دالاي لاما خىتاينى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى، خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم مۇھىم دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە خەلقئارادىكى بىر قىسىم داڭلىق كۆزەتكۈچىلەر، سىياسەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىسىتىگە قارىتا قاراشلىرىنى بايان قىلماقتا.

0:00 / 0:00

ئالدىنقى كۈنى تىبەت دىنىي داھىسى دالاي لاما ي جەنۋەدە سۆز قىلىپ، 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى مەغلۇبىيىنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتكەن. نۆۋەتتە خىتاي بىر تەرەپتىن، 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ مىللىي ياكى دىنىي مەسىلە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەقەدە خىتاي خەلقىنىڭ جىق ئۆلگەنلىكىنى، ۋەقە پەيدا قىلغانلار ئارىسىدا رادىكال دىنىي ئۇنسۇرلار بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، ۋەقەنىڭ 60 يىللىق خاتا سىياسەتنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا شاۋگۈەن ۋەقەىسىنىڭ پەقەت قوزغاتقۇچ رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

دالاي لاما جەنۋەدە قىلغان سۆزىدە، خىتاينى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدىكى خاتالىقنى تونۇشقا ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان.

ئۇ سۆزىدە " ئەگەر خىتاي راستىنلا ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشمەكچى بولسا، چوقۇم ئالدى بىلەن سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن. دالاي لاما سۆزىدە يەنە ئىناۋەت، ئىشەنچنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا زوراۋانلىق بىلەن ئەسلا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

دالاي لاما سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ زوراۋانلىق قوللىنىپ تىنچلىق شەكلىدىكى نامايىشلارنى توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ياش ئەۋلاتلارنى زواراۋانلىق يولىغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دالاي لاما بۇ پىكرىنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت - خىتاي زىيالىيلار سۆھبىتى جەريانىدا بايان قىلغان. مەزكۇر سۆھبەتكە، خىتاي ۋە تىبەتلىكلەردىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. دالاي لاما يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۆزلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ سۆزنىڭ دىپلوماتىك سۆز ياكى سەمىمىي سۆز ئىكەنلىكى نامەلۇم. چۈنكى ھازىرغا قەدەر مۇھاجىرەتتىكى بەزى خىتاي زىيالىيلىرى لاسا ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ خىتاي ئىچىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئاساسى ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقى ئېھتىمالدىن ئۇزاق كۆرۈلمەكتە.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى، 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بار دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ ئەسلى سەۋەبىنىڭ سىياسەتتە ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . دالاي لاما بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتە كۆپلىگەن خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئۆز خاتالىقلىرىنى كۆڭلىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتمەي تۇرۇپ، ۋەقە چىقىشتىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ھازىرغا قەدەر، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ ياڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى رېئاللىقىنى ئېتىراپ قىلىش تەشەببۇسىدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئالامىتى يوق. ئەكسىچە قاتتىق قوللۇقتا ئەسەبىيلىشىدىغانلىقىنىڭ ئىشارەتلىرى كۆرۈلمەكتە. خىتاي ئالدىنقى كۈنى يەنى پەيزىۋات ناھىيىسىدىن ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكىگەن. بۇ خىتاينىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسىدىن ھېچقانداق دەرس ئالمىغانلىقى كۆرسەتمەكتە.

دالاي جەنۋەدە قىلغان سۆزىدە، بۈگۈننىڭ خىتاي ئۈچۈن تىبەت ۋە ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىش پەيتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تىبەتنىڭ كېلەچكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتسا ئۈمىدسىزلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما دۇنيادىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى كۆزدە تۇتسا، تىبەتنىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دالاي لاما يەنە ئۆزىنىڭ 74 ياشقا كىرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تىبەت داۋاسىنىڭ، ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى تىبەت داۋاسىنىڭ بىر شەخسنىڭ داۋاسى ئەمەس، 2000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بىر مىللەتنىڭ داۋاسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

دالاي لاما ھازىرغا قەدەر خىتايدىن ئاپتونومىيە تەلەپ قىلماقتا. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، توكىيودا قىلغان سۆزىدە، تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ دالاي لامادىن پەرقلىق تەرەپلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن. رابىيە خانىم بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، دالاي لامانىڭ ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.