۋە ئۆتكەنكى بىر نەچچە كۈن جەريانىدا تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدە ۋە باشقا قوشنا رايونلاردا يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ ھەرگىزمۇ ئالدىن پىلانلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: " بۇنى ئالدىن پىلانلانغان دېيىش پۈتۈنلەي خاتا."

ئۇ يەنە، تىبەتتە يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەنىڭ 10 - مارت 7 - 8 نەپەر تىبەت راھىبىنىڭ تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بارغان نامايىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن مەيدانغا چىققانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ تىبەت نامايىشچىلارغا زوراۋان ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتكەندىن كېيىن نامايىشنىڭ بارا - بارا زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېن جىياباۋ: " خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دېيىش پۈتۈنلەي يالغان گەپ"

ئالدىنقى كۈنى دالاي لاما تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدە توختالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن 49 يىل جەريانىدا تىبەتتە يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى ئەيىبلەپ ئۇنى " مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى"دەپ ئاتىغان ئىدى. بۈگۈن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ بېيجىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا دالاي لامانىڭ ئېيتقانلىرىغا رەددىيە بېرىپ تىبەت تىنچ يول بىلەن ئازات قىلىنىپ تىبەتتە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، تىبەتنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە " خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دېيىش پۈتۈنلەي يالغان گەپ" دېدى.

بەن كاردۇس: "تىبەت بۇددىزمى تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ نېگىزى"

بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىكى تەتقىقاتچى بەن كاردۇس مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان ھازىر "خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ" دېگەن مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"بىز دالاي لامانىڭ تىبەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ دېگەن باياناتىنى قوللايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ئىچىدىكى دالاي لامانىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ئارقىلىق تىبەت بۇددىزمىنى ۋەيران قىلىشقا ئىز چىل تىرىشىپ كەلدى. تىبەت بۇددىزمى تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ نېگىزى. تىبەت بۇددىزمىدىن ئايرىلغان تىبەت مەدەنىيىتى ئۆز نىشانىنى يوقاتقان بولىدۇ."

بەن يەنە، يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ ھازىر تىبەتلەرنىڭ تىبەت تىلىنى ئىشلىتىشىگە قاتتىق چەك قويۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆز بالىلىرىنى تىبەت تىلىدا ۋە تىبەت مەدەنىيىتىدە تەربىيىلەش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھىندىستانغا ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينى تىبەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دېيىش يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تىبەت مۇستەقىللىق نامايىشىنىڭ ئوتىنى خىتاي پايتەختىگە يەتتى

مەلۇم بولۇشىچە، 10 - مارت تىبەتتە باشلانغان نامايىش ھازىر تىبەتكە قوشنا چىڭخەي، گەنسۇ ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىرىدىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا كېڭىيىپلا قالماي، تىبەت ئوقۇغۇچىلار ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان خىتاي ئىچىدىكى مەكتەپلەرگىچە كېڭىيىشكە باشلىدى.

ئالدىنقى كۈنى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ قورۇسىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان بولسا، بۈگۈن بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسىدا نەچچىلىگەن تىبەت ئوقۇغۇچىلار جىم ئولتۇرۇش نامايىشى ئېلىپ بېرىپ تىبەت مۇستەقىللىق نامايىشىنىڭ ئوتىنى خىتاي پايتەختىگە ئېلىپ كەلدى.

رويېتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 40 نەپەرگە يېقىن تىبەتلىك ئوقۇغۇچى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسىدا يىغىلىپ نامايىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى قايتىپ كېتىشكە قىستىغان بولسىمۇ، ئەمما تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار قايتىپ كېتىشنى رەت قىلغان.

نامايىشچىلارنى رەسىمگە تارتماقچى بولغانلارنى قوغدىغۇچىلار يېقىن كەلتۈرمىگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.