خىتايلار بىزگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىدۇ

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىق ھالدا يەر ئېلىشى، تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇرىدى. مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە بىرقانچە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەنگەندىن باشقا، داڭلىق ژورنالىستلار پروگراممىلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ داۋاملىق ھالدا تىلغا ئېلىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان `ترت رادىئو تېلېۋىزىيىسى` ناملىق ژورنالنىڭ 4-ئايلىق سانىدا `بىر تىنچلىق ئىنقىلابچىسى دالاي لاما` ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە تۈركىيىدىكى تونۇلغان ژورنالىست، `قىرمىزى ھات` يەنى `قىزىل سىزىق` ناملىق پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى دەۋرىم گۇرقاننىڭ دالاي لاما بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەييارلانغان بولۇپ، ماقالە تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلايدۇ:

`قىرمىزى ھات` پروگرامما ئۈچۈن تىبەتلەرنىڭ روھانى لىدېرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتۇق. تۇنجى قېتىم بىر تۈرك ژورنالىستقا بايانات بەرگەن دالاي لاما، دۇنيانىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدىن، مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىغا، تىبەتتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە، ئالىي ئاپتونومىيەدىن، دۇنيادىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگىچە بولغان بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. بىز روھانىي لىدېر دالاي لامانىڭ دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوكقا، ئىسلام دىنىغا بولغان كۆز قارىشى، بەخىتلىك بولۇش، بۇددىزم پەلسەپىسىگە ئوخشاش مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ژورنال ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

ماقالىدا ژورنالىست دەۋرىم گۈرقاننىڭ تىبەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر مەسىلە بار، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى. تۈرك جامائەتچىلىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ سىلەر دۇچار بولىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىۋاتىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇجادىلە ئۇسۇلى سىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتامسىلەر؟ دېگەن سوئالىغا دالاي لاما مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: "خىتايلار تىبەتلەرگە قارشى بىراز يۇمشاق مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. چۈنكى تىبەت دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىپ كېلىۋاتقان بىر يەر، ھەر كۈنى دېگۈدەك دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا تىبەت ھەققىدە خەۋەرلەر بار. يەنى تىبەتتە بولۇۋاتقانلار دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا يېرىنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئەمما شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇنداق بىر ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتايلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تېخىمۇ بەك بوزەك قىلدى. بەزى ۋاقىتلاردا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىق پائالىيەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇۋاتىمىز. بەزى شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئەمما مەن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمەن. مەندەك ئويلايدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ بار. قىسقىسى ئىككىلا مىللەت ئەقەللى ھەق ۋە ھۇقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتلىرىمدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىۋاتىمەن. دۇنيا جامائەتچىلىكىگە شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم كۆرۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش بىزنىڭ ئەخلاقىي ۋەزىپىمىز."

تۈركىيىدە تونۇلغان ژورنالىست دەۋرىم گۈرقان ئەپەندى مەخسۇس دارامسالاغا بېرىپ، دالاي لاما بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى سورىغان، دالاي لاما باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرى مەرھۇم ئەيسا يۇسۇف ئالىپتېكىن بىلەن 1980 - يىللاردا ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مەنىۋىي ئانىسى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچرىشىشى، بۇ ئۇچرىشىشلاردا نېمىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن.

تىبەتلەرنىڭ روھانىي لىدېرى دالاي لامانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دېگەن بۇ سۆزلىرىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۇيغۇرلار تىبەتلەر بىلەن قانداق ياردەملىشىشى كېرەك؟ دالاي لامانىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ساياھىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.