ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋالدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋالدى. ئانالىزچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاقسارايدىكى سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 18 -ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﺭﺍﻳﺪﺍ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 18 -ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﺭﺍﻳﺪﺍ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﺎﻗﺴﺎﺭﺍﻱ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتىن سەل ئىلگىرى دالاي لاما ۋەكىللىرى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان، لېكىن سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرىلاشقان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ تىبەت روھانىي داھىسىنى كۈتۈۋېلىش قارارىنى ئۆزگەرتەلمىگەن ئىدى.

دالاي لاما پرېزىدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئوباما تىبەت روھانىي داھىسىنى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە كۈتۈۋالدى.

بۇ ئوبامانىڭ ھاكىمىيەت سورىغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم دالاي لامانى كۈتۈۋېلىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەيشەنبە كۈنكى ئۇچرىشىشى پرېزىدېنتنىڭ ئاقسارايدىكى كۈندىلىك ئىش بېجىرىدىغان ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىسىدا ئەمەس، بەلكى ئاقساراينىڭ خەرىتە بۆلۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى روبېرت گىببس، مۇخبىرلارنىڭ ئۇچرىشىش جەريانىنى رەسىمگە تارتىشىغا پۇرسەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىۋاتقان چاغدىكى كۆرۈنۈشكە ئائىت رەسىملىكنى ئاقساراي ئۆزى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەريانىدا مۇزاكىرە قىلغان مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلاتى ئاخبارات ساھەسىگە مەلۇم ئەمەس. دالاي لاما سۆھبەت ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تىبەت مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ۋە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ تىبەتكە ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش مەقسىتىدىكى "ئوتتۇرا يولى"نى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئاياللارنىڭ رەھبەرلىكتىكى رولىنى كۆپرەك جارى قىلدۇرۇش، ئۆرپ ‏ - ئادەت ۋە دىنىي ئەنئەنىلەرنى قوغداش شۇنداقلا تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، "مەن بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئەلۋەتتە بۇ پرېزىدېنتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بولدى. مېنىڭ مەيدانىم ئوتتۇرا يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش. پرېزىدېنت مېنىڭ بۇ تەشەببۇسىمنى ناھايىتى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى" دەپ كۆرسەتتى.

دالاي لامانىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ئۇ يەنە، ئوبامانىڭ سايلام مەزگىلىدە ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالىنى سورىغانلىقى ۋە خىتاي زىيارىتىدە تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان.
 
بۇ قېتىمقى سۆھبەت خىتاي ‏ - ئامېرىكا ئارىسىدا سودا، يۈئەننىڭ قىممىتى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىش قارارى، گوئوگلە ۋەقەسى ۋە خىتاينىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇشقا قارشى چىقىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن جىددىي ئىختىلاپ تۇغۇلغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. خىتاي بولسا ئاقساراينى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى بىكار قىلىشقا چاقىرىپ، ئەگەر ئوباما تىبەت رەھبىرىنى كۈتىۋالسا، بۇ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. لېكىن ئاقساراي پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۈگۈنكى كۆرۈشۈشنى 2009 ‏ - يىلى نويابىردىكى خىتاي زىيارىتىدە خۇ جىنتاۋغا ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشنىڭ شەخسى سۆھبەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى روبېرت گىببس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، "پرېزىدېنت ئوباما نويابىردىكى بېيجىڭ سەپىرىدە رەئىس خۇ جىنتاۋ ۋە باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىز دالاي لاما بۇ كۆرۈشۈشنى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلغان" دەپ ئەسكەرتتى.

ئانالىزچىلار بولسا، خىتاينىڭ كۆرۈشۈش جەريانىدىكى قائىدە تەرتىپكە، كۆرۈشۈشنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىغا ۋە كۆرۈشۈشكە كىملەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ئۈچۈن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

لېكىن ئاقساراينىڭ باياناتچىسى گىببس، ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىش ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يەنىلا بەزى ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى چەكلەش، شىمالىي كورىيە مەسىلىسى ۋە يەر شارى ئىقتىسادى كرىزىسىغا تەڭ قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە ھەمكارلىشىشقا ئوچۇقتۇر. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بەزى ئىختىلاپلار مەۋجۈت" دەيدۇ.

پرېزىدېنت ئوباما ئۆتكەن يىلى نويابىردىكى خىتاي زىيارىتى سەۋەبى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى كېچىكتۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار ئوبامانىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. لېكىن روبېرت گىببس پەيشەنبە كۈنكى يازما باياناتىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تىبەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "پرېزىدېنت خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس دىنىي، مەدەنىيىتى ۋە تىل كىملىكى ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچلۈك دەرىجىدە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى،" دەپ تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت